ئېلىمىزدە گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتەرلىك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 16:55

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ كۆلۈمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق دۇنيا بويىچە ياسىمىچىلىقى 1-چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ئۇ كۆپ قېتىم تەكىتلەپ: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ زور تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ياسمىچىلىق جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا زاۋۇتىدىن دۇنيا دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىغا ئايلىنىشقىچە، كۈنسېرى پۇختىلىنىۋاتقان دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىدىن ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى تېخنىكىلار، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالاتكىچە، يېڭىلىق يارىتىش گۈللەنمە كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇملۇقىغا ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جانلىق ھاياتى كۈچ قوشتى.

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق ئادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14-قېتىملىق ئادېمىكلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو قۇدىرەت تېپىشنى، گۈللىنىشنى ئويلىسا پەن-تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم-پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە تىرىشىپ ئايلىنىشى كېرەك. بىز سېفىرلىشىش، تورلىشىش، ئەقلىيلىشىشنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەقلىيلەشتۈرۈشنى پىشاڭ قىلىپ، يېڭى قۇۋۋەت يېتىشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر توپىنى ئالدى بىلەن يېتىشتۈرۈپ ۋە زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز؛ ئالاقە تورى، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئاقىلنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق ئەندىزىسى ۋە كارخانا ھالىتىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساپ، ئېلىمىز كەسىپلىرىنىڭ دۇنيا زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىسىگە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

جياڭسۇ ئۆلكىسى ئېلىمىزنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى باشلامچى قوشۇن ھېسابلىنىدۇ، 2018-يىلىغىچە، جياڭسۇنىڭ ياسىمىچىلىق كۆلۈمى ئۇدا 8 يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭسۇ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل كونترول قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىجتىمائىي سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇخۇا: بىز ھەجىم ۋە مىقدارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، مەلۇم بىر ساھەسىدە چېمپىيون بولساق، ئۇنداقتا بىز مۇشۇ كەسىپ جەنزىرىنىڭ ھالقىسىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىمىز، دېدى.

نەنتۇڭ جىنكاڭ كەپشەرلەش چەكلىك شىركىتى كارخانىنىڭ كۆپ قىسىم پايدىسىنى سانائەت ماشىنا ئادىمىنىڭ يادرولۇق زاپچىسى «كەسپىي نازۇك سۈرئەت ئاستىلاتقۇچ»نى تەتقىق قىلىپ ياساشقا سېلىپ، سۈرئەت ئاستىلاتقۇچنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياپونىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارنى مونۇپۇل قىلىش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. نۆۋەتتە، نەنتۇڭ جىنكاڭ شىركىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200 نەچچە ياسىمىچىلىق كارخانىسىنى پۈتۈنلەي ئېلىمىزدا ئىشلەنگەن سانائەت ماشىنا ئادىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. نەنتۇڭ جىنكاڭ كەپشەرلەش ماشىنا ئېلىكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى گۇ جىڭجۈن: ئاچقۇچلۇق جاپدۇقلارنى سېتىۋالغىلى، سوراپ ئالغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىپ تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كارخانىغا ئېغىر بېسىم سالىدۇ، لېكىن ئۇزاقتىن قارىغاندا، بۇ مەلۇم پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى.

بۇ يىل 6-ئايدا، ئېلىمىز تۇنجى تۈركۈمدىكى 5Gنى سودىغا ئىشلىتىش كىشىنىكىسىنى تارقاتتى. قىسقىغىنە بىر ئايدا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى پۈتۈن جەريانى 5Gلىق ئاقىل ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى خۇڭشىن خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىدە ئىشقا ئاشتى. خېرىدارلار يىراقتا تۇرۇپ زاكاس بەرگەندىن كېيىن، 5G تورى بىلەن قۇرۇلغان بولۇت سۇپىسى ئۇچۇلارنى يەتكۈزىدۇ، ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تەكشۈرۈش، تاپشۇرۇش، تاپشۇرۇۋېلىش جەريانى تاماملىنىدۇ. جۇڭگو ئۇچۇر تېخنىكىسى خۇڭشىن خەۋەرلىشىش شىركىتى 5G ئەقلىي زاۋۇت تۈرىنىڭ مەسئۇلى شې گۇاڭۋىي: ئىلگىرى بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىمىز 15 كۈن ئەتراپىدا ئىدى، ھازىر %50 قىسقىراپ، 7-8 كۈن ئىچىدىلا مال تاپشۇرالايمىز، ئىلگىرى بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە 30دەك ئادەم ئىشلەيتى، ھازىر بىر ئادەم بولسىلا كۇپايە، دېدى.

سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە 200دىن ئارتۇق سېفىرلاشقان سېخ ۋە ئاقىل زاۋۇت قۇرۇلغان، سانائەت ماشىنا ئادىمى 140 مىڭدىن ئاشقان، سانائەت كارخانىلىرىدا سېفىرلاشقان تەتقىق قىلىپ لايىھەلەش قورالىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %68كە يەتكەن، بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئاقىل ياسىمىچىلىق بازىرىنىڭ كۆلۈمى 1 تىرىليون 900 مىليارد يۈەندىن ئېشىشى مۇمكىنكەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىن گوبىن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %9 ئاشتى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %7.7 ئاشتى، بۇ ئومۇمىي ياسىمىچىلىقتىن ئايرىم ئايرىم ھالدا 2.6 پوئىنت ۋە 1.3 پوئىن تېز بولدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، شەھەر رېلىسلىق ماشىنىلىرى، مۇلازىمەتچى ماشىنا ئادەم، 3Dلىق بېسىش ئۈسكۈنىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش جاپدۇقلىرى، بىئو تىببىي دورا قاتارلىقلار بىر قەدەر يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى.

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپ ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خەنچۈەن مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاڭلىق ئىنتىلىشىغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دېگەن بۇ ئۇقۇم كىشى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشى، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىدىكى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى. جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، تەتقىق قىلىپ ياساشقا سېلىنغان مەبلەغ ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى، بۇ خىل كۆپ مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى ئاستىدا، بىزدىمۇ بىر تۈركۈم يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بارلىققا كەلدى، بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا ياخشى تىرەك بولدى.

ھازىر ئېلىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن تېخنىكا تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ، زامانىۋىيلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلەت ئىچىدە تېخنىكىسى بىر قەدەر يۇقىرى ۋە قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى سانائەت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى. سىجىل ۋە يۇقىرى بېسىملىق تەتقىق قىلىپ ياساش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە، دېڭىز ئوكيان جانلىقلىرى، سېفىرلىق ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز قوللىنىۋاتىدۇ. كېيىنكى يېرىم يىلدا، گۈللەنمە كەسىپلەر يەنىلا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدۇ.