كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى قانداق ئىشلەش كېرەك؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-08-13 18:33

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياسىمىچىلىققا مەبلەغ سېلىش مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، شەھەر - بازارلاردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرى، شەھەر - يېزىلاردىكى سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ؛ ئۇچۇر تورى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەيلى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسۇن ياكى كۈچلۈك ئىچكى بازار شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 5.8 ئېشىپ، مۇقىم يۇقىرىلىدى.لېكىن مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ياسىمىچىلىق مەبلىغىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاران % 3 بولۇپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن بىر يىلدىكى % 9.5 لىك ئېشىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى % 4.1 ئېشىپ، ئىلگىرى كۆپ يىل داۋاملاشقان ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش بىلەن روشەن پەرق شەكىللەندى.
ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى بارلىق سېلىنمىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ، پۈتكۈل سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ۋە ئۆي - مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلىتىۋەتتى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇقىم مەبلەغ سېلىش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ماكرولۇق سىياسىتىنىڭ تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشىلىشى ئاساسلىقى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن.ئىچكى ئېھتىياج يوللىرىنى كېڭەيتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق تەدبىرلەرنىڭ بىرى سېلىنمىنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كۆپەيتىش ئىكەن.

ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش دېگەن نېمە ؟ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئادەتتە كاپىتالنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان مەبلەغنى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش دەپ قاراشقا بولىدىكەن، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتا يەنە ئىككى ئاساسىي شەرتنى قاندۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن.بىرىنچى، مەبلەغ سېلىش ساھەسى ۋە يۆنىلىشى جەھەتتە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قانۇنىيىتى ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك ؛ ئىككىنچى، مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى جەھەتتە، بازار قائىدىسىگە ئۇيغۇنلىشىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەش تەلىپى بويىچە مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش توغرا مەبلەغ سېلىشنى تەكىتلەپلا قالماستىن، يەنە مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولالايدۇ.