باش بەت>>مەخسۇس سەھىپە>>سەيپىدىن ئەزىزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى>>سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تەرجىمھالى

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تەرجىمھالى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-02-21 16:00

 

  

  

(سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزى دىكىلماتسىيە قىلغان «ئەلۋىدا» دېگەن شىئېرى)   

 

سەيپىدىن ئەزىزى 1915-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاتۇشتا مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تاشاخۇن ئەزىزى ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر زات، مىللىي كاپىتالىست، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەرىپەت ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى، بىلىملىك زات ئىدى.

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دادىسى تاشاخۇن ئەزىزى

تاشاخۇن ئەزىزى رۇسىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بېرىپ، ئۇ يەرلەردىن ئىلغار ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، يۇرتىدا ئەينى چاغدىكى ئاسىيا بويىچە كەم ئۇچرايدىغان سەرەڭگە زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇ يەنە ياۋروپادا ئۆگەنگەن تېخنىكىلىرىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ بوياقچىلىق زاۋۇتى قۇرغان. جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىدا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغان. بولۇپمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ مەرىپەت ھەرىكىتىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، يۇرتىدا يېڭى تىپتىكى مەكتەپ قۇرۇپ، يېڭىچە ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان.
دادىسىنىڭ بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىق بىلەن توختىماي مەرىپەتكە ئىنتىلىش روھى سەيپىدىن ئەزىزىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئاخىرى دادىسىغا ئوخشاش مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەتلىك يولىدا مېڭىشىغا ئىلھام بەرگەن.

ئانىسى سارىخانمۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس، ئادەمگەرچىلىكى بار ئايال ئىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قەدەر قالاق يېزىدا دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ساۋاتلىق، ئاق كۆڭۈل، كەمتەر ۋە خۇش پېئىل بولغاچقا ھەم دوختۇرلۇقنى ياخشى بىلگەچكە، يۇرتداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. سارىخان سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ دىلىغا تۇنجى ئىلىم سالغان ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىدا ۋە ئەسلىمىسىدە ئەڭ سەمىمىي ھېسىياتى بىلەن ئانىسىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ۋە سېغىنىش ھېسىياتىنى ئىپادىلىگەن.

سەيپىدىن ئەزىزى ياش چېغىدىلا خەلق ئاممىسىنىڭ زۇلمەتتىن ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا ئېلىپ بارغان مەشھۇر قەشقەر قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئارقىدىنلا يەنە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يېڭى مەدىنىيەت ئاقارتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. مائارىپ مەرىپەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. يېڭى تىپتىكى مەكتەپ قۇرغان. ئاتۇشنىڭ تېجەن يېزىسىدا قۇرۇلغان يېڭى تىپتىكى مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان.

ھەقىقەت ئىزلەش يولىدا، 1935-يىلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇغان. ئوقۇش مەزگىلىدە سىستېمىلىق ھالدا ماركسىزم، لېنىنىزم نەزەرىيىسىنى ئۆگەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ لېنىن، سىتالىن ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. پەقەت پرولتارىياتنىڭلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا ئاندىن ئۆزىنى ئازاد قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇپ يەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان. بۇ سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان.

1937-يىلى سەيپىدىن ئەزىزى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن دۆلەتكە قايتىپ كەلگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەريانىدا چۆچەك گېزىتخانىسىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. چۆچەكتىكى مەزگىلىدە شۇ يەردىكى خەلقنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان. كېيىن ئۇ يەنە غۇلجىغا يۆتكىلىپ بېرىپ، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان.

 

 

ھەمبەھىرلەش
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر