شىنجۇ شەھىرى ۋۇتەيشەن تېغى مەنزىرە رايونى ۋۇتەيشەن تېغى بولسا دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، دۆلەتلىك تەبىئىي ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت قوش يادىكارلىق، جۇڭخۇادىكى ئون چوڭ داڭلىق تاغ، جۇڭگو بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق تاغ، دۇنيادىكى بەش چوڭ بۇددا دىنى مۇقەددەس جايلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەنشى ئۆلكىسى شىنجۇ شەھىرى ۋۇتەي ناھىيەسى تەۋەلىكىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، ئايلانمىسى 250 كىلومېتر، كۆلىمى 2837 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. تيەنجىن پەنشەن تېغى مەنزىرە رايونى پەنشەن مەنزىرە رايونى تيەنجىن شەھىرى جىشيەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، تاڭشەن ئۈچ ئورۇننىڭ كېسىشكەن ئورنىغا توغرا كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 400~600 مېتر بولۇپ، ئاساسلىق چوققىسى بولغان گۇايۆ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 860 مېتردىن ئارتۇق كېلىدۇ. تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى (جىڭمېن يۇرتى) تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى نەنكەي رايونىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى شەرقىي قوۋۇق سىرتىغا، خەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، خانىش قەسىرىنى مەركەز قىلغان، جەنۇبتا شۈيگې كوچىسىدىن باشلىنىپ، شىمالدا بېيتۇڭ يولىغا تۇتىشىدۇ، جەنۇب، شىمال كوچا ئېغىزلىرىدا بىردىن خاتىرە راۋىقى بار شەنشى داتوڭ يۈنگاڭ غارلىرى يۈنگاڭ غارلىرى شەنشى ئۆلكىسى داتوڭ شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن بىر كېلومېتر كېلىدۇ، مىلادىيە 460-يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان، تا ھازىرغىچە 1500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، غار ئىچىدىكى ھەيكەللەرنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قەدىمىي غارلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ خېبېي ئۆلكىسى چىڭدېدىكى يازلىق چاھارگاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىبادەتخانىلار چىڭدېكى يازلىق چاھارگاھ خېبېي ئۆلكىسى چىڭدې شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرى سېلىنغان، پادىشاھ كاڭشى، يۇڭلې، چيەنلۇڭلار جەمئىي 89 يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن، دۇنيادىكى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ خانلىق باغچا، بېيجىڭدىكى يىخېيۈەن، سۇجۇدىكى جوجىڭيۈەن ۋە ليۇيۈەن ۋە چىڭدې يازلىق چاھارگاھى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ باغچە ھېسابلىنىدۇ باۋدىڭ شەھىرىدىكى بەيياڭ كۆلى مەنزىرە رايونى بەيياڭ كۆلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، خېبېيدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى، ئومۇمىي كۆلۈمى 336 كىۋادرات كىلومېتىر. بەيياڭ كۆلى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ بار بولۇشى مۇمكىن، كۆلنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىدىن ئىنسانلارنىڭ ئىزنالىرى بايقالغان، بۇ جاينىڭ كان مەھسۇلاتى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، رەئىس جياڭ زېمىن "جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئاق مەرۋايىت" دەپ خەت يېزىپ بەرگەن بېيجىڭ بادالىڭ-مۇتيەنيۈ سەددىچىن سېپىلى ساياھەت رايونى بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەنچىڭ رايونىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسىدىكى داڭلىق قوماندان چى شۈگۇاڭ قوماندانلىق قىلىپ ياساتقۇزغان، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىر قىسمى. بادالىڭدىكى سەددىچىن سېپىلى جۈيۈڭگۇەن قوۋۇقىنىڭ باش قىسمى بولۇپ سەنشى، ئىچكى موڭغۇل ۋە جاڭجياكۇغا تۇتىشىدۇ، ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن، سېپىل سېلىنغان جاينىڭ يەر بېيجىڭ يىخېيۈەن باغچىسى يىخېيۈەن باغچىسى بېيجىڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خانلىق جەمەت باغچىسى. يىخېيۈەن باغچىسى خاڭجۇدىكى شىخۇ كۆلىنى ئاساس قىلىپ، چياڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت جەۋھىرى يۇغۇرۇپ سېلىنغان، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان خانلىق جەمئەت باغچىسى بولۇپ، "خانلىق جەمەت ئورمان مۇزىيى" دېگەن نامى بار. چىڭدېدىكى يازلىق چارگاھ، سۇجۇدىكى جوجىڭ باغچىسى ۋە سۇجۇدىكى بېيجىڭ تيەنتەن ئىبادەتخانىسى تيەنتەن ئىبادەتخانىسى بېيجىڭ شەھىرى شەرقىي شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرى نەزىر-چىراغ ۋە بەخت تىلەيدىغان جاي، ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلانغان كۆلۈمى ئەڭ چوڭ قەدىمىي نەزىر-چىراغ قىلىدىغان ئىمارەتلەر ھېسابلىنىدۇ. تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلار ئاسمان ۋە زېمىنغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشنى خانلىق ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇھىم پائالىيەت بېيجىڭ خان سارىيى بېيجىڭ خان سارىيىنىڭ ئىلگىرىكى نامى زىجىن قەلئەسى ئىدى، بېيجىڭدىكى ئوق يول چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې يىللىرى سېلىنغان، مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرىدىكى 24 پادىشاھ بۇ جايدا تۇرغان، كۆلۈمى 720 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ساقلىنىپ قالغان كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، ھەممىدىن تولۇق ساقلانغان ياغاغ ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىنغان قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ بىرى. دۇنيادىكى بەش چوڭ ساراي ئىچىدە خېبېي ئۆلكىسى چىڭدېدىكى يازلىق چاھارگاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىبادەتخانىلار چىڭدېكى يازلىق چاھارگاھ خېبېي ئۆلكىسى چىڭدې شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرى سېلىنغان، پادىشاھ كاڭشى، يۇڭلې، چيەنلۇڭلار جەمئىي 89 يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن، دۇنيادىكى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ خانلىق باغچا، بېيجىڭدىكى يىخېيۈەن، سۇجۇدىكى جوجىڭيۈەن ۋە ليۇيۈەن ۋە چىڭدې يازلىق چاھارگاھى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ باغچە ھېسابلىنىدۇ،
جاڭجياجې ۋۇلىنيۈەن ـ تيەنمېنشەن تېغى ساياھەت رايونى ھوللىۋودنىڭ فانتازىيىلىك فىلىمى «ئاۋاتار» كۆرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، كىنودىكى پاندورا پىلانىتىدىكى نۇرغۇنلىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ جۇڭگونىڭ جاڭجياجېدا كۆرۈنۈشكە ئېلىنغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەڭ روشەن بولغىنى كىنودىكى ھەيۋەتلىك لەيلىمە تاغ ـ ھاللىيھۇييا تېغىنىڭ ئەسلى شەكلى جاڭجياجې ۋۇلىنيۈەن يۈەنجياجېدىكى «جەنۇبىي ئاسمان تۈۋرۈكى»دۇر. خېڭياڭ شەھىرىدىكى جەنۇبىي تاغ خېڭشەن تېغى مەنزىرە رايونى خېڭشەن تېغى يەنە جەنۇبىي تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، «بەختلىك بولۇپ، تاغدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش» دېگەن سۆزدىكى تاغ دەل خېڭشەن تېغىنى كۆرسىتىدۇ، خېڭشەن تېغى خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرىدىكى جەنۇبىي تاغ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى بەش چوڭ تاغنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خېڭشەن تېغى بولسا، دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق داۋجياۋ دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس ئورنى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ۋە داۋجياۋ ساڭرامى بار يىچىڭ شەھىرىدىكى سەنشيا توسمىسى – چۈ يۈەننىڭ يۇرتى ساياھەت رايونى چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا بوغۇزى غەربتە چۇڭچىڭ شەھىرى فېڭجې ناھىيەسىنىڭ بەيدىچېڭ شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرىدىكى نەنجىنگۇەنگىدە ئاياغلىشىدۇ، چۈتاڭ، ۋۇشيا، شىلىڭ بوغۇزلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر كېلىدۇ. سەنشيا بوغۇزى ئىككى قىرغاقىدا ئېگىز تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەڭ تار يېرى 100 مېتىر ئەتراپىدا ۋۇخەننىڭ ۋۇچاڭ رايونىدىكى خۇاڭخېلۇ راۋىقى خۇاڭخېلۇ راۋىقى (سېرىق تۇرنا راۋىقى) ۋۇخەننىڭ ۋۇچاڭ رايونىغا جايلاشقان، ۋۇخەندىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سېلىنغان، خۇنەندىكى يۆياڭ راۋىقى، جياڭشىدىكى تېڭۋاڭ راۋىقى بىلەن «جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ راۋاق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ راۋاق بىر قانچە قېتىم بۇزۇلۇپ رېمونت قىلىنغان خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرىدىكى لۇڭمىن تاغ غارى لۇڭمىن تاش غارى لوياڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شىمالىي ۋىي سۇلالىسى دەۋرىدىكى پادىشاھ شياۋ ۋىندى مەزگىلىدە قېزىلغان، نەچچە سۇلالە ھالقىپ، 400 نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن. مەنزىرە رايونىدا 2300دىن كۆپرەك بۇت تەكچىسى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەيكەل قاتارلىقلار ساقلىنىپ قالغان، غەربىي تاغ تاش غارى، شەرقىي تاغ تاش غارى، بەي جۈيى قەبرىسى، شياڭشەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرىدىكى يۈنتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرە رايونى يۈنتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرە رايونى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شيۇۋۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان، كۆلۈمى 190 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چۈنباۋ جىلغىسى، تەنباۋ جىلغىسى، خۇڭشى جىلغىسى، زىفاڭ كۆلى، ۋەنشەن ئىبادەتخانىسى، بەيجا تېشى، شيەنيۈەن باغچىسى، چىڭلۇڭ جىلغىسى، فىڭلىڭ جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فىڭلىڭ جىلغىسىنىڭ تاغلىرى ئېگىز، سۇلىرى سۈزۈك، مەنزىرىسى كىشىگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ، بۇ يەردە يەنە ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما يۈنتەي شارقىراتمىسى بار. دىڭفىڭ شەھىرىدىكى سۇڭشەن تېغى شياۋلىن مەنزىرە رايونى شياۋلىن ئىبادەتخانىسى خېنەن ئۆلكىسى دىڭفىڭ شەھىرى سۇڭشەڭ تېغىدىكى ۋۇرۇ چوققىسىنىڭ باغرىغا جايلاشقان، كۆلۈمى 57600 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، شىمالىي ۋىي سۇلالىسى تەيخېنىڭ 19-يىلى يەنى 495-يىلى سېلىنغان، پادىشاھ شياۋىندى ھىنايانا دىنىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلگەن ھىندىستانلىق راھىبلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پايتەخت لوياڭغا قاراپ تۇرىدىغان سۇڭشەن تېغىغا بۇ ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان.
سەنيا شەھىرىدىكى نەنشەن تېغى مەدەنىيەت ساياھەت رايونى نەنشەن تېغى خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشان، جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى تاغ، تروپىك بەلباغ دېڭىز - ئوكيان مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە، بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 97كە يەتكەن، بۇندىن باشقا جۇڭگونىڭ بۇددا دىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ باغچىسى سەنيا شەھىرىدىكى چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن مەنزىرە رايونى چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن مەنزىرە رايونى سەنيا شەھىرىنىڭ غەربىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان نەنشەن تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلمى 22.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ مەنزىرە رايونى 800 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، داڭلىق داۋجيا دىنى مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ گۈيلىن شەھىرىدىكى لىجياڭ دەرياسى مەنزىرە رايونى لىجياڭ دەرياسى مەنزىرە رايونى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل كارست تاغ-دەريا مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى، لىجياڭ دەرياسى جۇجياڭ دەرياسى سۇ سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، گۈيلىندىن ياڭشوغىچە بولغان 83 كىلومېتىر ئارقىلىق لىجياڭ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كارست يەر شەكلىنىڭ تىپىك مىسالى. گۇاڭشى ئۆلكىسى گۈيلىن شەھىرىدىكى شادلىق ئارىلى گۈيلىندىكى شادلىق ئارىلى گۈيلىن شەھىرىنىڭ شىڭئەن ناھىيەسىگە جايلاشقان، تەيۋەنلىك سودىگەر ما جىلىن ئەپەندى مەبلەغ سېلىپ سالغۇزغان، 2000-يىلى 12-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شادلىق ئارىلى باش تېمىلىق باغچا بولۇپ، كۆلۈمى 6000 مو، ياۋروپا رايونى، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى، شادلىق جۇڭگو شەھەرچىسى، غەربىي ئامېرىكا، خىيالى دۇنيا، دېڭىز قاراقچىسى كەنتى، داتۇرا باغچىسىدىن ئىبارەت يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن شىنجىن خۇاچاۋ شەھەرچىسى ساياھەت ئارامگاھى شىنجىن خۇاچاۋ شەھەرچىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجىن شەھىرىنىڭ نەنشەن رايونىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلۈمى 6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەرگە شادلىق جىلغىسى، دۇنيا كۆزنىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باغچىسى، جۇڭگو مىللىي ئۆرپە-ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ باغچا، مايرۇلىس كەنتى، گۈزەل-سەنئەت سارىيى، سەنئەت مەركىزى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى، مېھمانخانا، ياتاق قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تەسسىس قىلىنغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى چاڭلۇڭ ئارام رايونى چاڭلۇڭ ئارام رايونى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ پەنيۈ رايونىغا جايلاشقان، كۆلۈمى 10 مىڭ مو كېلىدۇ، بۇ يەردە چاڭلۇڭ شادلىق دۇنياسى، چاڭلۇڭ سۇ باغچىسى، چاڭلۇڭ خەلقئارا سېرك ئۆمىكى، چاڭلۇڭ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى، چاڭلۇڭ قۇش باغچىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ باغچا شۇنداقلا چاڭلۇڭ مېھمان سارىيى قاتارلىق ئۈچ مېھمانخانا بار بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، تەربىيە بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت ئورنى
جۇۋ شەن شەھىرى پۇتوشەن تېغى مەنزىرە رايونى پۇتوشەن تېغى بولسا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇۋ شەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە «دېڭىزدىكى بۇددا دۆلىتى»، «جەنۇبىي دېڭىز ئەڭگۈشتىرى» قاتارلىق ناملىرى بار. شەنشى ۋۇتەي تېغى، سىچۇەن ئېمېي تېغى، ئەنخۈي جيۇخۇا تېغى قاتارلىق تاغلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق تاغ دەپ ئاتىلىدۇ. پۇتوشەن تېغىنىڭ تۆت ئەتراپى دېڭىز بولۇپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئۈچ بۇتخانا، ئۈچ تاش، ئۈچ ئۆڭكۈر، پۇتوشەن تېغى 12-مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار. ۋېنجۇ شەھىرى يەنداڭشەن تېغى مەنزىرە رايونى يەنداڭشەن تېغى بولسا جېجياڭ ۋېنجۇ لېچىڭ شەھىرىگە جايلاشقان، تاغ چوققىسىدا بۈك –باراقسان ئوت –چۆپلەر بىلەن تولغان كۆل بولۇپ، جەنۇبتىن كەلگەن ياۋا غازلار توپلىشىپ تۇرغانلىقىتىن شۇ ئىسىم قويۇلغان. يەنداڭشەن تېغى جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە بايقالغان بولۇپ، كېيىن تاڭ، سۇڭ دەۋىرلىرىدە يەنداڭشەن تېغىنىڭ كۆلىمى تاغ چوققىلىرىغىچە ئېچىۋېتىلگەن. يەنداڭشەن تېغىنىڭ سۈيى سۈزۈك، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىگى نۇرغۇنلىغان ئەدىب-يازغۇچىلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن جېجياڭ خاڭجۇ شەھىرى شىخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى شىخۇ كۆلى جېجياڭ خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، رېئاللىقتىكى جەننەت دىگەن گۈزەل نامى بار، مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 69 كۋادرات كىلومېتىر ، كۆل يۈزى تەخمىنەن 6.5 كۋادرات كىلومېتىر،كۆلنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى 15 كىلومېتر كىلىدۇ. شىخۇ كۆلى بولسا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق تارىخى مەدەنىيەت ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى، يەنە «دۇنيا مەدەنىي مىراس»لىرى ئارىسىدىكى ئاز بىر قىسىم، جۇڭگودىكى بىردىنبىر كۆل ھېسابلىنىدۇ شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسى شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسى شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا جايلاشقان، كۆلىمى تەخمىنەن 153 گېكتار كېلىدىغان بولۇپ، شەرقىي جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ياۋايى ھايۋانات باغچىسى ھېسابلىنىدۇ، باغچىدا ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش، كۆرگەزمە قىلىش، كۆپەيتىش بىرلەشتۈرۈلگەن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىستراھەت كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان. شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىككى يۈز تۈردىن ئارتۇق ھايۋانلار يىغىلغان شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونى ئەسىر يولى 2000-نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا مەيدانى، ئەسىر باغچىسىغا يېقىن. ئاساسىي ساراينىڭ كۆلىمى 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، قۇرۇلۇش يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۈستى ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغان، ئىچكى قىسمىغا ئاساسلىقى 11 باش تېمىلىق كۆرگەزمە سارىيى، 4 يۇقىرى تېخنىكىلىق كىنوخانا ، 3 سەنئەت كارىدورى تەسىس قىلىنغان. شاڭخەي شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارى شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارى يەنە شەرق ئەڭگۈشتىرى مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جۇڭگو شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى لۇجيازۈيگە جايلاشقان، 1991-يىلى 7-ئايدا ياسىلىشقا باشلىغان، 1995-يىلى 5-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن، ئېگىزلىكى 467.9 مېتر ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئېگىز مۇنار بولۇپ، شاڭخەينىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تەيئەن شەھىرى تەيشەن تېغى مەنزىرە رايونى تەيشەن تېغى يەنە دەيشەن، دەيزوڭ، دەييۆ، دوڭيۆ، تەييۆ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، تەيئەن شەھىرىگە تەۋە، ئومۇمىي كۆلىمى 24200 گېكتار كېلىدۇ. ئاساسىي چوققىسى بولغان يۈخۇاڭ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1545 مېتر كېلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، «بەش چوڭ تاغنىڭ بىرىنچىسى»، «بەش چوڭ تاغنىڭ بېشى» «جاھاندىكى بىرىنچى تاغ» دېگەن نامى بار جىنىڭ شەھىرى چۈفۇ قەدىمىي شەھىرى (ئۈچ كۇڭ) مەنزىرە رايونى چۈفۇ شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدە لۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان، جۇڭگودىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مائارىپچى، ئەدىب ـ كۇڭزىنىڭ يۇرتى. كۇڭزى كۇڭزى تەلىماتىنى ياراتقان بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، جۇڭگو تارىخىدىكى پادىشاھلار، ئەدىبلەرنىڭ ھەممىسى كۇڭزىغا ئىنتايىن چوقۇنغاچقا، ئۇنى كۇڭ ئەۋلىيا، پەيغەمبەر دىگەن ھۆرمەت ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاتايدۇ شەندۇڭ پېڭلەي راۋىقى مەنزىرە رايونى پېڭلەي راۋىقى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى جيايوۋنىڭ 6-يىلى (مىلادىيە 1061-يىلى) ياسالغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كېڭەيتىلگەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قايتىدىن ياسالغان. لۈ دوڭبىڭ ئوردىسى، پېڭلەي راۋىقى، سەنچىڭ ئوردىسى، خانىش قەسىرى، سۇ ئىلاھى قەسىرى، مىتو بۇتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خۇاڭخې قەسىرى، يۆياڭ قەسىرى، پېڭۋاڭ قەسىرى بىلەن بىرگە جۇڭگودىكى تۆت داڭلىق قەسىر» دەپ ئاتىلىدۇ. جياڭشى ئۆلكىسى لۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى لۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرىگە جايلاشقان، كەڭلىكى تەخمىنەن 10 كېلومېتر، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1474 مېتر، لۇشەن تېغىدىكى 90 دىن ئارتۇق تاغ چوققىلىرى ئېگىز-پەس جايلاشقان بولۇپ، 25 كېلومېترغا سوزۇلىدۇ، داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن خەنپوكوۋ، سەندېڭچۈەن، ۋۇلاۋ چوققىسى، لۇلىن كۆلى قاتارلىقلار بار. لۇشەن تېغى ئۆزىنىڭ مەدىنىيەت ئاساسى ۋە ئالاھىدە يەر شەكلى بىلەن داڭلىق. جياڭشى جىئەن جىڭگاڭشەن تېغى جىڭگاڭشەن تېغى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، جياڭشى بىلەن خۇنەننىڭ چېگرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1779 مېتر، كۆلىمى 213.5 كۋادرات كېلومېترغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى خۇاڭياڭجيې، سىپىڭ، لۇڭتەن، دۇجۈەنشەن تېغى قاتارلىق ساياھەت رايونلىرى بار بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرە، ئىنسانلار مەدىنىيىتى مەنزىرىسى بىرلەشكەن داڭلىق ساياھەت رايونىدۇر مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋۇشى كىنو-تېلىۋىزىيە بازىسى ئۈچ پادىشاھلىق سۇ بويى مەنزىرە رايونى مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋۇشى كىنو-تېلىۋىزىيە بازىسى بولسا، جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ كۆلەملىك كىنو-تېلىۋىزىيە سۈرەتكە تارتىش ۋە ساياھەت بازىسىدۇر. 1987-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان، ھەر يىلى نەچچە يۈز سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بۇ يەرگە كېلىپ 1000 قىسىمدىن ئارتۇق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو سۈرەتكە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 3 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. سۇجۇ جۇ قورۇقى جۇ قورۇقى جياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، «جۇڭگودىكى بىرىنچى سۇ يۇرتى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە. چۈنچيۇ مەزگىلىدە «ياۋچېڭ شەھىرى» دەپ ئاتالغان، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە جۇ قورۇقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇ قورۇقى سۇ بويىغا ياسالغان بولۇپ، دەريا تىك-توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ «井» خېتىنى شەكىللەندۈرگەن سۇجۇ بېغى (جوجېڭيۈەن بېغى، خۇچيۇشەن تېغى، ليۇيۈەن بېغى) سۇجۇ بېغى يەنە «سۇجۇ قەدىمىي بېغى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا مەدىنىي مىراسلىرىغا تەۋە، دۆلەتلىك AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت رايونى، جۇڭگودىكى ئون چوڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى، بۇرۇندىنلا «باغ ئىچىدىكى شەھەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، «چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى باغلار تەڭداشسىزدۇر، سۇجۇ بېغى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدا تەڭداشسىزدۇر» دېگەن نامغا ئىگە جياڭسۇ نەنجىڭ شەھىرى جوڭشەن مەنزىرە مەشھۇر يادىكارلىقلار رايونى ـ جۇڭشەن قەبرىستانلىقى مەنزىرە رايونى جوڭشەن مەنزىرە مەشھۇر يادىكارلىقلار رايونى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونى زىجىنشەن تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 45 كۋادرات كېلومېتىرغا يېتىدۇ، «ئەجدىھا يۆگەلگەن تاغ» دېگەن گۈزەل نامى بار. سۈن چۈەندىن باشلاپ، جوڭشەن تېغى پادىشاھ ۋە تۆھپىكارلار، ئېسىلزادىلەرنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلانغان، ئالتە سۇلالە دەۋرى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرى، مىنگو مەدەنىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەل تاغ-سۇ مەنزىرىلىرى بىرلەشكەن ئورۇن
شېنياڭ شەھىرى ئۆسۈملۈك باغچىسى شېنياڭ شەھىرى ئۆسۈملۈك باغچىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ دوڭلىن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، «ئورمانلىقتىكى دۇنيا كۆرگەزمە باغچىسى» دەپ ئاتالغان، ئەسلىدە 2006-يىلىدىكى جۇڭگو شېنياڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئورنى. ئۆسۈملۈك باشچىسىنىڭ كۆلىمى 2.46 كۋادرات كېلومېتر كېلىدۇ ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىنى يىغقان بولۇپ ، شەرقىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدۇ. داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان، دېڭىز-ئوكيان باغچىسىنىڭ كۆلىمى بىر مىليون 180 مىڭ كۋادرات مېترغا يېتىدۇ، يولۋاس ساھىلى گۈزەللىككە تولغان دېڭىز بويى مەنزىرىسىگە ئىگە بولۇپ، ھەر خىل دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى، دېڭىز-ئوكيان ھايۋانلىرىنى يىغقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھايۋانات ئويۇنى ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار چاڭچۈن شەھىرى قورچاق مانجۇ ئوردىسى مۇزىيى قورچاق مانجۇ ئوردىسى مۇزىيى جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ئەيشىنجۆلو پۇيى 1932-يىلىدىن 1935-يىلغىچە قورچاق مانجۇ دۆلىتىنىڭ قورچاق پادىشاھى بولغاندا تۇرغان ئوردىسى، جۇڭگودا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۈچ چوڭ ئوردا خارابىسىنىڭ بىرى جىلىن چاڭبەيشەن تېغى چاڭبەيشەن تېغى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ چېگرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ مۇقەددەس تۇپرىقى ھىسابلىنىدۇ، چىن سۇلالىسى مەزگىلىدە تۇزسىز تاغ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەيبەيشەن تېغى دەپ ئاتالغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ جاي مانجۇلار گۈللەنگەن «مۇقەددەس ماكان» دەپ قارالغان، چاۋشيەن چېگرىسى ئىچىدە بولسا بەيتوۋشەن تېغى دەپ ئاتىلىدۇ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىكى تەيياڭ ئارىلى مەنزىرە رايونى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىكى سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان تەيياڭ ئارىلى (قۇياش ئارىلى)نىڭ كۆلۈمى 88 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەر قار-مۇز مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق بايلىقلاردىن شەكىللگەن كۆپ ئىقتىدارلىق مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى دەريا بويى ئېكولوگىيە رايونى. ئارالدىكى سۇ زۇمرەتتەك سۈزۈك، گۈل-گىياھلار بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولغاچقا، نامى چەتئەللەرگىچە تارالغان يازلىق چاھارگاھ ھېسابلىنىدۇ
چۇڭچىڭ ۋۇشەن تېغى شياۋ سەنشيا ـ شياۋ شياۋ سەنشيا چۇڭچىڭ ۋۇشەن تېغى شياۋ سەنشيا ـ شياۋشياۋ سەنشيا تۈگۈنى چاڭجياڭ سەنشيا تۈگۈنىگە خوشنا بولۇپ، چاڭجياڭ سەنشيا تۈگۈنىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىگە سېلىشتۇرغاندا، شياۋ سەنشيا، شياۋ شياۋ سەنشيا تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. شياۋ سەنشيا ـ شياۋ شياۋ سەنشيا تۈگۈنى قانىلى بىر قەدەر تار، لېكىن سۇ ئېقىمى ئىنتايىن سۈزۈك، ئىككى قىرغىقى يېشىللىققا تولغان، شۇڭا « سەنشيادىن گۈزەل» نامىغا ئىگە. چۇڭچىڭ دازۇ تاش ئويمىلىرى مەنزىرە رايونى دازۇ تاش ئويمىلىرى چۇڭچىڭ شەھىرى دازۇ رايىنى تەۋەسىگە جايلاشقان، ئاساسلىقى تاغ يارلىرىغا ئويۇلغان خەتلەر ۋە بۇتلارنىڭ ھەيكەللىرى بولغان مىڭ ئۆي سەنئىتىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى بۇددا دىنى توغرىسىدىكى تاش ئويمىلىرى بولۇپ، بۇددا دىنى باش تېما قىلىنغان، بولۇپمۇ بېيشەن تېغى بىلەن باۋدىڭ تېغىدىكى تاغ يارلىرىغا ئويۇلغان خەتلەر ۋە بۇتلارنىڭ ھەيكەللىرى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ مەشھۇر بولغان قەدىمىي تاش ئويما سەنئىتى ھېسابلىنىدۇ يۈننەن لىجاڭ شەھىرى يۈلۇڭ قار چوققىسى مەنزىرە رايونى لىجاڭ شەھىرى يۈلۇڭ قار چوققىسى مەنزىرە رايونى، يۈلۇڭ ناشى ئوبلاستىنىڭ ناھىيە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قار چوققىسىدۇر، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلىقى 35 كىلومېتر، شەرق-غەرب كەڭلىكى 13 كىلومېتر، كۆلىمى 960 كۋادرات كىلومېتر، چوققىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 5596 مېتر ،قار چوققىسى ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتر ئېگىزلىككە جايلاشقان يۈننەن كۈنمىڭ شەھىرى تاش ئورمان مەنزىرە رايونى تاش ئورمان مەنزىرە رايون يەنە يۈننەن تاش ئورمانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئورنى يۈننەن ئۆلكىسىنڭ كۈنمىڭ شەھىرى شىلىن يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنىڭ بىرى،ئۇنىڭ كاراست يەر شەكلى دۇنياغا داڭلىق،2.7مىليارد يىللار ئىلگىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، «دۇنيادىكى بىرىنجى مۆجىزە »دىگەن گۈزەل نامى بار. سىچۇەن لېشەن شەھىرى ئېمېيشەن تېغى مەنزىرە رايونى ئېمىي تېغى، سىچۇەن ئۆلكىسى لېشەن شەھىرى تەۋەلىكىگە جايلاشقان، غەربتە ئېمېيشەن شەھىرىگە 7 كىلومېتر كېلىدۇ، شەرقتە لېشەن شەھىرىگە 37 كىلومېتر كېلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 154 كۋادرات كىلومېتر، ئەڭ ئېگىز چوققىسى ۋەنفو چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3099 مېتر، بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان خۇاساڭ بۇتخانىسى جايلاشقان جىندىڭ چوققىسى (3079.3 مېتر) بولسا ئېمېيشەن تېغى ساياھەت رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ چېڭدۇ شەھىرى چىنچېڭ تېغى ـ دۇجياڭيەن ساياھەت مەنزىرە رايونى دۇجياڭيەن مەنزىرە رايونى دۇجياڭيەن شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، چېڭدۇ شەھىرىگە 39 كىلومېتر كېلىدۇ. دۇجياڭيەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 256-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يۈزۈي، فېيشايەن، باۋپىڭكوۋدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشقا بۆلۈنىدۇ، بۇ يەر ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر مەزگىلىدىكى شۇ بەگلىكى دوتىيى لى بىڭ ئاتا-بالا قۇرغان بولۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئابا زاڭزۇ، چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ساياھەت مەنزىرە رايونى توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) سىچۇەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ، چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ناھىيەسىگە جايلاشقان، جىلغا ئىچىدە شۇجېڭ كەنتى، خېيې كەنتى، زېچاۋا كەنتى قاتارلىق توققۇز زاڭزۇ مىللىتى كەنتى بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان، توققۇز كەنت جىلغىسىنىڭ (جيۇجەيگۇ) چېڭدۇ بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 كىلومېتردىن ئاشىدۇ، قوغداش رايونىنىڭ كۆلىمى 643 كۋادرات كېلومېتىر گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرىدىكى لۇڭگۇڭ داڭلىق مەنزىرە رايونى لۇڭگۇڭ داڭلىق مەنزىرە رايونى گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، خۇاڭگوشۇ مەنزىرە رايونىغا 30 كىلومېتىر كلىدۇ، ئومۇمىي كۆلۈمى 60 كىۋادرات كىلومېتىر، يادرولۇق ساياھەت رايونىنىڭ كۆلۈمى 18 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇ يەردە قۇرغاق ئۆڭكۈر، شارقىراتقا، تاش ئورمان، چوققىلىق، قىيا قاتارلىق كارست يەر شەكلىگە تەۋە نۇرغۇن مەنزىرىلەر بار. بۇ ەرنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، ئورمان بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرىدىكى خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى مەنزىرە رايونى خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى مەنزىرە رايونى گۈيجۈ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشۈن شەھىرى جايلاشقان، گۈيجۈ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى گۈيياڭ شەھىرىگە 128 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونى خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىنى مەركەز قىلغان، بۇندىن باشقا يەنە 18 شارقىراتما بار بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما توپلىرىنىڭ بىرى، مەنزىرە رايونىدا تيەنشىڭ كۆۋرۈكى، تۇپو كۆلچىكى، دىشۈيتەن شارقىراتمىسى، بالىڭخې جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.
تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونى تۇرپان ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ تۆۋەن دىگەن مەنىدە،تۇرپاننىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرى دېڭىز يۈزىدىن 500مېتىر تۆۋەن، گەرچە يەر ھالىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ،لېكىن بۇ يەر دۆلىتىمىزدىكى ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى جاي. ئويمانلىقتىكى يالقۇنتاغ بولسا جۇڭگودىكى ئەڭ ئىسسىق جاي بولۇپ، ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى دائىم 40 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى، يەر يۈزىنىڭ تېمپىراتورىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى شىنجاڭ فۇكاڭ ناھىيەسىنىڭ بۇغدا چوققىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1980 مېتر بولۇپ ، كۆل يۈزى يېرىم ئاي شەكلىدىكى تەبىئىي ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ پىلانلانغان كۆلىمى 548 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونى بۇغدا كۆلىنى مەركەز قىلىپ، بۇغدا كۆلى شىمالىي تۆپىلىك ساياھەت رايونى، چوڭ بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى، خانىش بۇتخانىسى ساياھەت رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بۆلۈنىدۇ ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونى قاناس مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىغا جايلاشقان بولۇپ، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. قاناس ئاساسلىقى قاناس دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، جيادېڭ جىلغىسى دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى، قاناس دەرياسى ۋادىسى، قۇم يېزىسى، بەرخابا يېزىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ يەنئەن شەھىرى خۇاڭدى مەقبەرىسى مەنزىرە رايونى خۇاڭدى مەقبەرىسى شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن شەھىرى خۇاڭلىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى چياۋشەن تېغىغا جايلاشقان. بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي ئاتىسى شۈەنيۈەن خۇاڭدىنىڭ مەقبەرىسى بولۇپ، «جۇڭخۇا بىرىنچى مەقبەرىسى » دەپ ئاتىلىدۇ. خۇاڭدى مەقبەرىسى قەدىمدە «چياۋشەن مەقبەرىسى» دەپ ئاتالغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە خۇاڭدى خۇاڭلىن ناھىيەسىنىڭ چياۋشەن تېغىدا ۋاپات بولغان شىئەن شەھىرى چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى، لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى ئورىسىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان خارابىلىك خاراكتېرىدىكى مۇزىي. چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى شىئەن شەھىرىنىڭ لىنتوڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر رايونىغا 35 كېلومېتر كېلىدۇ، چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى. ئىچكى سېپىل كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2525.4 مېتىر كېلىدۇ، سىرتقى سېپىل تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6294 مېتىر كېلىدۇ شىئەن شەھىرى خۇاچىڭ كۆلى مەنزىرە رايونى خۇاچىڭ كۆلى مەنزىرە رايونى شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى ئىنتوڭ رايونى لىشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شىئەن شەھىرىنىڭ غەربىگە 30 كېلومېتر كېلىدۇ، جەنۇب تەرىپى لىشەن تېغى، شىمالى تەرىپى ۋېيشۈي، ئارشاڭلىرى بىلەن داڭ چىقارغان. تاڭ شۈەنزۇڭ بىلەن ياڭ گۈيفېينىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى، شۇنداقلا تارىختىكى مەشھۇر بولغان شىئەن ئۆزگۈرۈشى بۇ يەردە يۈز بەرگەن جۇڭۋېي شەھىرى شاپوتوۋ مەنزىرە رايونى شاپوتوۋ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جوڭۋىي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پېڭگېلى قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇپ بۇرجىكىگە جايلاشقان. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 38 كېلومېتر، كەڭلىكى 5 كېلومېتر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300~1500 مېتر، ئومۇمىي كۆلىمى 4599.3 گېكتار بولۇپ، جۇڭۋېي شەھەر كۆلىمىنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلىتىمىزدىكى 12 قۇملۇق تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى شىزۈيشەن شەھىرى قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونى قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونى نىڭشيانىڭ شىزۈيشەن شەھىرى بىلەن لوپىڭ كەنتىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىزۈيشەن شەھەر رايونىدىن 26 كېلومېتر كېلىدۇ، يىنچۈەن شەھىرىگە 56 كېلومېتر كېلىدۇ. قوملۇق كۆلىدە جەنۇبىي رايونلاردىكى سۇ ماكانىنىڭ قىياپىتى بار، شۇنداقلا غەربىي شىمالنىڭ قۇملۇق مەنزىرىسىمۇ بار، مەنزىرە رايونىدا كۆل ۋە قۇملۇق ئورگانىك بىرىككەن. قۇمۇش بىلەن نېلۇپەر ئارىلىشىپ ئۆسكەن پىڭلياڭ شەھىرى كۇڭتۇڭ تېغى داڭلىق مەنزىرە رايونى كۇڭتۇڭ تېغى مەنزىرە رايونى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پىڭلياڭ شەھىرىنىڭ غەربىگە 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلۈمى 84 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسلىق چوققا دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز، بۇ جاي قەدىمىي يېپەك يولىدىكى مۇھىم قورغان. كۇڭتۇڭ تېغىنىڭ "غەرىبتىكى بىرىنچى تاغ"، "غەربتىكى ئاجايىپ مەنزىرە"، "كۇڭتۇڭ تېغىنىڭ مەنزىرىسى جاھاندا بىر" قاتارلىق گۈزەل ناملىرى بار. گەنسۇ ئۆلكىسى جيايۈگۈەن شەھىرى جيايۈگۈەن مەدنىيەت يادىكارلىقى مەنزىرە رايونى جيايۈگۈەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ خېشى كارىدروىنىڭ ئوتتۇرىسى. شەرقتە خېشىدىكى مۇھىم جاي جيۇچۈەن شەھىرى، غەربتە نېفىت شەھىرى يۈمىن بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىدا ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ ئۇل سۇپىسى، شىمالىدا خىيەشن تېغىغا تۇتاش سەددىچىن سېلىپى بار. بۇ جاي يەنە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېلىپىنىڭ غەربىي ئۆتكىلى بولۇپ، "ئالەمدىكى بىرىنچى قىيىن ئۆتكەل" دېگەن نامى بار.