خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىكى تەيياڭ ئارىلى مەنزىرە رايونى

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىكى سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان تەيياڭ ئارىلى (قۇياش ئارىلى)نىڭ كۆلۈمى 88 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەر قار-مۇز مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق بايلىقلاردىن شەكىللگەن كۆپ ئىقتىدارلىق مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى دەريا بويى ئېكولوگىيە رايونى. ئارالدىكى سۇ زۇمرەتتەك سۈزۈك، گۈل-گىياھلار بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولغاچقا، نامى چەتئەللەرگىچە تارالغان يازلىق چاھارگاھ ھېسابلىنىدۇ

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىكى سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان تەيياڭ ئارىلى (قۇياش ئارىلى)نىڭ كۆلۈمى 88 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەر قار-مۇز مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق بايلىقلاردىن شەكىللگەن كۆپ ئىقتىدارلىق مەنزىرە رايونى، شۇنداقلا جۇڭگودىكى دەريا بويى ئېكولوگىيە رايونى. ئارالدىكى سۇ زۇمرەتتەك سۈزۈك، گۈل-گىياھلار بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولغاچقا، نامى چەتئەللەرگىچە تارالغان يازلىق چاھارگاھ ھېسابلىنىدۇ.

    تەيياڭ ئارىلىنىڭ نامى مانجۇ تىلىدىكى "يېسسى بېلىق" دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن قويۇلغان، مانجۇ تىلىدا يېسى بېلىقىنىڭ ئۈچ خىل ئاتىلىشى بار، بىرىنچى خىلى "خەيخۇا"، ئىككىنچى خىلى "فالۇ" دەپ ئاتىلىدۇ، ئۈچىنچى خىلى "تەييىئەن" دەپ ئاتىلىدۇ، ئۈچىنچىسى "تەيياڭ" دېگەن سۆزگە ناھايىتى ئوخشاپ كەتكەچكە، تەيياڭ ئارىلى دەپ ئاتالغان.

    تەيياڭ ئارىلىدا تەيياڭ تېشى، تىيىن ئارىلى، ئاققۇ كۆلى، گىياھ باغچىسى، قار-مۇز سەنئەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، تەيياڭ دەرۋازىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. تەيياڭ ئارىلى باغچىسى ئارالدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىسى، باغچىدا ئاققۇ كۆلى، تەيياڭ شارقىراتمىسى، تىيىن ئارىلى قاتارلىقلار بار، بۇ باغچا كۆڭۈل ئاچىدىغا، ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي.

    قار-مۇز سەنئەت سارىيى 2000-يىلى سېلىنغان، كۆلۈمى 5000 كىۋادرات مېتىر، ئېگىزلىكى يەتتە مېتىر، ئىچىدە 100دىن ئارتۇق مۇز مەنزىرىسى بارلۇپ، دۇنيادىكى كۆلۈمى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچىدىكى قار-مۇز سەنئەت سارىيى. بۇ سارايغا ب تۆت پەسىلنىڭ ھەر قانداق ۋاقتىدا كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خۇددى قىشقا كەلگەندەك ھېس قىلىسز. سارايدىكى مۇزدىن ياسالغان قەدىمىي ئىماراتلەر، سېيرىلغۇچلار، سىرلىق ئوردىلار ئائىلە ساياھىتىگە تازا باب كېلىدۇ. رۇسىيەچە كەنتتە رۇسىيە مەدەنىيىتىدىن بەھرىلەنگەچ، رۇسچە تاماقلاردىن ئېغىز تىگەلەيسىز، رۇسچە ئويونلارنى كۆرەلەيسىز.

    خاربىنىڭ شەھەر ئىچىدىن تەيياڭ ئارىلىغا بېرىش ناھايىتى ئەپلىك، ئارالغا كىرىش ھەقسىز، ئەمما مەنزىرە رايونلىرىغا ھەق ئېلىنىدۇ. تىيىن ئارىلىدا 2600دىن ئارتۇق بېقىلغان تىيىن، ئاققۇ كۆلۈىدا قارا ئاققۇ، چوڭ ئاققۇ، كىچىك ئاققۇ، ئۆدەك، ياۋا غاز، كۆك غاز قاتارلىق ئۇچار قۇشلار بار.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    ساياھەت قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان ۋاقىت: 6-ئايدىن 8-ئايغىچە، 12-ئايدىن 2-ئايغىچە

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    بېلەت باھاسى ئادەتتىكى كۈنلەردە 30 يۈەن، قار-مۇز كۆرگەزمىسى بولغاندا 240 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 08:00دىن 18:00گىچە.

    ئادرېس: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى

    قاتناش: سۇڭخۇاجياڭ كۆلىدىكى توققۇز پورتتىن پاراخوت ئارقىلىق تەيياڭ ئارىلى بارغىلى بولىدۇ.

    29-80-85-88-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.