جىلىن چاڭبەيشەن تېغى

چاڭبەيشەن تېغى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ چېگرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ مۇقەددەس تۇپرىقى ھىسابلىنىدۇ، چىن سۇلالىسى مەزگىلىدە تۇزسىز تاغ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەيبەيشەن تېغى دەپ ئاتالغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ جاي مانجۇلار گۈللەنگەن «مۇقەددەس ماكان» دەپ قارالغان، چاۋشيەن چېگرىسى ئىچىدە بولسا بەيتوۋشەن تېغى دەپ ئاتىلىدۇ

     

    چاڭبەيشەن تېغى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمى ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ چېگرا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ مۇقەددەس تۇپرىقى ھىسابلىنىدۇ، چىن سۇلالىسى مەزگىلىدە تۇزسىز تاغ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تەيبەيشەن تېغى دەپ ئاتالغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ جاي مانجۇلار گۈللەنگەن «مۇقەددەس ماكان» دەپ قارالغان، چاۋشيەن چېگرىسى ئىچىدە بولسا بەيتوۋشەن تېغى دەپ ئاتىلىدۇ. چاڭبەيشەن تېغىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، 1983-يىلى دېڭ شياۋپىڭ چاڭبەيشەن تېغىغا چىققاندا ھاياجانلانغىنىدىن «كىشى بۇ ھاياتىدا چاڭبەيشەن تېغىغا چىقىپ باقمىسا، بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ» دېگەن، ھەمدە «چاڭبەيشەن» ۋە «بۇغدا كۆلى» دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ قالدۇرغان.

    چاڭبەيشەن تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 52 كۋادرات كېلومېتر كېلىدىغان بولۇپ، تاغ چوققىسى، كۆل، ئورمان، شاقىراتما قاتارلىق مەنزىرىلەر بار، دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە شىمالى، غەربىي، جەنۇبىي تاغ باغرىدىن ئىبارەت ئۈچ مەنزىرە رايونى بار بولۇپ، ھەممىسىدىنلا بۇغدا كۆلىگە بارغىلى بولىدۇ، نۆۋەتتە تاغنىڭ شىمالىي باغرى بىلەن غەربىي يانباغرى ئادەتتىكى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن. بۇغدا كۆلى چاڭبەيشەن يانار تېغى ئېغىزىغا جايلاشقان، چاڭبەيشەن تېغى ئۇيقۇ مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن يىللىق قار مۇز، يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ ھەرىكىتىدە شەكىللەنگەن كۆل ھېسابلىنىدۇ. بۇغدا كۆلى جۇڭگودىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ چوڭ يانار تاغ ئېغىزى كۆلى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتردىن ئارتۇق، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 204 مېتر كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى، يالۇجياڭ دەرياسى، تۇمېنجياڭ دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدۇر. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بەك ئېگىز بولغانلىقتىن، كۆپىنچە ھاللاردا بۇغدا كۆلىنىڭ ھاۋارايىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ھاۋا ياخشى ۋاقىتتا، بۇغدا كۆلى كۆپكۆك ئەينەككە ئوخشاش تاغ چوققىسى ۋە بۇلۇتلارنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ تۇمان بولغاندا بولسا، تاغنى تۇمان قاپلاپ، ئەتراپ خىرەلىشىپ، بۇغدا كۆلىنى سىرلىق ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ.

    بۇغدا كۆلىنىڭ شىمالى تەرىپىدە بىر ئېغىز بار بولۇپ، كۆل سۈيى بۇ يەردىن تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشۈپ، ئېگىزلىكى 68 مېترلىق شاقىراتمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ دەل شەرقىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ چاڭبەيشەن شاقىراتمىسىدۇر، 68 مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى شاقىراتما ئاق رەڭلىك بەلباغقا ئوخشاش ئۆركەشلەپ چۈشىدۇ، تۆۋەنكى ئېقىمغا بارغاندا سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

    چاڭبەيشەن تېغى مول يەر ئىسسىقلىق بايلىقىغا ئىگە، بۇنىڭغا بۇغدا كۆلىنىڭ سۈيى قوشۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك ئارشاڭلارنى شەكىللەندۈرگەن. جۈلۇڭ ئارشىڭى چاڭبەيشەن تېغىدىكى بىرىنچى ئارشاڭ بولۇپ، كۆلىمى 1000 كۋادرات مېتردىن ئاشىدۇ، ئارشاڭنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن سۇ تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، يانار تېغى ماددىلىرىنىڭ تەسىرىدە كۆل تېگى خۇددى ماي بوياق رەسىمىگە ئوخشاش رەڭگارەڭ كۆرۈنىدۇ. ئارشاڭ سۈيىنىڭ تەسىرىدە تۇخۇم بۇ يەردىكى ئالاھىدە يېمەكلىككە ئايلانغان، ئارشاڭ تۇخۇمىنىڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، ئىچىدىكى تۇخۇم سېرىقى پىشقان بولسىمۇ، سىرتىدىكى تۇخۇم ئېقى پۈتۈنلەي قېتىپ كەتمىگەن خام ھالەتتە بولىدۇ، بۇنداق تۇخۇم ئىنتايىن يېيىشلىك بولۇپ، ئۆزگىچە تەمگە ئىگە. جۈلۇڭ ئارشىڭىنىڭ ئاستىدا يەنە كۆلچەكلىك ھاممام بار بولۇپ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر بېرىپ چىلانسىمۇ بولىدۇ.

    مەنزىرە رايونى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1~3 كۈن

    بېلەت باھاسى:

    چاڭبەيشەن تېغى شىمالىي ساياھەت رايونى : ئىشىك بېلىتى 125 يۈەن، مۇھىت ئاسراش ماشىنىسى 85 يۈەن، ئالمىشىش ماشىنىسى 80 يۈەن

    چاڭبەيشەن تېغى غەربىي ساياھەت رايونى : ئىشىك بېلىتى 125 يۈەن، مۇھىت ئاسراش ماشىنىسى 85 يۈەن

    ئېچىۋېتىلىدىغان ۋاقىت:

    چاڭبەيشەن تېغى شىمالىي ساياھەت رايونىنىڭ بېلەت سېتىش ۋاقتى : 6:30ــ15:30

    چاڭبەيشەن تېغى غەربىي ساياھەت رايونىنىڭ بېلەت سېتىش ۋاقتى :7:00 ــ14:30

    ئادرېسى: جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستى ئەنتۇ ناھىيىسى ئېردوبەيخې بازىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    A: چاڭچۈن، جىلىن تەرەپتىن ــ G12 خۇيۋۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى (G302)ــ دۇنخۇا ــ G201 ــ داپۇسەي دەرياسى ــ دوڭچىڭ ــ يوڭچىڭ ــ سوڭجياڭ ــ ئېردوبەيخې بازىرى

    B: بېيجىڭ، چىنخۇاڭداۋ تەرەپتىن ــ G1 جىڭخا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ــ شېنياڭ تاشقى ئايلانما تېز سۈرئەتلىك تاشيولى ــ G1212 شېنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ــ فۇشۈن ــ نەنزامۇ ــ چىڭيۈەن ــ مېيخېكوۋ ــ خۇينەن ناھىيىسى ياكى پەنشى ــ S26 فۇچاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ــ جىڭيۈ ناھىيىسى ــ S302 ــ فۇسۇڭ ــ G201 ــ ئېردوبەيخې بازىرى

    ئايروپىلان:

    چاڭبەيشەن ئايروپورتى، يەنجى ئايروپورتى ــــ چاڭبەيشەن تېغى مەنزىرە رايونى

    پويىز:

    چۈشىدىغان بېكەت : بەيخې بېكىتى، ئەنتۇ بېكىتى

    ئاپتوبۇس:

    ئەنتۇ، دۇنخۇا، يەنجى شەھىرى جەنۇبىي يولۇچىلار ئاپتوبۇس بېكىتى ــ ئېردوبەيخې يولۇچىلار بېكىتى