چاڭچۈن شەھىرى قورچاق مانجۇ ئوردىسى مۇزىيى

قورچاق مانجۇ ئوردىسى مۇزىيى جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ئەيشىنجۆلو پۇيى 1932-يىلىدىن 1935-يىلغىچە قورچاق مانجۇ دۆلىتىنىڭ قورچاق پادىشاھى بولغاندا تۇرغان ئوردىسى، جۇڭگودا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۈچ چوڭ ئوردا خارابىسىنىڭ بىرى

     

    قورچاق مانجۇ ئوردىسى مۇزىيى جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ ئەيشىنجۆلو پۇيى 1932-يىلىدىن 1935-يىلغىچە قورچاق مانجۇ دۆلىتىنىڭ قورچاق پادىشاھى بولغاندا تۇرغان ئوردىسى، جۇڭگودا ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئۈچ چوڭ ئوردا خارابىسىنىڭ بىرى. بۇ يەردە ئېچىۋېتىلگەن ساياھەت نۇقتىلىرىدىن 30 دىن ئارتۇقى بار بولۇپ، ئاخىرقى دەۋردىكى پادىشاھنىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ كونتروللىقىدىكى قورچاق تۇرمۇشىنى ئەينەن ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جىنايەتلىرىگە شاھىد بولغان.

    مۇزىينىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاۋۋال كۆزگە كۆرۈنىدىغىنى كۆلىمى كەڭ كەتكەن پادىشاھقا خاس بولغان ئات چاپتۇرۇش مەيدانىدۇر، ئات چاپتۇرۇش مەيدانى پۇيىنىڭ ئات مىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان، ھازىر ئات ئويۇنى كۇلۇبىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، چىلانتورۇق، ئەرەب ئېتى قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق ئات بېقىلىدۇ. ئات چاپتۇرۇش مەيدانىنىڭ شىمال تەرىپى بولسا مەخسۇس گۈل تىكىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ھەر خىل شەكىلدىكى ئوردا گۈل-گىياھلىرىدىن ھوزۇرلىنىلايدۇ.

    شەرق تەرەپكە ماڭغاندا، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئوردا رايونىغا كەلگىلى بولىدۇ، ئوردا رايونى ئاساسلىقى چىنمىن سارىيى، جىشى سارىيى، خۇەييۈەن سارىيى، توڭدېتاڭ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.

    چىنمىن سارىيى كاڭشى خاننىڭ «ئەجداتلارنى ھۆرمەتلەپ، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ئاتالغان بولۇپ، پۇيىنىڭ مۇراسىم ئۆتكۈزىدىغان، مېھمانلار بىلەن كۆرۈشىدىغان، پەرمان چۈشۈرىدىغان ئورنىدۇر، پۇيى دەل مۇشۇ يەردە قورچاق مانجۇ دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن، مۇزىي شۇ ۋاقىتتىكى كىيىملەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئوردا كىيىملىرىنى ياساپ چىققان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىر كۆرۈپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.

    جىشى سارىيى كۈلرەڭلىك ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ، پۇيى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئورۇن، پۇيى ئىككىنچى قەۋەتنىڭ غەرب تەرىپىدە، خانىش ۋەن روڭ ئىككىنچى قەۋەتنىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرغان، تەن يۈلىڭ بىرىنچى قەۋەتنىڭ غەرب تەرىپىدە تۇرغان، كۆرگەزمىخانىدا ئوخشىتىپ ياسالغان موم ھەيكەللەر، شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھ ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەرخىل كۆرۈنۈشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

    خۇەييۈەن سارىيى ئەجدادلىرىغا ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ، تاملارغا چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پادىشاھ ۋە خانىشلارنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان. خۇەييۈەن سارىيىدا يەنە پۇيىنىڭ خاس ماشىنىسى ـ پاركېر ماركىلىق پىكاپى ساقلانغان. بۇ پىكاپ شۇ ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ مودا پىكاپلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۇيى ئۇنى تيەنجىندىن يۆتكەپ كەلگەن، بۇنىڭدىنلا پۇيىنىڭ بۇ پىكاپنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. پاركېر ئاپتوموبىل شىركىتى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىلا ۋەيران بولغان بولۇپ، بۇ ماشىنىنى ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر بۇ قەدىمىي ئېسىل ئاپتوموبىلنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. ئوردا رايونىدا يەنە پادىشاھنىڭ ئىش بېجىرىشى، كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن سېلىنغان توڭدې سارىيى، قىممەتلىك كىتاب ۋە رەسىملەر ساقلانغان ساراي بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

    مۇزىينىڭ شەرق تەرىپى جۇڭگو ۋە ياپونىيە ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن خاس گۈللۈك بولۇپ، كۆلىمى ئون مىڭ كۋادرات مېترغا يېتىدۇ، گۈللۈكتە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ۋە سۈنئىي تاغ بار بولۇپ، يەر ئاستىغا ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىدىغان ئىنتايىن چوڭ ئۆڭكۈر سېلىنغان، قورچاق مانجۇ دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى پۇيى كۆپىنچە ئائىلىدىكىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە پاناھلانغان. گۈللۈكتىن چىققاندىن كېيىن بىر پاراۋۇزنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ پاراۋۇزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.8 مېتر، ئېگىزلىكى 4.7 مېتر كېلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.

    ئەڭ ئاخىرىدا مۇزىينىڭ ئەڭ شەرق تەرىپىدىكى شەرقىي شىمالنىڭ جاھانگىرلارنىڭ قولىغا چۈشۈش تارىخى كۆرگەزمە سارىيىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشكە بولىدۇ، كۆرگەزمە سارىيىدا قورچاق مانجۇ دۆلىتىنىڭ روناق تېپىش ۋە ھالاك بولۇش ھەمدە «9.18» ئۆزگۈرۈشىدىن بۇيانقى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخى خاتىرىلەنگەن، كۆپ مىقداردىكى ماتېرىياللار، رەسىملەر، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ۋە ھەرخىل بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان بولۇپ، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ رەزىل جىنايى قىلمىشلىرىنى ئېچىپ بېرىپ، بىزنى ھەرۋاقىت دۆلەتنىڭ ئار-نومۇسىنى ئۇنۇتماي، دۆلەتنى، خەلقنى سۆيۈشكە ئەسكەرتىدۇ.

    ساياھەت نۇقتىسى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3 سائەت

    بېلەت باھاسى:

    ئادەتتىكى بېلەت: 80 يۈەن

    ئوقۇغۇچىلار بېلىتى: 30 يۈەن

    يېرىم بېلەت: 40 يۈەن

    ئېچىۋېتىلىدىغان ۋاقىت:

    5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 7–كۈنىگىچە 8:30دىن 16:10 غىچە بېلەت سېتىلىدۇ، مۇزىينىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 8:30 ـ17:20 گىچە

    10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 4-ئاينىڭ 1–كۈنىگىچە 8:30دىن 14:40 غىچە بېلەت سېتىلىدۇ، مۇزىينىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 8:30 ـ16:50 گىچە

    ئادرېسى: چاڭچۈن شەھىرى كۇەنچېڭ رايونى غەربىي گۇاڭفۇ يولى 5-نومۇر

    قاتناش كۆرسەتمىسى:
    ئاممىۋى ئاپتوبۇس: 264-يول، 4-نومۇرلۇق يىنىك رېلىسلىق پويىز ــــ قورچان مانجۇ خان سارىيى بېكىتى

    318-،225-،279-،125-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرى ـــ شەنشى يولى