داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى

داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان، دېڭىز-ئوكيان باغچىسىنىڭ كۆلىمى بىر مىليون 180 مىڭ كۋادرات مېترغا يېتىدۇ، يولۋاس ساھىلى گۈزەللىككە تولغان دېڭىز بويى مەنزىرىسىگە ئىگە بولۇپ، ھەر خىل دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى، دېڭىز-ئوكيان ھايۋانلىرىنى يىغقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھايۋانات ئويۇنى ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار

     

    داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان، دېڭىز-ئوكيان باغچىسىنىڭ كۆلىمى بىر مىليون 180 مىڭ كۋادرات مېترغا يېتىدۇ، يولۋاس ساھىلى گۈزەللىككە تولغان دېڭىز بويى مەنزىرىسىگە ئىگە بولۇپ، ھەر خىل دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى، دېڭىز-ئوكيان ھايۋانلىرىنى يىغقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھايۋانات ئويۇنى ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار بولۇپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىشنى بىر گەۋدە قىلغان دېڭىز-ئوكيان باش تېما قىلىنغان زامانىۋى باغچا ھېسابلىنىدۇ.

    داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسىدا قۇتۇپ سارىيى، مارجان سارىيى، دېڭىز ھايۋانلىرى سارىيى، شادلىق تىياتىرخانىسى، قۇشلار ئورمانلىقى قاتارلىق باش تېمىدىكى سارايلار بار. قۇتۇپ سارىيى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئەڭ ئېرىشكەن ساراي بولۇپ، ساراي ئىچىدە شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى، ئاق كىت، پىنگىۋىن، دېلفىن، ئاكۇلا قاتارلىق قۇتۇپ دېڭىز-ئوكيان ھايۋانلىرى بار، يەنە ئىككى قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىلىپ بارغاندىكى رەسىملەر، جۇڭگو جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى ئىشلەتكەن كىيىم ۋە ماتېرىياللار، شىمالىي قۇتۇپ بۆرىسى قاتارلىق قۇتۇپ ھايۋانلىرىنىڭ ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ساراي ئىچىگە يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ بېقىشى ئۈچۈن سىلاش كۆلچىكى تەسىس قىلىنغان.

    مارجان سارىيىدا ھەرخىلدىكى مارجانلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەكلى بولقىغا ئوخشايدىغان مارجانلارمۇ بار، يەنە رەڭگى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان ئەتىرگۈل مارجىنىمۇ بار، چىراق نۇرى ئاستىدا، مارجانلار رەڭمۇ-رەڭ تۈسكە كىرىپ، كىشىنى ئۆزىگە ئىنتايىن جەلب قىلىدۇ، كىچىك بېلىقلار بۇ مارجانلار ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرۈپ، باشقىچە بىرخىل گۈزەل مەنزىرىنى پەيدا قىلىدۇ. قۇشلار ئورمانلىقىنىڭ كۆلىمى 45 مىڭ كۋادرات مېتر كېلىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يېرىم تەبىئىي ھالەتتىكى سۈنئىي قەپەزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ساراي ئىچىدە ئاق توز، ئاققاش قۇشقاچ، قىزىل قاشقا تۇرنا قاتارلىق 80 خىلدىن ئارتۇق 2000دىن كۆپ قۇش بار. دېڭىز ھايۋانلىرى سارىيىدا دېڭىز ئىتى، تيۇلىن، دېڭىز شىرى قاتارلىق ھايۋانلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

    دېڭىز-ئوكيان سارىيىدا يەنە ھايۋانات ئويۇنى قويۇلىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر كۆرۈشنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ. ساراي سىرتىدىكى شادلىق تىياتىرخانىسىدا دېڭىز پىلى، دېڭىز شىرى، قۇندۇز قاتارلىق ھايۋانلار مەيدانغا چىقىپ، ئولتۇرۇپ قوپۇش، تەتۈر تۇرۇش، توپ ئۈسۈش قاتارلىق ئويۇنلارنى قويۇپ بېرىدۇ، بەزىدە تېخى تاماشىبىنلار بىلەن ئۆزئارا ئويۇن ئويناپ، كۆندۈرگۈچىگە ئەركىلەپ يەم ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوماقلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. قۇشلار ئورمانلىقىدا توزنىڭ ئۇچۇشى، شاتۇتىنىڭ توپ ئېتىشى، ۋېلىسپىت مىنىشى قاتارلىق ئالاھىدە ماھارەتلىرى قويۇلىدۇ. قۇتۇپ سارىيىدا كىتسىمان دېلفىننىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

    ھايۋانات ئويۇنىدىن سىرت، يولۋاس ساھىلىدا يەنە گرانت تاشتىن ياسالغان يولۋاس ھەيكىلى، ئات-تۇلپارلارنىڭ ھەيكىلى قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. يەنە يۇرا دەۋرىدىكى جىددىي ئېقىمدا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش، دېڭىز قاراقچىسى پاراخوتى، ساياھەت پاراخوتى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنى ئوينىغىلى بولىدۇ. تائاملار مەيدانىدا قاقلىما راك، قۇلۇلە، دېڭىز كىرپىسى قاتارلىق يەرلىك دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىز تەگكىلى بولىدۇ. يولۋاس ساھىلى دېڭىز بويىغا قۇرۇلغان بولۇپ، قورساق تويغاندىن كېيىن، ئالتۇن رەڭلىك دېڭىز ساھىلىدا سەيلە قىلىپ، كۆپكۆك دېڭىز ۋە ئاسماندىن ھوزۇرلىنىشمۇ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ھېسابلىنىدۇ.

    ساياھەت نۇقتىسى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3~4 سائەت

    كىرىش بېلىتى:

    جانلانغان پەسىل (3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) 220 يۈەن

    سۇس پەسىل (11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە) 190 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:30 ~17:00 ساياھەت مەزگىلى 7:30~19:00

    ئادرېسى: لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرى جوڭشەن رايونى ئوتتۇرا بىڭخەي يولى 9-نومۇر

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش:

    شېنخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى داليەن خوۋيەن چىقىش ئېغىزى ـ شەرقىي شىمال تېز سۈرئەتلىك ييولى ـ شەرقىي شىمال يولى ـ چاڭچۈن يولى ـ ئازادلىق يولى ـ داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى

    ئاممىۋى قاتناش:

    2-يول، 4-يول، 30-يول، 404-يول ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلىرى ۋە داليەن شەھەر ساياھەت ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ، يولۋاس ساھىلىدا چۈشسە بولىدۇ.

    ئايروپىلان:

    جوۋشۈيزى خەلقئارالىق ئايرودروم ـ 1-نومۇرلۇق تېز لىنىيەلىك ئاپتۇبۇس ـ داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى

    پويىز:

    داليەن پويىز ئىستانسىسى: 2-يول ئاپتۇبۇسى (چىڭنىۋا كۆۋرۈكى سودا رايونىدا ئاپتۇبۇسقا چىقىدۇ)، 30-يول ئاپتۇبۇسى ـ داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى

    داليەن شىمالىي ۋوگزالى : 1-،909-يول ئاپتۇبۇسى ـ داليەن پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ 2-يول ياكى 30-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرىدۇ ـ داليەن يولۋاس ساھىلى دېڭىز-ئوكيان باغچىسى