شېنياڭ شەھىرى ئۆسۈملۈك باغچىسى

شېنياڭ شەھىرى ئۆسۈملۈك باغچىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ دوڭلىن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، «ئورمانلىقتىكى دۇنيا كۆرگەزمە باغچىسى» دەپ ئاتالغان، ئەسلىدە 2006-يىلىدىكى جۇڭگو شېنياڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئورنى. ئۆسۈملۈك باشچىسىنىڭ كۆلىمى 2.46 كۋادرات كېلومېتر كېلىدۇ ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىنى يىغقان بولۇپ ، شەرقىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدۇ.

     

    شېنياڭ شەھىرى ئۆسۈملۈك باغچىسى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىنىڭ دوڭلىن رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، «ئورمانلىقتىكى دۇنيا كۆرگەزمە باغچىسى» دەپ ئاتالغان، ئەسلىدە 2006-يىلىدىكى جۇڭگو شېنياڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئورنى. ئۆسۈملۈك باشچىسىنىڭ كۆلىمى 2.46 كۋادرات كېلومېتر كېلىدۇ ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىنى يىغقان بولۇپ ، شەرقىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ ھېسابلىنىدۇ. باغچە ئىچىگە يەنە گۈلسامساق مۇنارى، ئەتىرگۈل باغچىسى، سۇمۇرغ مەيدانى، ئورمانلىق كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار سېلىنغان، چوڭ تىپتىكى گۈل كۆرگەزمىلىرى قەرەللىك ئېچىلىپ تۇرىغان بولۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە، ئىنسانلار مەدىنىيىتى مەنزىرىسى، پەن ئومۇملاشتۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت رايونىدۇر.

    ئۆسۈملۈك باغچىسى ئىچىگە 100 كۆرگەزمە باغچىسى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆسۈملۈك مەخسۇس تۈرى باغچىسى، ئىستراھەت كۆرگەزمە رايونى، دۆلەت ئىچى كۆرگەزمە باغچىسى، خەلقئارالىق كۆرگەزمە باغچىسى قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    ئۆسۈملۈك مەخسۇس تۈرى باغچىسىدىن 12 يۈرۈش بار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان باغچىلەرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەتىرگۈل، كۈركۈم گۈلى، مودەنگۈل، چوغلۇق، سېرىنگۈل، كاككۇك گۈلى، گۈلسامساق، قىزىلگۈل قاتارلىق گۈللەر، ماگنولىيە، قارىغاي-شەمشاد، نورۇزگۈل قاتارلىق دەل-دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن. يەنە ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بارغان ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش رايونى، دورا ئۆسۈملۈكلىرى باغچىسى، پۈتۈن تىپلىق دەل-دەرەخ رايونى قاتارلىق ئالاھىدە مەخسۇس تۈردىكى باغچىلەر بار، باغچە ئىچىگە يەنە شەرقىي شىمال رايونىدا ئاز ئۇچرايدىغان «يۈز يىللىق مودەن»، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بارغان شەرقىي شىمال زەرنەپ دەرىخى، چاۋشيەن ئېيىقئۈزۈمى قاتارلىق داڭلىق گۈل ۋە دەرەخلەر بار.

    دۆلەت ئىچى كۆرگەزمە باغچىسىدا دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ 53 خىل ئۆسۈملۈكلىرى يىغىلغان، شەرقىي شىمال رايونى، مەسىلەن داليەن، چاڭچۈن، خاربىندىكى ئۆسۈملۈكلەر بار، يەنە شياڭگاڭ، ئاۋمىن، تەيۋەن قاتارلىق جەنۇبىي رايونلاردىكى ئۆسۈملۈكلەرمۇ بار بولۇپ، رايون ئاتلاش دەرىجىسى كەڭرى، تۈرى ئىنتايىن مول. خەلقئارالىق كۆرگەزمە باغچىسىدا گوللاندىيە، ئاۋىسترالىيە، نېپال، كورىيە قاتارلىق 23 دۆلەتتىكى ئۆسۈملۈكلەر كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

    ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرۈشتىن سىرت، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى كۆپلىگەن ئىستراھەت كۆرگەزمە رايونلىرىنى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن قۇرغان. كۆڭۈل ئېچىش رايونىدا تاغ كېسىپ ئۆتكۈچى پويىز، ماياتنىك بولقا قاتارلىق ئىلغار كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى بار؛ تېرراسا باغچىسى ياۋروپا ئۇسلۇبى توي سارىيى بولسا تىپىك بولغان رومانتىك ياۋروپا ئۇسلۇبىدا ياسالغان. جىڭتەن كۆلى ۋە لىنجياۋ ئېرىقى بولسا «كۆڭۈل ئېچىش كۆۋرۈكلىرى» مەركەزلەشكەن ئورۇن؛ پەن ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى بولسا كىشىلەرگە باغچە ئىچىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە مۇھىت ئاسراش توغرىسىدىكى بىلىملەرنى تونۇشتۇرىدۇ؛ پاراۋۇز كۆرگەزمىخانىسىدا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان 17 يۈرۈش پاراۋۇز بىلەن 8 چەتئەل دۆلەتلىرى ئىشلەپچىقارغان پاراۋۇزلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؛ گۈلسامساق مۇنارى بولسا باغچە ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 120 مېتردىن ئارتۇق كېلىدۇ، شەكلى خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلسامساققا ئوخشايدۇ. مۇنارغا كۆلىمى تەخمىنەن 400 مېترلىق كۈزىتىش سۇپىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلغان بولۇپ، 200 ئادەمنىڭ پۈتۈن باغچە قىياپىتىنى كۆرۈشىگە بولىدۇ.

    ئۆسۈملۈك باغچىسى ھەر يىلى كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى گۈل كۆرگەزمىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ، 4-ئايدىن 5-ئايغىچە كۈركۈمگۈلى كۆرگەزمىسى، كاككۇكگۈلى كۆرگەزمىسى، نورۇزگۈلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ؛ 5-ئايدىن 6-ئايغىچە مودەنگۈل، چوغلۇق كۆرگەزمىسى، چىغىرتماقگۈل كۆرگەزمىسى، نېلۇپەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ؛ 7-ئايدا گۈلسامساق كۆرگەزمىسى، نېلۇپەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ؛ 8-ئايدا كۆك رەڭلىك گۈللەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ؛ 10-ئايدا جۇخارگۈل كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، ھەممىسىلا ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

    ساياھەت نۇقتىسى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3~4 سائەت

    كىرىش بېلىتى: 50 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~17:00

    ئادرېسى: لياۋنىڭ ئۆلكىسى دوڭلىن رايونى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش

    جەنۇبىي ئىككىنچى ئايلانما ـ ماگۈەن كۆۋرۈكى ـ شېنچى يولى ـ ئۆسۈملۈك باغچىسى

    شەرق-غەرب تېز سۈرئەتلىك تاشيولى ـ جۇلىن كۆۋرۈكى ـ غەربىي دوڭلىن يولى ـ ماگۈەن كۆۋرۈكى ـ شېنچى يولى ـ ئۆسۈملۈك باغچىسى

    لياۋنىڭ جوڭيى ـ شەرقىي چوڭنەن يولى ـ بېيخەي كوچىسى ـ جۇلىن كۆۋرۈكى ـ غەربىي دوڭلىن يولى ـ ماگۈەن كۆۋرۈكى ـ شېنچى يولى ـ ئۆسۈملۈك باغچىسى

    ئاممىۋى قاتناش: مالۇۋەندىن 168-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ (مالۇۋەن ـ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى ـ چىپەنشەن مەنزىرە رايونى) ياكى دوڭلىندىن 234-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا چۈشسە بولىدۇ، يەنە شېنياڭ ياكى ۋۇشۇندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ كەلسىمۇ بولىدۇ.