خېبېي ئۆلكىسى چىڭدېدىكى يازلىق چاھارگاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىبادەتخانىلار

چىڭدېكى يازلىق چاھارگاھ خېبېي ئۆلكىسى چىڭدې شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرى سېلىنغان، پادىشاھ كاڭشى، يۇڭلې، چيەنلۇڭلار جەمئىي 89 يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن، دۇنيادىكى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ خانلىق باغچا، بېيجىڭدىكى يىخېيۈەن، سۇجۇدىكى جوجىڭيۈەن ۋە ليۇيۈەن ۋە چىڭدې يازلىق چاھارگاھى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ باغچە ھېسابلىنىدۇ،

     

    چىڭدېكى يازلىق چاھارگاھ خېبېي ئۆلكىسى چىڭدې شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرى سېلىنغان، پادىشاھ كاڭشى، يۇڭلې، چيەنلۇڭلار جەمئىي 89 يىل ئەجىر سىڭدۈرگەن، دۇنيادىكى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ خانلىق باغچا، بېيجىڭدىكى يىخېيۈەن، سۇجۇدىكى جوجىڭيۈەن ۋە ليۇيۈەن ۋە چىڭدې يازلىق چاھارگاھى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ باغچە ھېسابلىنىدۇ، بۇ باغچا 1994-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

    يازلىق چاھارگاھ ساراي رايونى ۋە باغچا رايونىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن. ساراي رايونىدا ئىلگىرىكى پادىشاھلار تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ۋە خىزمەت قىلىدىغان ئاساسلىق ئورۇن، ئىلگىرىكى ئوردا ھازىر مۇزېيغا ئۆزگەرتىلدى، ئىچىدە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن قېلىپ قالغان 20 مىڭدىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. باغچا رايونىدا جەنۇبتىكى سۇ يۇرتلىرى، شىمالىي تۈزلەڭلىك، تاغ ۋە ئورمان قاتارلىق جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ مەنزىرىلىرى يۇغۇرۇلغان، مەسىلەن: يىجۇنىڭ شىمالىدىكى يەنيۈ راۋىقى جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەنيۈ راۋىقا ئوخشىتىپ ياسالغان، "مەلىكە خۈەنجۇ" ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ قىسمەن كۆرۈنۈشلىرىنى دەل مۇشۇ يەردە ئالغان.

    چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىچاھارگاھنىڭ شەرقىي شىمالىغا لاما ئىبادەتخانىسى شەكلىدە 12 ئىبادەتخانا سالغان، بۇنىڭ سەككىزىنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى باشقۇراتتى، ھازىرغىچە يەتتىسى ساقلاندى. 1994-يىلى بۇ سەككىز ئىبادەتخانا ۋە چاھارگاھ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

    سەككىز ئىبادەتخانىغا خەنزۇ ۋە زاڭزۇلارنىڭ مىللىي ئىمارەتچىلىكى يۇغۇرۇلغان. پۇتوبۈزرۈكۋارلار ئىبادەتخانىسىنىڭ "كىچىك بۇددالا سارىيى" دېگەن نامى بار، بۇ ئىبادەتخانا شىزاڭدىكى بۇددلا سارىيىنىڭ شەكلى بويىچە سېلىنغان بولۇپ، سەككىز ئىبادەتخانا ئىچىدە ئىگەللىگەن ئورنى ئەڭ چوڭ. پۇتوبۈزرۈكۋارلار ئىبادەتخانىسىدىكى مىڭ قوللۇق، مىڭ كۆزلۈك ئاۋالوكىتىسۋارا ھەيكىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياغاچتىن ياسالغان، ئالتۇن يالىتىلغان بۇت.پۇتوبۈزرۈكۋارلار ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدا پۇتو سودا مەدەنىيەت كوچىسى بار، بۇ يەردىكى خىزمەتچىلەر چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كېيىن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۆرپە-ئادەتلەر بويىچە ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىدۇ.

    يازلىق چاھارگاھنىڭ ئەتراپىدىكى ئىبادەتخانىلارنىڭ كۆلۈمى خېلى چوڭ، ساياھەتچىلەر چاھارگاھ يانفون ئەپسىنى چۈشۈرۈپ، ئىچىدىكى ئاۋازلىق چۈشەندۈرۈش ۋە خەرىتە ئارقىلىق ساياھەت قىلسا بولىدۇ.
    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: بىر-ئىككى كۈن

    بېلەت باھاسى: چاھارگاھنىڭ بېلىتى 1-ئاپرېلدىن 31-ئۆكتەبىرگىچە 145 يۈەن، 1-نويابىردىن 31-مارتقىچە 90 يۈەن. بۇددلا ساياھەت رايونى 80 يۈەن، پۇتو ئىبادەتخانىسى 80 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 07:00دىن 18:00

    ئادرېس: خېبىي ئۆلكىسى چىڭدې شەھىرى شۇاڭچياۋ رايونى لىجىڭمىن كوچىسى

    چىڭدې ۋوگزالىدىن 2-5-13-15-29-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرىسىز.

    چىڭدې ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىدىن 1-9-13-29-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرىسىز.