بېيجىڭ خان سارىيى

بېيجىڭ خان سارىيىنىڭ ئىلگىرىكى نامى زىجىن قەلئەسى ئىدى، بېيجىڭدىكى ئوق يول چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې يىللىرى سېلىنغان، مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرىدىكى 24 پادىشاھ بۇ جايدا تۇرغان، كۆلۈمى 720 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ساقلىنىپ قالغان كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، ھەممىدىن تولۇق ساقلانغان ياغاغ ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىنغان قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ بىرى. دۇنيادىكى بەش چوڭ ساراي ئىچىدە

     

    بېيجىڭ خان سارىيىنىڭ ئىلگىرىكى نامى زىجىن قەلئەسى ئىدى، بېيجىڭدىكى ئوق يول چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې يىللىرى سېلىنغان، مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرىدىكى 24 پادىشاھ بۇ جايدا تۇرغان، كۆلۈمى 720 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ساقلىنىپ قالغان كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، ھەممىدىن تولۇق ساقلانغان ياغاغ ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىنغان قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ بىرى. دۇنيادىكى بەش چوڭ ساراي ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1925-يىلى 10-ئايدا "خان ساراي" دەپ نام قويۇلغان. 1987-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن.

    خان سارىيىنى كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن ۋۇمىن (مويتۇڭزا) دەرۋازىسىدىن كىرىپ، ئاق مەرمەردىن ياسالغان بەش كۆۋرۈكتىن ئۆتىسىز، خان سارىيىنىڭ ئوق يولنى بويلاپ ماڭسىڭىز تاشقى ئوردىغا كېلىسىز، ئاندىن تەيخې سارىيى، جۇڭخې سارىيى، باۋخې سارىيىنى كۆرىسىز، تاشقى ئوردا پادىشاھ ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان، كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزىدىغان جاي. شىمالغا قاراپ ماڭسىڭىز ئىچكى ھويلىنى كۆرىسىز، ئىچكى ھويلا چيەنچىڭ سارىيى، تەيديەن سارىيى، كۇننىڭ سارىيىنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئىچكى ھويلا پادىشاھ مەمۇرىي ئىشلارنى بىجىرىدىغان، خان جەمەتىدىكىلەر تۇرمۇش كۈچۈرىدىغان جاي. ئوق يولنىڭ شەرقىي ۋە غەربىدە ۋىنيۈەن سارىيى، چۇشيۇ سارىيى، يەنشى سارىيى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ-كىچىك ئىمارەتلەر بار.

    خان سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلۈمى 150 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئىچىدە قانچە ئېغىز ئۆي بارلىقى ھەممىنى قىزىقتۇرىدۇ، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا 9999 يېرىم ئۆي بار ئىكەن، مىڭچىڭزۇ جۇدى زىجىن سارىيىدا 1000 ئېغىز ئۆي سالماقچى ئىكەنتۇق، بىر كۈنى چۈشىدە يورۇن سۇلتان "ئەرىش ئورىدىسىغا ئوخشاش 1000 ئېغىز ئۆي سالساڭ بولمايدۇ" دەپ ئۇنى سوتلاپتۇ، جۇدى ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاخىرىدا يېرىم ئېغىز ئۆينى ئازايتىشنى قارار قىلىپتۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ راست-يالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئارخولوگلارنىڭ تۆت تۈۋرۈنى بىر بىرلىك قىلىپ ھېسابلىشىچە، خان سارىيىدا جەمئىي 8707 ئۆي بار ئىكەن.

    خان سارىيىدا بىرىنچىدىن شانلىق تارىخقا ئىگە ئىمارەت سەنئىتىدىن، ئىككىنچىدىن ساراي ئىچىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھوزۇر ئېلىش كېرەك. قاشتېشى سارىيى، سائەت سارىيى، مىس-ساپال سارىيى، ياقۇت سارىيى، ئالتۇن-كۈمۈش سارىيى قاتارلىق سەكىز ساراي، تەيخې سارىيى، چيەنچىڭ سارىيى، چۇشيۇ سارىيى قاتارلىق تارىخىي ئىمارەتلەردە 1 مىليوندىن ئارتۇق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ساقلانغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ 6\1 قىسمىنى ئىگەللەيدۇ.

    تارىخىي يادىكارلىق ۋە ئىمارەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىشتىن سىرت، ئەنئەنىۋى سەنئەت بىلەن سىفىرلىق تېخنىكىنىڭ بىرىكمىسىدىنمۇ ھوزۇر ئېلىڭ. باش دەرۋازا سىفىرلىق سارىيى تيەنئەنمىن دەرۋازىسى بىلەن ۋۇمىن دەرۋازىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، بۇنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لاھىيەلەش ئەترىتى تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياسىغان. ساياھەتچىلەر ئېكران ئارقىلىق پۈتۈن خان سارىيىنى كۆرەلەيدۇ، "كۆل بويىدىكى چىڭ مىڭ بايرىمى" ناملىق سۈرەتتىكى مەنزىرىگە ئوخشىتىپ قايتا ھاسىل قىلىنغان مەنزىرىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ، ئوردا كىيىملىرىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشەلەيدۇ. باش دەرۋازا سىفىرلىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى مۇقىم ئەمەس، توردا ئالدىن زاكاس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، كىملىك بىلەن كىرىش زۆرۈر.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش كۈن سانى: بىر كۈن

    بېلەت باھاسى : 1-ئاپرېلدىن 31-ئۆكتەبىرگىچە 60 يۈەن، 1-نويابىردىن 31-مارتقىچە 40 يۈەن.

    ياقۇت سارىيى 10 يۈەن

    سائەت سارىيى 10 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 1-ئاپرېلدىن 31-ئۆكتەبىرگىچە 08:30دىن 17:00گىچە، 1-نويابىردىن 31-مارتقىچە 08:30دىن 16:30گىچە.

    ئادرېس: بېيجىڭ شەھىرى شەرقىي شەھەر رايونى

    قاتناش كۆرسەتمىسى: ئايرودۇرۇمدىن يەر ئاسىتى پويىزىغا ئولتۇرۇپ، دۇڭجىمىندىن 2-لىنىيەگە ئالمىشىپ، فۇشىڭمىدىن 1-لىنىيەگە ئالمىشىپ، تيەنئەنمىندا چۈشىسىز.

    ئايرودۇرۇمدىن يولۇچىلار ئابتوبۇسى ۋاڭفۇجىڭ لىنىيەسىگە چىقىسىز.

    بېيجىڭ ۋوگزالىدىن 120-يول، 52-يول، 1-يول ئابتوبۇسىغا ئولتۇرىسىز.

    بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن يەر ئاستى پويىزى 9-لىنىيەدىن 1-لىنىيەگە ئالمىشىسىز؛ 109-يول، 52-يول ئابتوبۇسىغا ئولتۇرىسىز.

    بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يەر ئاسىتى يويىزى 4-لىنيەدىن 103-101-124-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىسىز.

    بېيجىڭ شىمالىي ۋوگزالىدىن يەر ئاسىتى يويىزى 4-لىنيەدىن 103-101-124-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىسىز ياكى 111-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرىسىز.

    شەھەر ئىچىدە 1-5-10-22-52-205-90-99-728-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، تيەنئەنمىن بېكەتتە چۈشىسىز.