بېيجىڭ تيەنتەن ئىبادەتخانىسى

تيەنتەن ئىبادەتخانىسى بېيجىڭ شەھىرى شەرقىي شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرى نەزىر-چىراغ ۋە بەخت تىلەيدىغان جاي، ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلانغان كۆلۈمى ئەڭ چوڭ قەدىمىي نەزىر-چىراغ قىلىدىغان ئىمارەتلەر ھېسابلىنىدۇ. تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلار ئاسمان ۋە زېمىنغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشنى خانلىق ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇھىم پائالىيەت

     

    تيەنتەن ئىبادەتخانىسى بېيجىڭ شەھىرى شەرقىي شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرى نەزىر-چىراغ ۋە بەخت تىلەيدىغان جاي، ئېلىمىزدە ھازىرغىچە ساقلانغان كۆلۈمى ئەڭ چوڭ قەدىمىي نەزىر-چىراغ قىلىدىغان ئىمارەتلەر ھېسابلىنىدۇ. تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلار ئاسمان ۋە زېمىنغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈشنى خانلىق ھوقۇقىنى قوغداشتىكى مۇھىم پائالىيەت قىلغان، زور ئادەم كۈچى، ئەشيا ۋە بايلىق سەرىپ قىلىدۇ. تيەنتەن ئىبادەتخانىسى نۇرغۇن نەزىر-چىراغ قىلىش ئىمارەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى تىپىك مىسال. 1998-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى تيەنتەن ئىبادەتخانىسىنى "دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى" تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

    تيەنتەن يۈەنچيۇ (يۇمىلاق مىھراب) ۋە چىگۇ (تىلاۋەت جىلغىسى)نىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، يۈەنچيۇ تيەنتەن ئىبادەتخانىسىنىڭ جەنۇبىغا، چىگۇ بولسا شىمالىغا جايلاشقان. چىڭگۇنىڭ مەركىزىدىكى ئىمارەت تىلاۋەت سارىيى بولۇپ، پادىشاھلار مول-ھوسۇل بولۇشنى تىلاۋەت قىلىدىغان ئورۇن. يىراقتىن قارىغاندا، تىلاۋەت سارىيى ئۈچ قەۋەتلىك يۇمىلاق شەكىلدە، سارايغا كۆڭ رەڭلىك ئەينەك كاھىش يېيىتىلغان، ئەڭ ئۈستىدىكى قەۋىتىگە ئالتۇن تەگلىككە كۆك رەڭلىك خەت يېزىلغان تاختا ئېسىلغان. ساراي ئىچى ناھايىتى ئەپچىل بېزەلگەن، ئىچىدە پېبا دەرىخىدىن ياسالغان شۇنداقلا ئالتۇن يالىتىلغان 28 تۈۋرۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەڭ ئىچىدىكى تۆت تۈۋرۈك تۆت پەسىلگە، ئوتتۇرىسىدىكى 12 تۈۋرۈك 12 ئايغا، ئەڭ تېشىدىكى 12 تۈۋرۈك 12 سائەتكە سىمۋول قىلىنغان.

    خۇاڭچيۇڭيۈ (تەزىيە تاختىسى سارىيى) بولسا چىگۇنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، بۇ يەرگە پادىشاھ ئەجداتلىرىنىڭ تەزىيە تاختىسى قويۇلىدۇ. بۇ جاينىڭ سىرتى بولسا داڭلىق ئاۋاز قايتۇرۇش تېمى، ئاۋاز قايتۇرۇش تېمى ئالاھىدە تېخنىكا بىلەن سېلىنغان، تام يۈز ناھايىتى تەكشى بولغاچقا، ئادەم تامغا قاراپ گەپ قىلسا ئاۋاز بىر-ئىككى يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى يەنە بىر تەرەپكە ئاڭلىنىدۇ، بۇ خىل ئاجايىپ ھادىسە كىشىلەرنى ئۆزىگە بەك قىزىقتۇرىدۇ.

    يۈەنچيۇ (يۇمىلاق مىھراب) ئەڭ جەنۇبقا جايلاشقان، پادىشاھ قىشتا نەزىر-چىراغ قىلىدىغان جاي. يۈەنچيۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، مىھرابتىكى پەلەمپەي،مىھراب يۈزى ۋە رىشاتكىنىڭ سانى توققۇزنىڭ ھەسسلىك سانى. نېمە ئۈچۈن توققۇزنىڭ ھەسسىلىك سانى بىلەن مىھراب ياسايدۇ؟ بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار، بىرىنچىسى، رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، يورۇن سۇلتان توققۇز قەۋەت ئاسماندا تۇرىدىكەن، توققۇزنىڭ ھەسسىلىك سانى توققۇز قەۋەت ئاسمانغا سىمۋول قىلىنغان، "پادىشاھ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ" دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككىنچى، قەدىمدە كىشىلەر توققۇزنى ئۇلۇغلايدۇ. بۇ خىل لاھىيە قەدىمدىكى پادىشاھ ھوقۇقىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىز ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قول سەنئىتىگە ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.

    تيەنتەن باغچىسىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن، ئىچىدە 300 يىلدىن ئاشقان ئارچىدىن تەخمىنەن 1500 تۈپ بار. بۇ قەدىمىي دەرەخلەر باغچا ئىدە يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھېرىپ قالغان ساياھەتچىلەر ئۇزۇن كارىدوردا ئاۋام ئېلىپ سەگىدەيدۇ، بۇ ئۇزۇن كارىدور 72 ئۆي دەپ ئاتىلىدۇ، ئىلگىرى پەردە ئارقىلىق ئايرىلغان 72 ئۆي ئىدى، ھازىر ھەممىسى ئېچىۋېتىلدى.

    تيەنتەن ئىبادەتخانىسىنى ساياھەت قىلىپ بۇلۇپ ئەتراپنى چۆگلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، تيەنتەننىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن بېيجىڭچە يېمەكلىكلەر بار، تيەنچاۋ ئەدەبىيات-سەنئەت سارىيىدا ئويۇن كۆرسىڭىزمۇ ياكى بېيجىڭدىكى ئەڭ بۇرۇن سېلىنغان تيەنچاۋ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىدا بازار ئايلانسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ جايلاردا بېيجىڭنىڭ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلالايسىز.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش كۈنى سانى: يېرىم كۈن

    بېلەت باھاسى: 4-ئايدىن 10-ئايغىچە 15 يۈەن، يۈرۈشلۈك بېلەت 35 يۈەن. 11-ئايدىن 3-ئايغىچە 10 يۈەن، يۈرۈشلۈك بېلەت 30 يۈەن.

    چوڭ دەرۋازا سائەت 06:00دىن 22:00گىچە ئېچىلىدۇ، ئىچىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن 08:00دىن باشلاپ ئېچىلىدۇ.

    تيەنتەننىڭ شەرقىي ئىشكى: 6-25-34-35-36-39-41-43-60-610-684-685-723-814-يول ئاپتوبۇسلىرى بارىدۇ.

    تيەنتەننىڭ جەنۇبىي ئىشكى: 36-120-122-يول ئابتوبۇسلىرى بارىدۇ.

    تيەنتەننىڭ غەربىي ئىشكى: 2-20-120-يول ئاپتوبۇسلىرى بارىدۇ.

    تيەنتەننىڭ شىمالىي ئىشكى: 6-34-25-36-106-111-يول ئاپتوبۇسلىرى بارىدۇ.