بېيجىڭ يىخېيۈەن باغچىسى

يىخېيۈەن باغچىسى بېيجىڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خانلىق جەمەت باغچىسى. يىخېيۈەن باغچىسى خاڭجۇدىكى شىخۇ كۆلىنى ئاساس قىلىپ، چياڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت جەۋھىرى يۇغۇرۇپ سېلىنغان، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان خانلىق جەمئەت باغچىسى بولۇپ، "خانلىق جەمەت ئورمان مۇزىيى" دېگەن نامى بار. چىڭدېدىكى يازلىق چارگاھ، سۇجۇدىكى جوجىڭ باغچىسى ۋە سۇجۇدىكى

     

    يىخېيۈەن باغچىسى بېيجىڭنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خانلىق جەمەت باغچىسى. يىخېيۈەن باغچىسى خاڭجۇدىكى شىخۇ كۆلىنى ئاساس قىلىپ، چياڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتلىرىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت جەۋھىرى يۇغۇرۇپ سېلىنغان، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان خانلىق جەمئەت باغچىسى بولۇپ، "خانلىق جەمەت ئورمان مۇزىيى" دېگەن نامى بار. چىڭدېدىكى يازلىق چارگاھ، سۇجۇدىكى جوجىڭ باغچىسى ۋە سۇجۇدىكى ليۇيۈەن باغچىسى شۇنداقلا يىخېيۈەن باغچىسى جۇڭگودا تۆت داڭلىق باغچا ھېسابلىنىدۇ، يىخېيۈەن باغچىسى 1998-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

    يىخېيۈەننىڭ تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، 1750-يىلى پادىشاھ چيەنلۇڭ خان ئانىسىنىڭ 60 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، كۆل ياساپ يېخېيۈەننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى – چىڭلىنيۈەن باغچىسىنى سالىدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا بۇ باغچا نەچچە قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، 1886-يىلى جانىش سىشى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خىراجىتىنى ئىشلىتىپ، چىڭلىنيۈەن باغچىسىنى رېمونت قىلىدۇ، ئۇ باغچىنى كۈتىنىدىغان جاي قىلغان، ئىككى يىلدىن كېيىن چىڭلىنيۈەن دېگەن نام يىخېيۈەنگە ئۆزگەرتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن يىخېيۈەن باغچىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئالىي ھۆكۈمراننىڭ ئوردا سىرتىدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە مەركىزىگە ئايلانغان. ۋۇشۈي يىللىرىدىكى قانۇن ئۆزگىرىش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، گۇاڭشۈ يېخېيۈەن باغچىسىدىكى يۈلەن سارىيىدا ئۇزاق ۋاقىت نەزەربەند قىلىنىدۇ.

    يىخېيۈەن باغچىسىنىڭ كۆلۈمى تەخمىنەن 300 گېكتار كېلىدۇ، ۋەنشۇ تېغى بىلەن كۇنمىڭ كۆلى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللەيدۇ، كۆل باغچىنىڭ تەخمىنەن 4\3 قىسمىنى ئىگەللەيدۇ، باغچىدا يەنە ئۇزۇن كارىدور، فوشياڭ سارىيى، سۇجۇ كوچىسى، شىچىكۇڭ كۆۋرۈكى، تىياتىر راۋىقى، تاش كېمە قاتارلىق 3000دىن ئارتۇق ئىمارەت بار.

    فوشياڭ سارىيى چىڭ سۇلالىسى خان جەمەتى ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولۇپ، باغچىدىكى ئەڭ ئېگىز جايغا جايلاشقان، بۇ جايدىن كۇنمىڭ كۆلىنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىدىن ھوزور ئالغىلى بولىدۇ. شىچىكۇڭ كۆۋرۈكى كۇنمىڭ كۆلىدە بولۇپ، باغچىدىكى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ، كۆۋرۈككە ئوخشىمىغان شەكىلدىكى 500دىن ئارتۇق شىر سۈرىتى ئويۇلغان. دېخېيۈەن تىياتىر راۋىقى چىڭ سۇلالىسىدىكى ئۈچ چوڭ تىياتىر راۋىقىنىڭ بىرى، كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان راۋاق. بۇ تىياتىر راۋىقىدا مەخسۇس خانىش سىشىغا ئويۇن قويۇلىدۇ. ئۇزۇن كارىدور رەسىم كارىدورى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىككى تەرەپتە 14 مىڭ خىلدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان رەسىم بار، رەسىمدىكى شەخسلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان. 1992-يىلى بۇ كارىدور دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن كارىدور بولۇپ باھالىنىپ، دۇنيا جىنس رېكورتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇزۇن كارىدورنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدا تاش كېمە بار، بۇ تاش كېمە چيەنلۇڭ يىللىرى مەرمەر تاشتىن ئويۇلغان، ئەنگلىيە-فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى تاجاۋۇز قىلغاندا، كېمىدىكى جۇڭگوچە ئىمارەت بۇزۇلۇپ، ئورنىغا غەربچە ئىمارەت ياسالغان، روجەڭ رەڭلىك ئەينەكتىن بېزەلگەن بولۇپ، باغچىدىكى بىردىن-بىر غەربچە ئىمارەتكە ئايلانغان.

    يازدا باغچىدىكى نېلۇپەر كۆلچىكى ئىنتايىن گۈزەل ھۆسۈن ئالىدۇ، ھەر يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدىن 8-ئايغىچە نېلۇپەر بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، باغچىنىڭ يەتتە يېرىدە نېلۇپەر كۆرگەزمىسى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، باغچىدا قەرەلسىز ھالدا بىرونزا بويۇملىرى كۆرگەزمىسى، تىياتىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق ھەر خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    ئادرېس: بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونى شىنجيەنگۇڭمىن يولى

    ئېچىلىش ۋاقتى: 4-ئايدىن 10-ئايغىچە 06:00دىن 18:00گىچە، 11-ئايدىن 3-ئايغىچە 07:00دىن 17:00گىچە.

    بېلەت باھاسى: 20 يۈەن، 30 يۈەن، يېرىم باھالىق بېلەت بار. يۈرۈشلۈك بېلەت 40 يۈەن، 50 يۈەن.

    قاتناش: يەر ئاسىتى پويىزى 4-لىنىيەنىڭ بېيگۇڭمىن بېكىتى D چىقىش ئېغىزى، 303-330-331-346-375-384-563-601-608-696-697-718-يول ئاپتوبۇسلىرى، ئالاھىدە 5، ئالاھىدە 10-يول ئاپتوبۇسلىرى.

    پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىن ئايرودۇرۇم لىنىيەسى-يەر ئاستى پويىزى 10-لىنىيە ئاخىرىدا 74-يول ئاپتوبۇسى ياكى 374-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىسىز.

    نەنيۈەن ئايرودۇرۇمىدىن ئايرودۇرۇم شىدەن لىنىيەسى-يەر ئاستى پويىزى 10-لىنىيە ئاخىرىدا 74-يول ئاپتوبۇسى ياكى 374-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىسىز.

    بېيجىڭ ۋوگزالىدىن يەر ئاستى پويىزى 2-لىنىيەدىن 4-لىنىيەگە ئالمىشىسىز.

    بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن 74-374-يول ئاپتوبۇسى، يەر ئاستى پويىزى 9-لىنىيە ئارقىلىق 10-لىنىيە ئاخىرىدا 539-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىسىز.

    بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن يەر ئاستى پويىزى 4-لىنىيەگە ئولتۇرىسىز.

    بېيجىڭ شىمالىي ۋوگزالىدىن يەر ئاستى پويىزى 4-لىنىيەگە ئولتۇرىسىز. ياكى 632-يول ئاپتوبۇسى ئارقىلىق 437-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىسىز.