بېيجىڭ بادالىڭ-مۇتيەنيۈ سەددىچىن سېپىلى ساياھەت رايونى

بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەنچىڭ رايونىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسىدىكى داڭلىق قوماندان چى شۈگۇاڭ قوماندانلىق قىلىپ ياساتقۇزغان، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىر قىسمى. بادالىڭدىكى سەددىچىن سېپىلى جۈيۈڭگۇەن قوۋۇقىنىڭ باش قىسمى بولۇپ سەنشى، ئىچكى موڭغۇل ۋە جاڭجياكۇغا تۇتىشىدۇ، ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن، سېپىل سېلىنغان جاينىڭ يەر

     

    بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يەنچىڭ رايونىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسىدىكى داڭلىق قوماندان چى شۈگۇاڭ قوماندانلىق قىلىپ ياساتقۇزغان، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلانغان مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ بىر قىسمى. بادالىڭدىكى سەددىچىن سېپىلى جۈيۈڭگۇەن قوۋۇقىنىڭ باش قىسمى بولۇپ سەنشى، ئىچكى موڭغۇل ۋە جاڭجياكۇغا تۇتىشىدۇ، ھەربىي ئىشلاردىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن، سېپىل سېلىنغان جاينىڭ يەر شەكلى ناھايىتى خەتەرلىك، ئويمانلىق بىلەن ئېگىزلىكنىڭ پەرق زور.

    بادالىڭدىكى سەددىچىن سېپىلى جەنۇب ۋە شىمالغا بۆلىنىدۇ، جەنۇبىي بۆلەك سەل تەكشى بولۇپ جەمئىي يەتتە سېپىل مۇنارى بار. شىمالىي بۆلەكتە 12 سېپىل بار بولۇپ، سەككىزىنچىسىنىڭ ئورنى ئەڭ ئېگخز، دېڭىز يۈزىدىن 888 مېتىر ئېگىزلىكتە، بۇ بۆلەك يول "ئەزىمەت يولى" دېيىلىدۇ، رەئىس ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى "سەددىچىن سېپىلىغا بارمىغانلار ئەزىمەت ھېسابلانمايدۇ" دېگەن ئىدى. شىمالىي بۆلەكنىڭ ئاخىرىدا بادالىڭ ئېيىق باغچىسى بار، باغچىدا قارا ئېيىق، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىق 380دىن ئارتۇق ئېيىق بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو سەددىچىن سېپىلى مۇزىيى بار، بۇ يەردا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەددىچىن سېپىلى بويىدىن قېزىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەمە قىلىنىدۇ، يادىكارلىقلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ناھايىتى تولۇق بولغاچقا ساياھەتچىلەر تونۇشى ئۆسىدۇ. بادالىڭ جەن تيەنيۇ باش بولۇپ جۇڭگودىكى تۇنجى تۆمۈريول – بېيجىڭ-جاڭجياكۇ تۆمۈريولىنى ياتقۇزغان جاي، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر جەن تيەنيۇ خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، بۇ بۆلەك تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسە بولىدۇ.

    مۇتيەنيۈ سەددىچىن سېپىلى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خۈەيرۇ رايونىغا جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسىدە سېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5400 مېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن سەددىچىن سېپىلى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن بىر بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. مۇتيەنيۈ سەددىچىن سېپىلىنىڭ مەنزىرىسىنى ئەڭ گۈزەل دېيىشكە بولىدۇ، چەتئەللىك دوستلارمۇ بۇ بىر بۆلەكنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ماجور، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىلىنتون قاتارلىقلارمۇ بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەن.

    مۇتيەنيۈ سەددىچىن سېپىلىدە جىڭگۈەنتەي (ئالدى قوۋۇق)، داجاۋلۇۋ (چوڭ راۋاق)، يىڭفىي داۋياڭ (تىك قىيا) قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. چوڭ راۋاقنىڭ ئۈچ تەرىپى سەددىچىن سېپىلىگە تۇتىشىدۇ، بىر تەرىپى غەربتىكى بادالىڭ بىلەن، بىر تەرىپى شەرقتىكى گۇبېيكۇ بىلەن تۇتىشىدۇ، يەنە بىر تەرىپى جەنۇبقا سوزىلىدۇ. تىك قىيا مۇتيەنيۈنىڭ غەربىدىكى جيەنكۇ سەددىچىن سېپىلىغا جايلاشقان، بۇ بۆلەك سېپىل تىك قىيا ئۈستىگە سېلىنغان، تىكلىكى 50 گىرادۇستىن يۇقىرى، يەنە قىسمەن بۆلى 90 گىرادۇس بولۇپ، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. 14-سېپىل مۇنارىغا بوياش رايونى تەسسىس قىلىنغان، ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە ئۆز ئىسمىنى قالدۇرسا بولىدۇ. لېكىن سېپىلنىڭ باشقا يەرلىرىگە قالايمىقان سىزماڭ، مەدەنىيلىكنى تەكىتلەيلى. ساياھەت رايونىدا فۇنىكۇليورمۇ بار، ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 1580 مېتىر كېلىدۇ، تاغ چوققىسىدىن تاغرىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر پۈتۈن مەنزىرىدىن ھوزور ئالالايدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    بادالىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى يازدا 06:30دىن 19:00گىچە، قىشتا 07:30دىن 18:00گىچە.

    مۇتيەنيۈ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى يازدا 07:00دىن 18:30گىچە، قىشتا 07:30دىن 17:30گىچە.

    ئادرېس: بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ رايونى بىلەن خۇەيرۇ رايونى

    1.بادالىڭ ساياھەت رايونىنىڭ بېلەت باھاسى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە 40 يۈەن، ئوقۇغۇچىلار 20 يۈەن، 11-ئايدىن 3-ئايغىچە 35 يۈەن، ئوقۇغۇچىلار 17.5 يۈەن. فۇنىكۇليورنىڭ بېرىپ كېلىشى 100 يۈەن، تاق يۆلىنىشى 80 يۈەن. بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى چۈەنجۇ كىنوخانىسىنىڭ باھاسى 40 يۈەن.

    2. مۇتيەنيۈ ساياھەت رايونىدىكى سەددىچىننىڭ بېلەت باھاسى 45 يۈەن، ئوقۇغۇچىلار 25 يۈەن، فۇنىكۇليورنىڭ بېرىپ-كېلىشى 100 يۈەن، تاق يۆلىنىشى 80 يۈەن، بالىلارغا يېرىم باھا.

    قاتناش: 1.بادالىڭ. دېشىڭمىندىن يەنچىڭگە ئەتتىگەن سائەت ئالتىدە ماشىنا قوزغىلىدۇ، كەچ سائەت يەتتىدە قايتىپ كېلىدۇ. يەنچىڭدىن دېشىڭمىنغا ئەتتىگەن سائەت بەشتە ماشىنا قوزغىلىدۇ، كەچ سائەت ئالتە يېرىمدا قايتىدۇ.

    بېيجىڭ ۋوگزالىدىن پويىز S2-لىنىيەسى ئولتۇرۇپ يەنچىڭغا بارىدۇ.

    بېيجىڭ-لاسا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىمۇ بادالىڭغا تۇتىشىدۇ.

    2.مۇتيەنيۈ. دۇڭجىمىندىن 916-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، خۈەيرۇ شىمالىي يولىدا چۈشۈپ، شالۇيۈدوڭ ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىڭ ياكى تاكسىغا ئولتۇرۇڭ.

    دۇڭجىمىندىن 867-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ-خۇڭلوسى ئىبادەتخانىسى مەنزىرە رايونىدا چۈشۈڭ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ۋە 12دە مۇتيەنيۈ سەددىچىن سېپىلىغا ماشىنا قوزغىلىدۇ.

    چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى ۋە ئۈچتە خۇڭلوسى ئىبادەتخانىسىغا ماشىنا قوزغىلىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن باشلاپ ھەر يېرىم سائەتتە بىر ماشىنا بېيجىڭغا قايتىدۇ، سائەت بەشتە توختايدۇ.

    بېيجىڭ-چىڭدې يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى مۇتيەنيۈ مەنزىرە رايونىغا تۇتىشىدۇ.