باۋدىڭ شەھىرىدىكى بەيياڭ كۆلى مەنزىرە رايونى

بەيياڭ كۆلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، خېبېيدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى، ئومۇمىي كۆلۈمى 336 كىۋادرات كىلومېتىر. بەيياڭ كۆلى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ بار بولۇشى مۇمكىن، كۆلنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىدىن ئىنسانلارنىڭ ئىزنالىرى بايقالغان، بۇ جاينىڭ كان مەھسۇلاتى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، رەئىس جياڭ زېمىن "جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئاق مەرۋايىت" دەپ خەت يېزىپ بەرگەن

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    بەيياڭ كۆلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، خېبېيدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى، ئومۇمىي كۆلۈمى 336 كىۋادرات كىلومېتىر. بەيياڭ كۆلى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ بار بولۇشى مۇمكىن، كۆلنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىدىن ئىنسانلارنىڭ ئىزنالىرى بايقالغان، بۇ جاينىڭ كان مەھسۇلاتى مول، مەنزىرىسى گۈزەل، رەئىس جياڭ زېمىن "جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ئاق مەرۋايىت" دەپ خەت يېزىپ بەرگەن.
    بەيياڭ كۆلى مەنزىرە رايونىدا 14 خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت قوغدايدىغان، ئىچكى قورۇقلۇقتا ياشايدىغان قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلار، بۇندىن باشقا يەنە 197 خىل قۇش بار، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل قاشقا تۇرنا، ئاق تۇرنا، چوڭ دوغداق، شەرقتىكى ئاق قاقىر قاتارلىق دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان تۆت خىل قۇش، ئاق قۇتان، ئاق قاش غاز قاتارلىق 26 خىل دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان قۇشلار بار. بېلىق بايلىقىمۇ بىر قەدەر مول.

    ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن يۈەن خانىش نىلۇپەرزارلىقى، نېلۇپەر باغچىسى، يۈەنياڭ ئارىلى، ئىستىراھەت ئارىلى، چەتئەلچە باغچا، باۋداۋ سۇ ئۈستى باغچىسى، بەيياڭ مەدەنىيەت باغچىسى، بەيياڭ بېلىق باغچىسى، ۋاڭجياجەي مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى قاتالىقلار بار.

    نېلۇپەر باغچىسىنىڭ كۆلۈمى 2000 مودىن ئاشىدۇ، 699 خىل نېلۇپەر بار، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل. بۇ باغچا مېھمانلار رايونى، مۇلازىمەت رايونى، نېلۇپەر ئۈزۈش رايونى، كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت بەش رايونغا، نېلۇپەر باغچىسى، ئارام باغچىسى، قارماق تاشلاش باغچىسى، مىللىي ئۆرپە-ئادەت باغچىسىدىن ئىبارەت تۆت باغچىغا، پاراخوت پورتى، بېلىق كۆرۈش پورتى، ئارام پورتىدىن ئىبارەت ئۈچ پورتقا، ئىككى ساھىلغا، بىر تاغ مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئېلىش رايونىغا بۆلۈنگەن.

    مەنزىرە رايونىدىكى بېلىق باغچىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان، كۆلۈمى 10 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، كۆل سۈيى ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، تىپىك سۇلۇق يەر ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى. ساياھەتچىلەر قولۋاققا ئولتۇرسا، قارنا ئويۇنى كۆرسەر بولىدۇ. بېلىق باغچىسى سۇ زۇيىڭ "18 سۇ يولى ئۆيۈمگە تۇتىشىدۇ" ناملىق ئەسەرنى رېپېتىتسىيە قىلغان جاي، بۇ يەرنى تەبىئىي مەنزىرىسى كىشىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىدۇ.

    بەيياڭ كۆلىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى نۇرغۇن سەنئەتكارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، سۈن لىنىڭ "بەيياڭ كۆلىدىكى ئىشلار" ۋە "نېلۇپەر كۆلى" ناملىق ئەسىرى، شۈ گۇاڭياۋنىڭ "كىچىك جەڭچى جاڭ گا" ناملىق ئەسىرىدە بەيياڭ كۆلى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    ساياھەت قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان ۋاقىت: 6-ئايدىن 10-ئايغىچە.

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: ئىككى كۈن.

    بېلەت باھاسى: كۆل رايونىغا كىرىش بېلىتى 40 يۈەن. نېلۇپەر باغچىسى 50 يۈەن، بەيياڭ كۆلى مەدەنىيەت باغچىسى 50 يۈەن، ئىستراھەت باغچىسى 40 يۈەن، چەتئەلچە باغچا 40 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 08:30دىن 17:30گىچە.

    ئادرېس: خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرى شىنئەن ناھىيەسى

    قاتناش: بېيجىڭدىكى مۇشۈيۈەن بېكىتىدىن 06:30دىن 17:20گىچە بولغان ئارىلىقتا، ھەر بىر سائەتتە بىر ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ.

    تيەنجىن غەربىي ۋوگزالىدىن 07:30دا بىر ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ. خۇڭۋىيچياۋ بېكىتىدە ھەر بىر سائەتتە بىر ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ.

    شىجياجۇاڭدىكى يۈنخېچياۋ بېكىتىدە 09:00 تۇنجى ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ، 11:00دىن 14:00كىچە ھەر بىر سائەتتە بىر ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ.

    باۋدىڭدىكى قاتناش مەركىزىدە 20 مىنۇتتا بىر ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ.