شەنشى داتوڭ يۈنگاڭ غارلىرى

يۈنگاڭ غارلىرى شەنشى ئۆلكىسى داتوڭ شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن بىر كېلومېتر كېلىدۇ، مىلادىيە 460-يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان، تا ھازىرغىچە 1500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، غار ئىچىدىكى ھەيكەللەرنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قەدىمىي غارلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ

     

    يۈنگاڭ غارلىرى شەنشى ئۆلكىسى داتوڭ شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن بىر كېلومېتر كېلىدۇ، مىلادىيە 460-يىلى شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان، تا ھازىرغىچە 1500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، غار ئىچىدىكى ھەيكەللەرنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان قەدىمىي غارلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارلىرى، لوياڭدىكى لوڭمېن غارلىرى ۋە مەيجى تېغى غارلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگودىكى تۆت چوڭ غار دەپ ئاتىلىدۇ.

    يۈنگاڭ غارلىرىنى قېزىش دەسلەپكى مەزگىل، ئوتتۇرا مەزگىل، كېيىنكى مەزگىلدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىيە 460-يىلدىن 470-يىلغىچە، راھىپ تەن ياۋ شىمالىي ۋېي سۇلالىسى خان ئائىلىسىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن يۈنگاڭدا غار قېزىشقا باشلىغان، قازغان غارلىرى كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تەن ياۋ بەغ غارى دەپ ئاتالغان، يەنى ھازىرقى 16-دىن 20-غارغىچە بولغان غارلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يۈنگاڭ غارلىرىدىكى ئەڭ بۇرۇن قېزىلغان، ئەڭ ھەيۋەتلىك بىر تۈركۈم غارلار ھېسابلىنىدۇ. تەن ياۋ بەش غارىدىكى بۇت ھەيكەللىرى «ئادەم بىلەن بۇت بىرلىشىش» تەڭ ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرگەن. بەش غاردىكى ئاساسلىق بۇت ھەيكەللىرى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى سۇلالە قۇرغان بەش پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. غارلار ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى 20-غاردىكى ئۈستى ئوچۇق چوڭ بۇت بولۇپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنى قۇرغان پادىشاھ تو باگۈيگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    ئوتتۇرا مەزگىلدىكى غارلار تەن ياۋ بەش غارىنىڭ شەرقىي قىسمىغا تارقالغان بولۇپ، يۈنگاڭ غارلىرىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوتتۇرا مەزگىلدىكى غارلارنىڭ كۆلىمى دەسلەپكى مەزگىلدىكى غارلارنىڭ كۆلىمىدىن كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ھەيكەللەر ئۇسلۇپ جەھەتتە مۇرەككەپ، تېخىمۇ نەپىس، تېمىسى تېخىمۇ مول، بۇددا دىنىدىكى تىپىك شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرى بار بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇددا دىنى ھېكايىلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ھەيكەللەرمۇ بار. 5-غاردىكى ئاساسلىق بۇت ساكرامونىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئېگىزلىكى 17 مېترغا يېتىدىغان بولۇپ، يۈنگاڭ غارلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز بۇت ھېسابلىنىدۇ. 6-غارنىڭ تۆت تېمىدىكى « نومنىڭ تارقىلىش ھېكايىسى» ساكرامونىنىڭ بۇددا دىنىنى تارقىتىش تارىخنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغان يېرى شۇكى، ھەيكەللەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ئىككى غاردا سۈرەتكە تارتىش مەنئىي قىلىنىدۇ.

    شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى پادىشاھى جياۋۋېندى پايتەختنى لوياڭغا يۆتكەپ كەتكەندىن كېيىن، يۈنگاڭ غارىنى چوڭ كۆلەملىك قېزىشمۇ توختاپ قالغان. كېيىنكى مەزگىلدىكى غارلارنى ئاساسلىقى ئوتتۇرا-تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمەلدار-تۆرىلەر ۋە بايلار قازدۇرغان، كۆلىمى ئەڭ كىچىك بولسىمۇ لېكىن سانى كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 200 دىن ئاشىدۇ، تەن ياۋ بەش غارىنىڭ غەربىي قىسمىغا تارقالغان. بۇ مەزگىلدىكى غارلارنىڭ كۆپىنچىلىرى تاق غار شەكلىدە قېزىلغان، بۇت ھەيكەللىرىنىڭ يۈز قىسىمىمۇ نىسبەتەن ئورۇق بولۇپ، خەنزۇ مەدىنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

    غارلارنى ساياھەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا ئايلىنىپ باقسا بولىدۇ. لىڭيەن بۇتخانىسى مەنزىرە رايونىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارالنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى مەشھۇر جۇغراپىيىشۇناس لى داۋيۈەننىڭ « سۇ يوللىرى ھەققىدە» كىتابىدە تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ياسالغان؛ ئويۇن قويۇش مەركىزىدە كۆپىنچە شۇ يەرلىكنىڭ ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرى قويۇلىدۇ؛ يۈنگاڭ مۇزىيىدا 500 دىن ئارتۇق مەدىنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ؛ تېرە قورچاق، ياغاچ قورچاق سارىيىدا، ئىنتايىن ئېسىل بولغان شياۋيى تېرە قورچاق ئويۇنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ساياھەت رايونىنىڭ چىقىش ئېغىزى بولسا، قەدىمكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان سودا كوچىسى ـ شىخو كوچىسى بولۇپ، بۇ يەردە ھەر خىل كىيىم-كېچەكلەر سېتىلىدۇ، داتوڭدىكى ھەرخىل مېزىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكىلى بولىدۇ، يەنە شايىدىن ياسالغان ئادەم، پىڭچېڭ تاش ئويمىسى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

    يۈنگاڭ غارلىرىنى ساياھەت قىلىش تەۋسىيە لىنىيىسى: تەن ياۋ مەيدانى ـ فوگۇاڭ يولى ـ لىفو قاپارتما نەقىش تېمى ـ لىڭيەن بۇتخانىسى (شەنتاڭشۈي ئوردىسى) ـ تاش ئەسكەرلەر سەنئەت سارىيى ( غار ـ جۇ زۇڭلى خاتىرە سارىيى ـ يۈنگاڭ تېرە قورچاق، ياغاچ قورچاق سارىيى ـ يۈنگاڭ مۇزىيى ـ شىخو كوچىسى

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 4~5 سائەت

    كىرىش بېلىتى:

    جانلىنىش پەسلى (4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە): پۈتۈن بېلەت 125 يۈەن، يېرىم بېلەت 60 يۈەن

    سۇس پەسىل (11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىنكى يىلنىڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) : پۈتۈن بېلەت 80 يۈەن، يېرىم بېلەت 40 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى:

    جانلىنىش پەسلى: 8:30~17:30

    سۇس پەسىل: 8:30~17:00

    كۆرگەزمىخانىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى:

    جانلىنىش پەسلى: 9:30~17:00

    سۇس پەسىل: 9:30~16:20

    ئادرېسى: داتوڭ شەھىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 16 كېلومېتر كېلىدىغان ۋۇجۇ تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش:

    بېيجىڭدىن يولغا چىققاندا: جىڭزاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G6) ـ جىڭجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G110) ـ شۈەندا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G109) ـ جىڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ داتوڭ شەھەر رايونى ـ غەربىي يۈخې يولى ـ مېھمان كۈتۈش كوچىسى ـ غەربىي ئايلانما يولى ـ يۈنگاڭ يولى ـ مەنزىرە رايونى

    تەييۈەندىن يولغا چىققاندا: ئېرگۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دايۈن بۆلىكى (G55) ـ داتوڭ شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ يۈنگاڭ چىقىش ئېغىزى ـ مەنزىرە رايونى

    خوخخوتتىن يولغا چىققاندا: جىڭشىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G110) ـ ئېرگۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى جىفېڭ بۆلىكى ـ داتوڭ شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ يۈنگاڭ چىقىش ئېغىزى ـ مەنزىرە رايونى

    ئايروپىلان:

    شەرق ئاۋىئاتسىيىسى MU3026، شېنجىن ئاۋىئاتسىيىسى ZH1120، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيىسى CA1120؛ شەرق ئاۋىئاتسىيىسى MU5248، شىچۈەن ئاۋىئاتسىيىسى 3U8532 قاتارلىقلار

    بارىدىغان ئورۇن: داتوڭ يۈنگاڭ ئايرودۇرۇمى

    پويىز:

    4642، 4630، K710، K711، K7802، K615، 6065، K608، K605، K960، K892، K732 قاتارلىقلار

    بارىدىغان ئورۇن: داتوڭ

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس:

    پويىز ئىستانسىسى: تېز سۈرئەتلىك ساياھەت 603-يول ئاپتۇبۇسى ـ شىنكەيلى ـ 3-يول

    ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى: 17-يول ـ شىنكەيلى ـ 3-يول

    شىننەن ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى: 28-يول ـ شىنكەيلى ـ 3-يول

    داتوڭ ئايرودرومى : ئايرودروم مەخسۇس ئاپتۇبۇسى ـ داتوڭ مېھمانخانىسى - 17-يول ـ شىنكەيلى ـ 3-يول

    بارىدىغان ئورۇن: يۈنگاڭ غارلىرى مەنزىرە رايونى