تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى (جىڭمېن يۇرتى)

تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى نەنكەي رايونىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى شەرقىي قوۋۇق سىرتىغا، خەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، خانىش قەسىرىنى مەركەز قىلغان، جەنۇبتا شۈيگې كوچىسىدىن باشلىنىپ، شىمالدا بېيتۇڭ يولىغا تۇتىشىدۇ، جەنۇب، شىمال كوچا ئېغىزلىرىدا بىردىن خاتىرە راۋىقى بار

     

    تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى نەنكەي رايونىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى شەرقىي قوۋۇق سىرتىغا، خەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، خانىش قەسىرىنى مەركەز قىلغان، جەنۇبتا شۈيگې كوچىسىدىن باشلىنىپ، شىمالدا بېيتۇڭ يولىغا تۇتىشىدۇ، جەنۇب، شىمال كوچا ئېغىزلىرىدا بىردىن خاتىرە راۋىقى بار، ئۈستىگە « جىڭمېن يۇرتى» ۋە «گۇشاڭ سەنئەت يۇرتى» دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، پىيادىلەر سودا كوچىسىدۇر. ھازىر تيەنجىندىكى ئون چوڭ مەنزىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر تيەنجىندىكى ئەڭ مەشھۇر كونا ۋە قولدا ياسالغان سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكانلىرى يىغىلغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە تېرەك-تالدىن ياسالغان ياغاچ تاختىغا سىزىلغان بايراملىق رەسىم، جاڭ ئائىلىسى لاي ئادىمى، ۋېيجى لەگلىكى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قولدا ياسالغان سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاپقىلى بولىدۇ، يەنە ئېسىل بولغان تيەنجىن يېمەكلىكلىرىگە ئېغىز تەگكىلى بولىدۇ.

    قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا ھازىر نەچچە يۈز دۇكان بار بولۇپ، كۆپىنچىسى كونا دۇكانلار، قويۇق بولغان ئەل ئىچى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. بۇيەردە مىستىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى، سۇجۇ كەشتىلىرى، لاكلانغان ساپال بۇيۇملارنى ساتىدىغان ئۇنىۋېرسال دۇكان چياۋ شاڭگې بار؛ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان جاڭ ئائىلىسى مېغىزى، جاڭ ئائىلىسى سوزۇلما كەمپۈتى، جاڭ ئائىلىسى پۇرچىقى بار؛ ئاڭ مەشھۇرى يەنە خەلق ئىچى قول سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكانلىرى بار، راستقىلا ئوخشايدىغان رەڭلىك لايدىن ياسالغان « جاڭ ئائىلىسى لاي ئادىمى »، تېرەك-تالدىن ياسالغان ياغاچ تاختىغا سىزىلغان بايراملىق رەسىم، ياسىلىش شەكلى ھەرخىل بولغان «ۋېيجى لەگلىكى» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەممىسى ساياھەتچىلەر قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئايلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك دۇكانلار ھېسابلىنىدۇ. بازار ئايلىنىش بىلەن بىرگە يەنە تيەنجىننىڭ ئالاھىدە يېمەكلىكلىرى، گوۋبۇلى مانتىسى، مېۋىلىك قازان قاتلىمىسى، تيەنجىن ماخىرى قاتارلىقلارنى تېتىپ بېقىشقا بولىدىغان بولۇپ، مەززىلىك تاماققا ئامراق كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرالايدۇ. دۇكانلار ئەتىگەن سائەت 8:30 لار ئەتراپىدا ئېچىلىپ، كەچ سائەت 17:30 ئەتراپىدا ئېتىلىدۇ، شۇڭا بازار ئايلىنىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    بازار ئايلىنىپ، مەززىلىك تاماقلارغا ئېغىز تەگكەندىن سىرت، قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا يەنە ئاز بولمىغان مەشھۇل ئاسار-ئەتىقىلەر بار بولۇپ، ئوبدانراق كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. تيەنخۇۋ ئوردىسى قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، شۇنداقلا قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ يادروسى ھېسابلىنىدۇ، دېڭىزدا يىراققا سەپەرگە چىققانلارغا ئامانلىق بېرىدىغان تيەنخۇۋ خانىشقا نەزىر بېرىش 600 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇيەردە يەنە تيەنجىن ئۆرپ-ئادەت مۇزىيى بار بولۇپ، مۇزىيدا تيەنجىن شەھىرىنىڭ تارىخى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى تونۇشتۇرۇلۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تيەنجىن شەھىرىدىكى خىشلار، چىڭ سۇلالىسىدىكى سۇ يولىدىن پايدىلىنىپ ئاشلىق توشۇش مۇدىلى، چىڭ سۇلالىسىدىكى سۇ ماشىنىسى قاتارلىق تارىخىي بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. تياتىر قەسىرى يەنە «جىڭمېن كونا تياتىرخانىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كۈلدۈرگە ۋە سېھىرگەرلىك قاتارلىق ئويۇنلاردىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. داشىزى تار كوچىسى يېقىنقى زاماندىكى مۇتەپەككۇر، مائارىپچى يەن فۇنىڭ ئەسلى تۇرالغۇسى بار ئورۇن، لېكىن ئەسلىدىكى تۇرالغۇ ھازىر يوق بولۇپ، ئورنىغا تيەنيەن مەيدانى ياسىلىپ، يەن فۇنىڭ مىس ھەيكىلى قويۇلغان. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە توڭچىڭلى، ئاسمان ئىلاھى راۋىقى قاتارلىقلارمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە.

    ھەر يىلى دېھقانلار كالىندارىنىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى تيەنخۇۋ خانىشنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا پادىشاھ ئۇزىتىش مۇراسىمى (ئەڭ دەسلەپتە «خانىش ئۇزىتىش مۇراسىمى» دەپ ئاتالغان، چيەنلۇڭ جەنۇبقا چۈشكەندە بۇ يەرنى ساياھەت قىلغانلىقتىن «پادىشاھ ئۇزىتىش مۇراسىمى» دەپ ئاتالغان، تيەنخۇۋ ئوردىسى ئالدى مەيدانى، ساراينىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى بۆلەكلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئويۇننى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇلاردا ئەجدىھا چىرىقى ئۇسۇلى، شىر ئۇسۇلى، شاۋلىن گۇمپىسى، ياغاچ ئاياق ئويۇنى، بۇددا دىنى دۇمبىقى، ئۆي قېيىق ئويۇنى، يەرلىك ياڭگار، گۇمپىچىلىق ۋە جىڭجۈ تىياتىرى، پىڭجۈ، باڭزى قاتارلىقلار بار بولۇپ، تيەنجىن بويىچە ئەڭ قىزىيدىغان بۇتخانا مۇراسىملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

    ساياھەت رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3 سائەت

    كىرىش بېلىتى: ھەقسىز

    ئېچىلىش ۋاقتى: پۈتۈن كۈن ئېچىلىدۇ

    ئادرېسى: تيەنجىن شەھىرى نەنكەي رايونى شەرقىي گۇلۇۋ

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    1. شەھەر سىرتىدىن كەلگەندە (بېيجىڭ ـ تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسى)

    S30 جىڭجىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ شياشۇاڭجيې چىقىش ئېغىزى ـ جىڭجىن تېز سۈرئەتلىك تاشيولى ـ جىڭجىن يولى ـ خۇاڭۋېي يولى ـ ۋۇما يولى ـ شەرقىي خەيخې يولى ـ شىزىلىن كوچىسى ـ جاڭزىجوڭ يولى ـ مەنزىرە رايونى ئالدى ئىشىكى

    2. شەھەر ئىچىدىن ماڭغاندا:

    خۇاڭخې يولى ـ نەنما يولى ـ شەرقىي چېڭشياڭ يولى ـ دۇڭما يولى ـ توڭبېي يولى ـ جاڭزىجوڭ يولى ـ مەنزىرە رايونى ئالدى ئىشىكى

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسى: 52-يول، 856-يول

    بارىدىغان ئورۇننىڭ بېكەت نامى: 52-يول: خۇاڭخې يولى بېكىتى؛ 856-يول : دۇڭما يولى بېكىتى