تيەنجىن پەنشەن تېغى مەنزىرە رايونى

پەنشەن مەنزىرە رايونى تيەنجىن شەھىرى جىشيەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، تاڭشەن ئۈچ ئورۇننىڭ كېسىشكەن ئورنىغا توغرا كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 400~600 مېتر بولۇپ، ئاساسلىق چوققىسى بولغان گۇايۆ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 860 مېتردىن ئارتۇق كېلىدۇ.

     

    پەنشەن مەنزىرە رايونى تيەنجىن شەھىرى جىشيەن ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، تاڭشەن ئۈچ ئورۇننىڭ كېسىشكەن ئورنىغا توغرا كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 400~600 مېتر بولۇپ، ئاساسلىق چوققىسى بولغان گۇايۆ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 860 مېتردىن ئارتۇق كېلىدۇ.

    پەنشەن تېغىنىڭ يەر شەكلى، ھاۋارايى ئالاھىدە بولغاچقا، پەنشەن تېغىنىڭ « گۇگۇم يامغۇرى ئۈچكە بۆلگەن پەنشەن تېغى» دەك ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. پەنشەن تېغىنىڭ ئۈستى قىسمىدا قارىغاي، ئارچا دەرەخلىرى ياپيېشىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ؛ پەنشەن تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئاجايىپ-غارايىپ يوغان تاشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ پەنشەن تېغىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا بۇلاق سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ. «گۇگۇم يامغۇرى» بولسا، يازنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، يامغۇردىن كېيىنكى ھاۋا ئېچىلغان گۇگۇم ۋاقتىدا، پەنشەن تېغى بۇلۇت بىلەن ئورىلىپ، ھاۋا ئوچۇقمۇ ئەمەس، يامغۇرلۇقمۇ بولمىغان بىرخىل ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىككىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ « گۇگۇم يامغۇرى ئۈچكە بۆلگەن پەنشەن تېغى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يەر تيەنجىندىكى ئون چوڭ مەنزىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مەنزىرە رايونى ئىچىدە يەنە «بەش چوققا، سەككىز تاش»، مېھمان كۈتۈش قارىغىيى قاتارلىق مەشھۇر مەنزىرىلەر بار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۆپلىگەن بۇتخانا، بۇددا مۇنارلىرىنىڭ تارىخىي ئىزلىرى قالدۇرۇلغان.

    پەنشەن تېغىنى ساياھەت قىلغاندا، شەرقىي لىنىيە ۋە غەربىي لىنىيەدىن ئىبارەت ئىككى يولنى تاللاشقا بولىدۇ. غەربىي يول چوڭ ئىشىكتىن ۋەنسۇڭ بۇتخانسىگىچە بارىدۇ، يول بويىغا گۇگۇم يامغۇرى ئۈچكە بۆلگەن پەنشەن تېغى، شۇشيا بوغۇزى، تيەنچېڭ بۇتخانىسى، تاللىن، ۋەنسۇڭ بۇتخانىسى قاتارلىق كۆپ ساندىكى مەنزىرە رايونلىرى يىغىلغان، شۇڭا بۇ بۆلەكتە پىيادە تاغقا چىقىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. مېڭىپ ھېرىپ قالغاندىمۇ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ساياھەتچىلەر ۋەنسۇڭ بۇتخانىسىغا كەلگەندىن كېيىن، يۈنسۇڭ ئاسما يولىنى تاغقا چىقىش قورالى قىلسا بولىدۇ، يۈنجاۋ بۇتخانىسىغا كەلگەندىن كېيىن، يەنە بىر ئاز ياماشسىلا، ئاساسلىق چوققا گۇايۆ چوققىسىغا يېتىپ بېرىپ، پۈتۈن پەنشەن تېغىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. شەرقىي يولدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرى بىر قەدەر ئاز، گۇايۆ ئاسما يولى ۋە يېشىل ئېكىسكۇرسىيە ماشىنىسى تەسىس قىلىنغان، پىيادە مېڭىشنى خالىمايدىغان ساياھەتچىلەر بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ.

    تەبىئىي مەنزىرە ۋە تارىخىي يادىكارلىقلاردىن سىرت، پەنشەن تېغى مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىمۇ ئىنتايىن قالتىس. «جاھاندىكى پەنشەن» ھەقىقىي مەنزىرىلىك ئويۇنىنى جۇڭگو تاغ-دەريا ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنلىرىنى ياراتقۇچى مېي يۈەنشۈەي بىلەن جىجۇۋ ساياھەت مەدەنىيەت گۇرۇھى بىرلىشىپ ياراتقان بولۇپ، چيەنلۇڭ خاننىڭ پەنشەن تېغىنى 32 قېتىم ساياھەت قىلغانلىقىدەك خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت ۋە بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللار خام ماتېرىيال قىلىنىپ، پەنشەن تېغى چوققىلىرىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياڭراتقۇ، ئاكوستوكوپتىكىلىق تېخنىكىسى ۋە سېھىرگەرلىك بۆلەكلىرى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، چيەنلۇڭ خان بىلەن يىلان پەرىزات پەنئېرنىڭ گۈزەل مۇھەببەت ھېكايسى سۆزلەنگەن. «جاھاندىكى پەنشەن» ئويۇنى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئايغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر مۇشۇ ۋاقىتلارنى تاللاپ ساياھەت قىلسا بولىدۇ.

    ھەر يىلى 4-ئاينىڭ بېشى يەنە پەنشەن بۇتخانا سايلىسىنىڭ قانات يايدۇرىلىدىغان ۋاقتى. بۇتخانا سەيلىسى بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ، ئەلنەغمە، ناخشا، سېرىك قاتارلىق مەدىنىيەت ئويۇنلىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرىمۇ قويۇلىدۇ. تيەنچېڭ بۇتخانىسى، ۋەنسۇڭ بۇتخانىسى، يۈنجاۋ بۇتخانىسىدا ئىبادەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئويۇنلارنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر رۇشېڭ مەيدانىنى ئايلىنىپ باقسا بولىدۇ، بۇ يەردە ھەرخىل مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر بار.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1 كۈن

    كىرىش بېلىتى:

    قۇرامىغا يەتكەنلەر 130 يۈەن؛ ئوقۇغۇچىلار 65 يۈەن

    ئاسما يول: ھەربىر بۆلەك 60 يۈەن (پەنشەن تېغى ئېكىسكۇرسىيە ماشىنىسى + گۇايۆ ئاسما يولى 80 يۈەن)

    «جاھاندىكى پەنشەن» ئويۇنى بېلىتى: 188~258 يۈەنگىچە؛ ئۈندىدار ئېتىبار باھاسى 99~119 يۈەنگىچە

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~18:00

    ئادرېسى: جشيەن ناھىيىسى گوڭجۇاڭ بازىرى ليەنخۇاسۈن كەنتى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا

    1. شەھەر سىرتىدىن كەلگەندە (بېيجىڭ ـ پەنشەن تېغى مەنزىرە رايونى)

    ئايرودروم ئىككىنچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ ئايرودروم جەنۇبىي لىنىيەسى ـ ۋۇگېجۇاڭ ھەق ئېلىش پونكىتى ـ لىتيەن سىتېئېرولۇق كۆۋرۈكى ـ جىڭپىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ پەنشەن تېغى مەنزىرە رايونى ماشىنا توختىتىش مەيدانى

    شەرقىي شىمالدىن كەلگەندە:

    جىڭخا تاشيولى ـ جىشيەن ناھىيىسى يەنليۇ بازىرى ـ جىنۋېي تاشيولى ـ جىشيەن ناھىيىسى ـ جىنجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى - ئايلانما غەربىي شىمال يولى ئېغىزى ـ جىگوڭ يولى ـ پەنشەن تېغى مەنزىرە رايونى

    2. شەھەر ئىچىدىن كەلگەندە:

    جىنجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى - ئايلانما غەربىي شىمال يولى ئېغىزى ـ پەنشەن تېغى مەنزىرە رايونى

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس:

    11-يول ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى (جىجۇۋ ئاممىۋى قاتناش باش بېكىتىدىن ماڭىدۇ)؛ پەنشەن تېغى مەخسۇس لىنىيەسى (جىشيەن ناھىيەسى پويىز ئىستانسىسىدىن ماڭىدۇ)

    چۈشىدىغان ئورۇن: پەنشەن مەنزىرە رايونى ئاممىۋى قاتناش بېكىتى