شىنجۇ شەھىرى ۋۇتەيشەن تېغى مەنزىرە رايونى

ۋۇتەيشەن تېغى بولسا دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، دۆلەتلىك تەبىئىي ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت قوش يادىكارلىق، جۇڭخۇادىكى ئون چوڭ داڭلىق تاغ، جۇڭگو بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق تاغ، دۇنيادىكى بەش چوڭ بۇددا دىنى مۇقەددەس جايلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەنشى ئۆلكىسى شىنجۇ شەھىرى ۋۇتەي ناھىيەسى تەۋەلىكىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، ئايلانمىسى 250 كىلومېتر، كۆلىمى 2837 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ.

     

    ۋۇتەيشەن تېغى بولسا دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، دۆلەتلىك تەبىئىي ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت قوش يادىكارلىق، جۇڭخۇادىكى ئون چوڭ داڭلىق تاغ، جۇڭگو بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق تاغ، دۇنيادىكى بەش چوڭ بۇددا دىنى مۇقەددەس جايلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەنشى ئۆلكىسى شىنجۇ شەھىرى ۋۇتەي ناھىيەسى تەۋەلىكىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، ئايلانمىسى 250 كىلومېتر، كۆلىمى 2837 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئەتراپىدا تەيخۇەي كەنتىنى مەركەز قىلىپ، شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال، ئوتتۇرىدىن ئىبارەت بەش تاغ چوققىسى بۇلۇتلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ چوقچىيىپ تۇرىدۇ، تاغ چوققىسىدا ئورمانلىق يوق، توپىدىن قوپۇرۇلغان سۇپىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ۋۇتەيشەن تېغى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى شىمالىي سۇپىدىكى يېدۇۋ چوققىسى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3058 مېتر بولۇپ، «شىمالىي جۇڭگونىڭ ئۆگزىسى» دېگەن نامغا ئىگە.

    ۋۇتەيشەن تېغى جۇڭگودىكى بىردىنبىر يېشىل بۇتخانا بىلەن سېرىق بۇتخانا ئارىلاش جايلاشقان بۇددا دىنى مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بۇتخانىدىن 47 سى بار، تاغ ئىچىدە 39 بۇتخانا، تاغ سىرتىدا 8 بۇتخانا بار، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىلىرى خاننىڭ يارلىقى بىلەن ياسالغان بۇتخانىلار بولۇپ، كۆپلىگەن سۇلالە پادىشاھلىرى كېلىپ زىيارەت قىلغان. مەشھۇرلىرىدىن : شيەنتۇڭ بۇتخانىسى، تايۈەن بۇتخانىسى، پۇسا چوققىسى، نەنشەن بۇتخانىسى، دەيلو چوققىسى، گۇاڭجى بۇتخانىسى، ۋەنفو راۋىقى قاتارلىقلار بار.

    ۋۇتەيشەن تېغى بىلەن جېجياڭدىكى پۇتو تېغى، ئەنخۇيدىكى جيۇخۇا تېغى، سىچۈەندىكى ئېمېي تېغى بىرلىكتە جۇڭگو بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق تاغ دەپ ئاتىلىدۇ؛ نېپالدىكى لەنپىنى گۈللۈكى، ھىندىنوزىيەدىكى لۇيې گۈللۈكى، پۇتىگايا، كۇشىناگار بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى بەش چوڭ بۇددا دىنى مۇقەددەس جايى دەپ ئاتىلىدۇ.

    ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن: بەيتا مۇنارى، نەنچەن بۇتخانا ئوردىسى، شيەنتوڭ بۇتخانىسى مىس ئوردىسى، شيەنتوڭ بۇتخانىسى ۋۇلياڭ ئوردىسى قاتارلىقلار بار.

    تايۈەن بۇتخانىسىدىكى بەيتا مۇنارى بولسا نېپاللىق ھۈنەرۋەن ئانىگ لايىھەلەپ ياسىغان بولۇپ، قۇرۇلمىسى چىرايلىق، مۇنار بوينى ھەيۋەتلىك، مۇنار تېگى ۋە گەۋدىسى نىسبەتەن ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ. تۆت ئەتراپىغا بۇتخانىلار كەڭ تارقالغان بولۇپ، بەيتا مۇنارى مەركىزىي ئورۇنغا جايلاشقان، بۇمۇ ئۇنى ۋۇتەيشەن تېغىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندۇرغان.

    شيەنتۇڭ بۇتخانىسىنىڭ كۆلىمى 120 مو بولۇپ، ھەرخىل قۇرۇلۇشلاردىن 400 يۈرۈشتىن ئارتۇقراق بار، ئۇ جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇن ياسالغان بۇتخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە. يەتتە يۈرۈش ئوردىسى ئاۋالوكىتسېسۋارا ئوردىسى، ۋېنجۇ ئوردىسى، دافو ئوردىسى، ۋۇلياڭ ئوردىسى، چيەنبو ئوردىسى، مىس ئوردا ۋە نوم ساقلاش ئوردىسى دەپ بۆلۈنىدىغان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇنداقلا بىر-بىرىگە قەتئىي ئوخشاشمايدۇ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مىس ئوردا بولسا مىڭ سۇلالىسى ۋەنلىنىڭ 38-يىلى ياسالغان بولۇپ، 100 مىڭ جىڭ مىس ئىشلىتىلگەن، ئوردا ئىچىنىڭ تۆت تېمىغا بۇت ھەيكەللىرى ياسالغان، كىچىك بۇتلاردىن نەچچە ئونمىڭى بار بولۇپ، ئونمىڭ بۇت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوردىنىڭ ئوتتۇرىسىغا 3 چى ئېگىزلىكتىكى مىس بۇت قويۇلغان. جۇڭگو ئىچىدىكى ساقلىنىشى ئەڭ ياخشى بولغان مىس ئوردىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    ئەڭ ياخشى ساياھەت قىلىش پەسلى: 6-ئايدىن 8-ئايغىچە

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 2~3 كۈن

    كىرىش بېلىتى: جانلىنىش پەسلى (4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە): 168 يۈەن (ئېكىسكۇرسىيە ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) سۇس پەسىل (11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە): 140 يۈەن (ئېكىسكۇرسىيە ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

    ئېچىلىش ۋاقتى: 6:00~20:00

    ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى شىنجۇ شەھىرى ۋۇتەي ناھىيەسى تەۋەلىكى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    پويىز: ۋۇتەيشەن تېغى پويىز ئىستانسىسىدىن مەركىزىي ساياھەت رايونى تەيخۇەيگە پەقەت 48 كېلومېتر ئارىلىق بار. بېيجىڭ، تيەنجىن، شىجياجۇاڭ، دىڭجۇ، تەييۈەن، داتوڭ، شوۋجۇ، شىنجۇ قاتارلىق ئورۇنلاردىن ۋۇتەيشەن تېغىغا قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق ماشىنىلار بار

    ۋۇتەيشەن تېغى بېكىتىدە ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، يەنە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ 80 كېلومېتر ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن ۋۇتەيشەن تېغىغا كەلگىلى بولىدۇ

    شىنجۇ بېكىتىدە ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن، ئاپتۇبۇس بېكىتىگە بېرىپ، چوڭ ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرسا بولىدۇ

    ئايروپىلان: ۋۇتەيشەن تېغى ئايرودرومىدىن ۋۇتەيشەن تېغى مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان چوڭ ئاپتۇبۇس بار، بېلەت باھاسى 80 يۈەن

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا: بېيجىڭ، خېبېي، تيەنجىن يۆنىلىشىدىن كەلگەندە، جىڭشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن مېڭىپ، خېبېينىڭ فۇپىڭ ناھىيەسى، شەنشىنىڭ ۋۇتەي ناھىيسى شىجۈ بازىرىدىن ئۆتۈپ، جەنۇبىي قوۋۇق ئارقىلىق ۋۇتەيشەن تېغىغا كەلگىلى بولىدۇ؛ داتۇڭ، ئىچكى مۇڭغۇل يۆنىلىشىدىن كەلگەندە، دايۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن مېڭىپ، فەنجىشا دەرياسى بازىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شىمالىي قوۋۇق ئارقىلىق ۋۇتەيشەن تېغىغا كەلگىلى بولىدۇ، تەييۈەن، شىنجۇ يۆنىلىشىدىن كەلگەندە شىنجۇ، ۋۇتەي ناھىيىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن جەنۇبىي قوۋۇق ياكى شىمالىي قوۋۇق ئارقىلىق ۋۇتەيشەن تېغىغا كەلگىلى بولىدۇ.