جياڭسۇ نەنجىڭ شەھىرى جوڭشەن مەنزىرە مەشھۇر يادىكارلىقلار رايونى ـ جۇڭشەن قەبرىستانلىقى مەنزىرە رايونى

جوڭشەن مەنزىرە مەشھۇر يادىكارلىقلار رايونى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونى زىجىنشەن تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 45 كۋادرات كېلومېتىرغا يېتىدۇ، «ئەجدىھا يۆگەلگەن تاغ» دېگەن گۈزەل نامى بار. سۈن چۈەندىن باشلاپ، جوڭشەن تېغى پادىشاھ ۋە تۆھپىكارلار، ئېسىلزادىلەرنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلانغان، ئالتە سۇلالە دەۋرى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرى، مىنگو مەدەنىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەل تاغ-سۇ مەنزىرىلىرى بىرلەشكەن ئورۇن

     

    جوڭشەن مەنزىرە مەشھۇر يادىكارلىقلار رايونى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونى زىجىنشەن تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 45 كۋادرات كېلومېتىرغا يېتىدۇ، «ئەجدىھا يۆگەلگەن تاغ» دېگەن گۈزەل نامى بار. سۈن چۈەندىن باشلاپ، جوڭشەن تېغى پادىشاھ ۋە تۆھپىكارلار، ئېسىلزادىلەرنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلانغان، ئالتە سۇلالە دەۋرى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرى، مىنگو مەدەنىيىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەل تاغ-سۇ مەنزىرىلىرى بىرلەشكەن ئورۇن بولۇپ، «جۇڭخۇا شەھەرلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندىكى مەدەنىيەت تېغى» ھېسابلىنىدۇ. جوڭشەن مەنزىرە مەشھۇر يادىكارلىقلار رايونى جۇڭشەن قەبرىستانلىقى، مىڭشياۋ قەبرىستانلىقى، لىڭگۇ بۇتخانىسىنى ئاساس قىلغان يادرولۇق مەنزىرە رايونىدۇر.

    جۇڭشەن قەبرىستانلىقى جۇڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت ئاتىسى، جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇلۇغ سىياسىيون، ئىنقىلابچى سۈن جۇڭشەننىڭ قەبرىستانلىقىدۇر. جۇڭشەن قەبرىستانلىقىنىڭ كۆلىمى جەمئىي 80 مىڭ كۋادرات مېتردىن ئارتۇق بولۇپ، ئەتراپىدا ساز سۇپىسى، كىتاب ساقلاش سارىيى، جۇڭشەن بىلىم يۇرتى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار قورشاپ تۇرىدۇ. بارلىق قۇرۇلۇشلار تاغ يېنىغا سېلىنغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئوتتۇرا سىزىقنى بويلاپ بارغانسېرى ئېگىزلەپ سېلىنغان. جۇڭشەن قەبرىستانلىقىنى ئېنژىنېر لۈ يەن لاھىيەلىگەن، بوشلۇقتىن قۇرۇلۇشنى كۆزەتكەندە «ئەركىنلىك قوڭغۇرىقى»نىڭ شەكلىدە كۆرۈنىدىغان بولۇپ، سۈن جۇڭشەننىڭ جۇڭگوغا قوشقان تۆھپىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    جۇڭشەن قەبرىستانلىقىنىڭ جەنۇب تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىدا گرانت تاشتىن ياسالغان خاتىرە راۋىقى بار بولۇپ، ئۈستىدە سۈن جۇڭشەن يازغان «مېھرىبانلىق» دېگەن خەت يېزىلغان. خاتىرە راۋىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇزۇنلۇقى 375 مېتر، كەڭلىكى 40 مېتر يول بار بولۇپ، قەبرە ئىشىكىگە تۇتىشىدۇ، قەبرە ئىشىكىنىڭ ئۈستى كۆك رەڭلىك كاھىش بىلەن قاپلانغان، ئىشىك ۋىۋىسكىسىغا «دۇنيا خەلققە مەنسۇپ» دېگەن خەت يېزىلغان. غەرب تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا خەت يېزىلمىغان ئابىدە تىكلەنگەن، يەنە 392 پەلەمپەي ئۆرلىگەندە، سۈن جۇڭشەننىڭ جەسىتى ساقلىنىۋاتقان مېھرابخانىدۇر.

    مېھرابخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتر، كەڭلىكى 25 مېتر، ئېگىزلىكى 29 مېتىر بولۇپ، جۇڭگونىڭ خان سارايلىرىغا ئوخشىتىپ ياسالغان، مېھرابخانىنىڭ ئۆگزىسىگە ئوخشاشلا كۆك رەڭلىك كاھىش ئىشلىتىلگەن. مېھرابخانىدىكى ئۈچ ئەگمە ئىشىككە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «مىللەت» «دېموكراتىك ھوقۇق» «خەلق تۇرمۇشى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان، ئىشىك بېشىغا سۈن جۇڭشەن يازغان «ھەققانىي جاھان» دېگەن خەت ئويۇلغان. مېھرابخانىدا سۈن جۇڭشەننىڭ 4.6 مېتر ئېگىزلىكتىكى مەرمەر تاش ھەيكىلى بار بولۇپ، بۇ ھەيكەلنى دۇنياغا داڭلىق ھەيكەلتاراش پائۇل لانتېسكى ياسىغان. مېھرابخانىنىڭ تۆت ئەتراپىدا يەنە سۈن جۇڭشەن ئىنقىلابى توغرىسىدىكى ۋە «دۆلەت قۇرۇش پروگراممىسى»نىڭ تولۇق نۇسخىسى قاپارتما نەقىشلەنگەن.

    لەھەت مېھرابخانىنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆگزە تەرىپىگە كۆك، ئاق رەڭلىك موزايكا خىش بىلەن گومىنداڭ گىربى نەقىشلەنگەن. چەمبەر شەكىللىك لەھەتنىڭ ئوتتۇرىسى چاسا شەكىللىك گۆر بولۇپ، ئۈستىگە ئاق مەرمەر بىلەن سۈن جۇڭشەننىڭ ياتقان ھالىتى ئويۇلغان. گۆرنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدا ياسالغان مىس جەسەت ساندۇقىغا قويۇلغان سۈن جۇڭشەننىڭ جەسىتى بار.

    مىڭشياۋ قەبرىستانلىقى جۇڭشەن قەبرىستانلىقىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان، مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى پادىشاھ جۇ يۈەنجاڭ ۋە خانىشىنى بىرلەشتۈرۈپ دەپنە قىلغان قەبرە بولۇپ، نەنجىڭ بويىچە ئەڭ چوڭ خان قەبرىسى، جۇڭگو بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ خان قەبرىلىرىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. مىڭشياۋ قەبرىستانلىقى جۇ يۈەنجاڭ دەۋرىدىن باشلاپ ياسالغان بولۇپ، مىڭ چېڭزۇ جۇدى مەزگىلىدە تاماملانغان، ئاساسىي قۇرۇلۇشلاردىن مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن قالغان چاسا سېپىل، مىڭلو سارىيى، داجىن دەرۋازىسى، مۇقەددەس پەزىلەت ئابىدىسى، قەبرە يولى، تاش ھەيكەل يولىدىكى تاش ئويما قاتارلىقلار بار، مىڭشياۋ قەبرىستانلىقى مۇزىيىدا مىڭ سۇلالىسىغا مۇناسىۋەتلىك زور مىقداردىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ماددىي بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

    مېيلىڭ سارىيى بولسا، جۇڭشەن قەبرىستانلىقى ئەتراپىدىكى يەنە بىر داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى بولۇپ، جياڭ جېشى بىلەن سۇڭ مېيلىڭ چۈشكەن داچا، 1984-يىلىدىن باشلاپ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن؛ جۇڭشەن قەبرىستانلىقىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى لىڭگۇ بۇتخانىسىنىڭ يېنى بولسا گومىنداڭ ئەسكەرلىرى شىمالغا يۈرۈش قىلغان، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋاپات بولغان ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ قەبرىستانلىقى، خاتىرە سارىيى ئىچىدىكى ئون ئابىدىگە بۇ ئوفېتسىر-ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئەمىلى ئويۇلغان بولۇپ، ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە 33 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار ئىكەن. جوڭشەن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرىدا يەنە ئاۋىئاتسىيە قەھرىمانلىرى قەبرىستانلىقى بار بولۇپ، بىرگە كۆرۈپ كېلىشكە بولىدۇ.

    ساياھەت نۇقتىسى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 4ـ5 سائەت

    بېلەت باھاسى:

    جۇڭشەن قەبرىستانلىقى: 70 يۈەن / ئادەم

    لىڭگۇ مەنزىرە رايونى: 35 يۈەن / ئادەم

    يەنە يۈرۈشلۈك بېلەتمۇ سېتىلىدۇ.

    ئېچىلىش ۋاقتى:

    جۇڭشەن قەبرىستانلىقى: 8:30 ـ 17:00 (دۈشەنبە كۈنى ئىبادەتخانا ۋە مېھراب ئېتىلىدۇ)

    مىڭشياۋ قەبرىستانلىقى، لىڭگۇ مەنزىرە رايونى (3-ئايدىن 10-ئايغىچە) 6:30 ـ 18:30؛ (11-ئايدىن ئىككىنچى يىلى 2-ئايغىچە) 6:30 ـ 18:00

    ئادرېسى: نەنجىڭ شەھىرى شۈەنۋۇ رايونى تاش ھەيكەل يولى 7-نومۇر

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئاممىۋى قاتناش:

    جۇڭشەن قەبرىستانلىقى: يەر ئاستى تۆمۈر يول 2-نومۇرلۇق لىنىيە ــ جۇڭشەن قەبرىستانلىقىنىڭ كەينىدىكى مافاڭ بېكىتىدە چۈشىدۇ؛ ئاممىۋى ئاپتوبۇستا 34-يول ياكى 201-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، جۇڭشەن قەبرىستانلىقى ماشىنا توختىتىش مەيدانى بېكىتىدە چۈشىدۈ

    مىڭشياۋ قەبرىستانلىقى: يەر ئاستى تۆمۈر يول 2-نومۇرلۇق لىنىيە ــ مىڭشياۋ قەبرىستانلىقى بېدىلىك باغچىسى بېكىتىدە چۈشىدۇ؛ ئاممىۋى ئاپتوبۇستا 20-،203-، 315-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، مىڭشياۋ قەبرىستانلىقى بېكىتىدە چۈشىدۇ

    لىڭگۇ مەنزىرە رايونى: ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا 202-يول ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ لىڭگۇ بۇتخانا باغچىسى بېكىتىدە چۈشىدۇ

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغانلار:

    لۇروڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G42): لۇنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۇتاشمىسى (نەنجىڭ شەھەر رايونى تەرەپ) ــ جۇڭشەن قەبرىستانلىقى مەنزىرە رايونى شەرقىي قەبرىستانلىق يولى باغلىما يولى ــ شەرقىي قەبرىستانلىق يولى ــ غەربىي لىڭگۇ بۇتخانىسى يولى ــ شەرقىي پوچتىخانا يولى ــ غەربىي پوچتىخانا يولى ـ جۇڭشەن قەبرىستانلىقى ماشىنا توختىتىش مەيدانى

    نىڭخاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (G25): دوستلۇق دەرياسى يولى ــ دوڭيۈەن يولى ــ خوۋبياۋيىڭ يولى ــ بېدىلىك كوچىسى ــ جۇڭشەن دەرۋازىسى كوچىسى ــ بوئەي يولى ــ جۇڭشەن قەبرىستانلىقى ماشىنا توختىتىش مەيدانى

    S122 ئۆلكە يولى (كونا نىڭخاڭ يولى): جۇڭشەن دەرۋازىسى كوچىسى ــ غەربىي لىڭگۇ بۇتخانىسى يولى ــ شەرقىي پوچتىخانا يولى ــ غەربىي پوچتىخانا يولى ـ جۇڭشەن قەبرىستانلىقى ماشىنا توختىتىش مەيدانى