سۇجۇ بېغى (جوجېڭيۈەن بېغى، خۇچيۇشەن تېغى، ليۇيۈەن بېغى)

سۇجۇ بېغى يەنە «سۇجۇ قەدىمىي بېغى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا مەدىنىي مىراسلىرىغا تەۋە، دۆلەتلىك AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت رايونى، جۇڭگودىكى ئون چوڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى، بۇرۇندىنلا «باغ ئىچىدىكى شەھەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، «چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى باغلار تەڭداشسىزدۇر، سۇجۇ بېغى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدا تەڭداشسىزدۇر» دېگەن نامغا ئىگە

     

    سۇجۇ بېغى يەنە «سۇجۇ قەدىمىي بېغى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا مەدىنىي مىراسلىرىغا تەۋە، دۆلەتلىك AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت رايونى، جۇڭگودىكى ئون چوڭ داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى، بۇرۇندىنلا «باغ ئىچىدىكى شەھەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، «چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى باغلار تەڭداشسىزدۇر، سۇجۇ بېغى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدا تەڭداشسىزدۇر» دېگەن نامغا ئىگە، «قايتا يارىتىلغان ئاسمان-زېمىن» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا باغ مەدىنىيىتىنىڭ ئەڭ داڭلىقى ۋە ئىپتىخارىدۇر، شۇنداقلا جۇڭگو باغچىلىقىنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. دۇنيا مەدىنىي مىراسلار كومىتېتى سۇجۇ قەدىمىي بېغىنى « ھېچقانداق باغ قەدىمىي شەھەر سۇجۇدىكى باغدەك جۇڭگونىڭ قەدىمىي باغ لايىھەسىنىڭ غايىۋى سۈپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، بۇ بىر قايتا يارىتىلغان ئاسمان-زېمىندۇر» دەپ باھا بەرگەن. سۇجۇ بېغى بۇ بىر لايىھە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ ئېتىراپ قىلىنغان. 11~19-ئەسىرگىچە ياسالغان بۇ باغلار، ئۆزىنىڭ مۇكەممەل لايىھىلىنىشى بىلەن، جۇڭگو مەدىنىيىتىدىن تەبىئىيلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەش بىلەن بىرگە يەنە تەبىئەتتىن تاشقىرى ئاجايىپ مەنزىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

    سۇجۇ بېغى چۈنچيۇ مەزگىلىدىن باشلاپ ياسالغان بولۇپ، مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئەڭ گۈللەنگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سۇجۇ بېغىدىن 170 تىن ئارتۇقى بار بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلانغىنى 60 ئەتراپىدا، بۇنىڭ ئىچىدە جوجېڭيۈەن بېغى، خۇچيۇشەن تېغى ۋە ليۇيۈەن بېغى تىپىك ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ.

    جوجېڭيۈەن بېغى ۋە گۇخېيۈەن، چېڭدې يازلىق كەنتى، سۇجۇ ليۇيۈەن جۇڭگودىكى تۆت چوڭ داڭلىق باغ دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ياسىلىشقا باشلىغان، سۇجۇدىكى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە قەدىمىي باغ ھېسابلىنىدۇ، « جاھان باغلىرى نەمۇنىسى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. جوجېڭيۈەن بېغىنىڭ سۇ يۈزى كەڭ، باغ ئىچىدە شىپاڭ ۋە ئايۋانلار كۆپ بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارغا ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تاش كۆۋرۈك ياكى كارىدور بىلەن بىر-بىرىگە ئۇلانغان. جوجېڭيۈەن بېغى گۈزەللىكى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئەدىب، شائىرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق ئەدىب جوجېڭيۈەن بېغى ئۈچۈن شېئىر يېزىپ رەسىم سىزغان، باغ ئىچىدە ئۇ دەرۋازا ئۈستىگە ئېسىلغان تاختىغا يازغان «يۈەنشياڭتاڭ» دېگەن خەتنى ۋە ئۆز قولى بىلەن تىككەن ۋېستېرىيە پېلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    جوجېڭيۈەن بېغى تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن، ئوتتۇرا قىسمىغا باغنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يۈەنشياڭتاڭ، كۆۋرۈك، چارتال بېغى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. جەنۇبىي قىسمى بولسا ئولتۇراق رايون بولۇپ، تىپىك شەكىلدىكى چاڭجياڭ جەنۇبىي ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشتۇر، بۇ يەردە يەنە دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر، باغ مەخسۇس تېما قىلىنغان باغ موزىيى بار. جوجېڭيۈەن بېغىدا ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدۇ، 3-ئايدىن 5-ئايغىچە كاككۇكگۈلى بايرىمى، 6-ئايدىن 10-ئايغىچە نىلۇپەر بايرىمى بار، 9-ئايغا كەلگەندە يەنە تەتۈر پەسىللىك جۇخار گۈلى بايرىمى ئۆتكۈزىلىدۇ، ساياھەتچىلەر رەڭگارەڭلىك ئىچىدە جوجېڭيۈەن بېغىنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

    خۇچيۇشەن تېغى سۇجۇنىڭ غەربىي شىمال بۇلۇڭىغا جايلاشقان بولۇپ، «ۋۇ بەگلىكىدىكى بىرىنچى تاغ» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە، رىۋايەت قىلىنىشىچە ۋۇ بەگلىكىنىڭ پادىشاھى فۇچەينىڭ دادىسى بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان بولۇپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئاق يولۋاسلار قەبرە ئۈستىگە چىقىپ تۇرىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن خۇچيۇشەن تېغى دەپ ئاتالغان. خۇچيۇشەن تېغى ئانچە ئېگىز ئەمەس، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى پەقەت 30 مېتىردىن ئارتۇقراقلا كېلىدۇ، تاغ كىچىك بولىسىمۇ لېكىن مەنزىرىسى ئىنتايىن چىرايلىق، سۇدوڭپو ئىلگىرى «سۇجۇغا كەلگەنلەر خۇچيۇشەن تېغىغا كەلمىسە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ» دېگەن.

    خۇچيۇشەنگە كەلگەندە، چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك ئىككى مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ بىرى خۇچيۇ مۇنارى، يەنە بىرى جيەنچى كۆلى. خۇچيۇ مۇنارى قىيپاش مۇنار بولۇپ، مىلادىيە 959-يىلى سېلىنغان، ئىتالىيەدىكى پىسا مۇنارىدىنمۇ 200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مۇنار شەرقىي شىمال تەرەپكە قىيسايغان، ھازىر مۇنار چوققىسى مەركەزدىن 2.82 مېتىر ئاغقان. جيەنچى كۆلى قېلىچقا ئوخشايدۇ، بىر قىسىم كىشىلەر جيەنچى كۆلىنى تەبىئىي شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ، يەنە بىر قىسىم رىۋايەتلەردە چىن شىخۇاڭ بىلەن سۈن چۈەن قېلىچ شەكىللىك قازغان دەپ سۆزلىنىدۇ، لېكىن تېخىمۇ كەڭ تارقالغان قاراش بولسا، جيەنچى كۆلى ۋۇ بەگلىكى پادىشاھى خې لۈنىڭ قەبرىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قېزىلغان دەپ قارىلىدۇ. جيەنچى كۆلى شۇنچىلىك سىرلىق بولۇپ، بۇرۇن نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىشىلەر بۇ يەرگە كەلگەن ۋە خەت يېزىپ قالدۇرغان، مەسىلەن قىزىل رەڭلىك «جيەنچى كۆلى» دېگەن خەتنى شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋردىكى ۋاڭ شىجى يېزىپ قالدۇرغان، كۆك رەڭلىك «تاغ، جىلغا، بۇلۇت، بۇلاق» دېگەن تۆت سۆزنى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مى فېي يېزىپ قالدۇرغان، بۇلاردىن جيەنچى كۆلىنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ نەقەدەر زورلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    ليۇ يۈەن بېغىنىڭ مەنزىرىسى ئومۇمىي جەھەتتىن جوجېڭيۈەن بېغى بىلەن ئوخشىشىدۇ، لېكىن جوجېڭيۈەن بېغىنىڭ مەغرۇرانە قىياپىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ليۇ يۈەن بېغى تېخىمۇ نەپىس ياسالغان بولۇپ، مۇلايىم ئىتائەتمەن ئاياللارغا ئوخشايدۇ. قەدىمىي سۇجۇ باغ مەنزىرىسى بولۇشتىن سىرت، ليۇ يۈەن بېغىدىكى مەدىنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ ئىنتايىن مول، يەنى بەزىلەر قەدىمىي زامان كىيىملىرىنى كىيىپ، كېمە ئۈستىدە نەي چالىدۇ؛ يەنە سۇجۇ داستانلىرى، كۈنچۈي تىياتىرلىرىنى ئېيتىش ياكى كوتو چېلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلار بار بولۇپ، ئىنتايىن قىزىيدۇ. بۇ ئۈچ ئورۇننىڭ ھەممىسى شۇجۇ شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

    مەنزىرە رايونى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1~2 كۈن

    كىرىش بېلىتى: جانلىنىش مەزگىلى (4-ئايدىن 10-ئايغىچە)، سۇس مەزگىل (11-ئايدىن ئىككىنچى يىلى 3-ئايغىچە)

    جوجېڭيۈەن بېغى: جانلىنىش مەزگىلى 90 يۈەن، سۇس مەزگىل 70يۈەن

    چيۇخۇشەن تېغى: جانلىنىش مەزگىلى 80 يۈەن، سۇس مەزگىل 60يۈەن

    ليۇ يۈەن بېغى: : جانلىنىش مەزگىلى 55 يۈەن، سۇس مەزگىل 45يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى:

    جانلىنىش مەزگىلى: 7:30~17:30

    سۇس مەزگىل: 7:30~17:00

    ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    جوجېڭيۈەن بېغى: 178-يول، 202-يول، 262-يول، 309-يول، 50-يول شەرقىي ئايلانما لىنىيىسى، 50-يول غەربىي ئايلانما لىنىيىسى، 55-يول، 518-يول، 529-يول، 811-يول، 923-يول، ساياھەت 1-يول ئاپتۇبۇسى، ساياھەت 2-يول ئاپتۇبۇسى، ساياھەت 5-يول ئاپتۇبۇسى شىمالىي ئايلانما لىنىيىسى، ساياھەت 5-يول ئاپتۇبۇسى جەنۇبىي ئايلانما لىنىيىسى، كەچلىك 2-يول ئاپتۇبۇسلىرى.

    چيۇخۇشەن تېغى: ساياھەت 1-يول ئاپتۇبۇسى، ساياھەت 2-يول ئاپتۇبۇسى، 949-يول (ئەسلىدىكى 49-يول)، 146-يول (ئەسلىدىكى 46-يول)، 32-يول، تېز لىنىيە 3-نومۇر ئاپتۇبۇسلىرى.

    ليۇ يۈەن بېغى: ساياھەت 1-يول ئاپتۇبۇسى، 85--يول، 317-يول، 933-يول، كەچلىك 5-يول، 7-يول، 34-يول، 36-يول، 44-يول، 64-يول، 70-يول، 85-يول تېز ئاپتۇبۇسى، 85-يول، 161-يول، 304-يول، 315-يول، 317-يول، 318-يول، 406-يول، 415-يول، 522-يول، 800-يول، 921-يول، مېترو 2-لىنىيىسى.