سۇجۇ جۇ قورۇقى

جۇ قورۇقى جياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، «جۇڭگودىكى بىرىنچى سۇ يۇرتى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە. چۈنچيۇ مەزگىلىدە «ياۋچېڭ شەھىرى» دەپ ئاتالغان، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە جۇ قورۇقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇ قورۇقى سۇ بويىغا ياسالغان بولۇپ، دەريا تىك-توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ «井» خېتىنى شەكىللەندۈرگەن

     

    جۇ قورۇقى جياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، «جۇڭگودىكى بىرىنچى سۇ يۇرتى» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە. چۈنچيۇ مەزگىلىدە «ياۋچېڭ شەھىرى» دەپ ئاتالغان، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە جۇ قورۇقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇ قورۇقى سۇ بويىغا ياسالغان بولۇپ، دەريا تىك-توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ «井» خېتىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەر قايسى بۆلەكلىرى تاش كۆۋرۈك بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆيلەر دەريا بويىغا سېلىنغان، %60 تىن ئارتۇق ئۆيلەر ھېلىغىچە مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شەكلىنى ساقلاپ قالغان. داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن شېن جەمەتى ئۆيى، جاڭ جەمەتى ئۆيى، مىلوۋ سارىيى، چۈەنفۇسى بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار.

    جۇ قورۇقىنىڭ گۈللىنىشى يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى چوڭ باي شېن ۋەنسەن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شېن ۋەنسەن دەسلەپكى يىللىرى دادىسىغا ئەگىشىپ جۇ قورۇقىغا كېلىپ ياشىغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ جۇ قورۇقىنىڭ قولايلىق سۇ يوللىرىدىن پايدىلىنىپ، تىجارەت قىلىپ زور بايلىق تولاپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلانغان. جۇ قورۇقىمۇ تاۋار تىجارەت مەركىزىگە ئايلىنىپ، تەدرىجىي گۈللەنگەن، كېيىنچە شېن ۋەنسەن يۈننەنگە پالانغان، ئۆلگەندىن كېيىن كېيىنكىلەر تەرىپىدىن جۇ قورۇقىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەريا ئاستىغا دەپنە قىلىنغان. جۇ قورۇقىغا كەلگەنلەر، شېن جەمەتى ئۆيى، شېن ۋەنسەننىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ، بۇ باينىڭ ئەگرى-توقايلىققا تولغان بىر ئۆمرىنى چۈشىنىپ باقسا بولىدۇ.

    جۇ قورۇقىدا مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان 14 تاش كۆۋرۈك ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن. قوش كۆۋرۈك مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، شىدې كۆۋرۈكى ۋە يوڭئەن كۆۋرۈكىنىڭ تۇتۇشىشىدىن ھاسىل بولغان، كۆۋرۈك سۈڭگۈچىنىڭ بىرى چەمبەر شەكلىدە، بىرى چاسا شەكلىدە بولۇپ، شەكلى قەدىمىي زاماننىڭ ئاچقۇچلىرىغا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئاچقۇچ كۆۋرۈكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. داڭلىق رەسسام چېن يىفېي قوش كۆۋرۈكنى مەنزىرە قىلىپ «يۇرت ئەسلىمىسى» دېگەن رەسىمىنى سىزىپ چىققان، بۇنىڭ بىلەن قوش كۆۋرۈكمۇ داڭ چىقارغان. فۇئەن كۆۋرۈكى كەنتتىكى ئەڭ قەدىمىي كۆۋرۈك بولۇپ، ئېيتىلىشىچە بۇ كۆۋرۈكنى شېن ۋەنسەننىڭ ئىنىسى شېن ۋەنسى مەبلەغ چىقىرىپ ياسىغان، بۇ كۆۋرۈك كۆۋرۈك ئۆيى قۇرۇلۇشى شەكلىدە بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا بىردىن بىنا سېلىنغان، لېكىن بىنانىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى قەۋىتى ئارىسىدا پەلەمپەي يوق، چوقۇم بىنا سىرتىدىكى تاش كۆۋرۈكتىن ئايلىنىپ چىقىش كېرەك. بۇ تاش كۆۋرۈكلەرگە چىققاندىن سىرت، جۇ قورۇقىنىڭ سۇ يوللىرى تىك ھەم توغرىسىغا كېسىشكەن بولۇپ، سايىۋەنلىك كېمىگە ئولتۇرۇپ، كېمىچىنىڭ ناخشا ساداسى ئىچىدە، بۇ تاش كۆۋرۈكلەرنىڭ ئالاھىدە تەرەپلىرىنى ھېس قىلىپ باقسا بولىدۇ.

    جۇ قورۇقى يوللىرىدا سەيلە قىلغاندا، كۈنچۈي نەغمە ئويۇنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۈنچۈي نەغمىسى كۈنشەندە پەيدا بولغان بولۇپ، « نەغمىلەرنىڭ بېشى» دېگەن نامغا ئىگە، 2001-يىلى دۇنيا غەيرىي مەدىنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. جۇ قورۇقى چوڭ سەھنىسىدە «مۇدەن راۋىقى» «تاغ دەرۋازىسى» قاتارلىق كىلاسسىك نەغمىلەر ئۈزلۈكسىز ئورۇنلىنىپ تۇرىدۇ.

    جۇ قورۇقى ساياھەت نۇقتىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يەرلىك پۇقرالار تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئورۇن. بۇ يەرگە كەلگەنلەر شۇ يەرنىڭ ئالاھىدە تائاملىرىنى تېتىپ كۆرسە بولىدۇ. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن شۇ يەردىكى داڭلىق ئاپو چېيىنى ئىچىپ باقسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قەغەز ساندۇق پادىشاھى تېمىسىدىكى ئىجادىيەت بېغىغا بېرىپ چۆرگىلەپ باقسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق زىننەت بۇيۇملىرى قەغەزدىن ياسالغان، ھەتتا مال جازىسى، ئورۇندۇقلارمۇ قەغەزدىن ياسالغان، يەنە ھەر خىل شەكىلدىكى قەغەزدىن ياسالغان خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.

    كەچ كىرگەندە، جۇ قورۇقى تېخىمۇ قىزىپ كېتىدۇ، «تۆت پەسىلدىكى جۇ قورۇقى» بولسا جۇڭگودىكى بىرىنچى ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە مەدىنىيىتىنى نامايەن قىلىدىغان سۇ كەنتى ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنى ھېسابلىنىدۇ، ئويۇندا ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش پەسلى باش تېما قىلىنغان، ئويۇن قويغۇچىلار ئىچىدە كەسپىي ئارتىسلارمۇ، يەرلىك ئاھالىلەرمۇ بار بولۇپ، سۇ كەنتى پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر بۇلاردىن قانغۇچە ھوزۇرلانسا بولىدۇ.

    ساياھەت نۇقتىسى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1 كۈن

    كىرىش بېلىتى:

    100 يۈەنلىك ئومۇمىي بېلەت، ئۈچ كۈن ئىچىدە كۆپ قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ، شېن جەمەتى ئۆيى، جاڭ جەمەتى ئۆيى، چۈەنفۇسى بۇتخانىسى، قەدىمىي ئويۇن سەھنىسى، مىلوۋ سارىيى، شېن ۋەنسەن تۇرالغۇسى، يې چۇساڭ تۇرالغۇسى، شېن ۋەنسەن سۇ قەبرىسى قاتارلىق 15 ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «غەلىتە ساراي» غا يەنە ئايرىم 20 يۈەن \ئادەم ھەق تۆلەيدۇ.

    كەچلىك بېلەت 80 يۈەن (16:00~21:00)، كەچلىك ساياھەتتە پەقەت جاڭ جەمەتى ئۆيى بىلەن شېن جەمەتى ئۆيىلا ئېچىۋېتىلىدۇ.

    ئېچىلىش ۋاقتى: پۈتۈن كۈن (7:30دىن ئىلگىرى، 20:00 دىن كېيىن كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ)

    «تۆت پەسىلدىكى جۇ قورۇقى» ئويۇنىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى: 19:30~20:30

    ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرى كۈنشەن شەھىرى جۇ قورۇقى كەنتى

    قاتناش

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش

    سۇجۇدىن يولغا چىققاندا:

    سۇجۇ ـ چاڭتەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى ـ ۋۇجياڭ (جەنۇبىي) چىقىش يولىدىن چىقىپ جوۋخۇ لىنىيەسىگە كىرىدۇ ـ جىنجوۋ يولى ـ جوۋخۇ لىنىيەنىڭ ئاخىرى ـ جۇ قورۇقى

    كۈنشەندىن يولغا چىققاندا:

    كۈنشەن ـ جوۋتۇڭ يولى ـ جىنجوۋ يولى ـ جۇ قورۇقى

    خاڭجۇدىن يولغا چىققاندا:

    چاڭتەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى ـ خۇخاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى G60 ـ جياشىڭ تۈگۈنى ـ جاجياسۇ سۈرئەتلىك تاش يولى S11 ـ جوۋخۇ لىنىيەسى چىقىش ئېغىزى ـ سۇتوڭلىن تاشيولى ـ توڭجوۋ تاشيولى ـ جۇ قورۇقى

    شاڭخەيدىن يولغا چىققاندا:

    شاڭخەي ـ يەنئەن ئاسما يولى ـ G50 ـ جىنزې چىقىش ئېغىزى ـ داگۈەنيۈەن ـ شاڭتا ـ جۇ قورۇقى

    ئايروپىلان:

    شاڭخەي خوڭچياۋ ئايرىدرومى ـ كۈنشەن ـ جۇ قورۇقى

    پويىز:

    سوجۇ ۋوگزالى ـ جۇ قورۇقى

    ئاممىۋى ئاپتۇبۇس:

    شاڭخەيدىن يولغا چىققاندا : شاڭخەي يولۇچى توشۇش باش بېكىتى، شىمالىي رايون يولۇچى توشۇش بېكىتى، چىڭپۇ ماشىنا بېكىتى، جۇ قورۇقى قەدىمىي كەنتى

    سۇجۇدىن يولغا چىققاندا: سۇجۇ شىمالىي ماشىنا بېكىتى ـ جۇ قورۇقى؛ جەنۇبىي ماشىنا بېكىتى ـ ۋۇجياڭ جياڭزې ـ جۇ قورۇقى

    كۇنشەندىن يولغا چىققاندا: يېڭى يولۇچىلار بېكىتى 130-يول ئاپتۇبۇسى ـ جۇ قورۇقى؛ 133-يول ئاپتۇبۇسى