مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋۇشى كىنو-تېلىۋىزىيە بازىسى ئۈچ پادىشاھلىق سۇ بويى مەنزىرە رايونى

مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋۇشى كىنو-تېلىۋىزىيە بازىسى بولسا، جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ كۆلەملىك كىنو-تېلىۋىزىيە سۈرەتكە تارتىش ۋە ساياھەت بازىسىدۇر. 1987-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان، ھەر يىلى نەچچە يۈز سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بۇ يەرگە كېلىپ 1000 قىسىمدىن ئارتۇق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو سۈرەتكە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 3 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

     

    مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋۇشى كىنو-تېلىۋىزىيە بازىسى بولسا، جۇڭگودىكى تۇنجى چوڭ كۆلەملىك كىنو-تېلىۋىزىيە سۈرەتكە تارتىش ۋە ساياھەت بازىسىدۇر. 1987-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان، ھەر يىلى نەچچە يۈز سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بۇ يەرگە كېلىپ 1000 قىسىمدىن ئارتۇق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو سۈرەتكە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 3 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

    ئۈچ پادىشاھلىق سۇ بويى مەنزىرە رايونى بولسا مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋۇشى كىنو-تېلىۋىزىيە بازىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 84 قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ياسىغان چوڭ كۆلەملىك كىنو-تېلىۋىزىيە مەدىنىيەت ساياھەت رايونىدۇر.

    ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلىنىڭ كۆلىمى 35 گېكتار كېلىدۇ، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نىڭ ۋەقەلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلى ئىچىگە «ۋۇ پادىشاھى قەسىرى»،«گەنلۇ بۇتخانىسى»،«ساۋساۋ بارىگاھى»، «ۋۇ پادىشاھى بارىگاھى»، «يەتتە يۇلتۇز سۇپىسى»،« ئات چاپتۇرۇش مەيدانى»، «خىزمەت بۇيرۇش سۇپىسى» قاتارلىق نەچچە ئون چوڭ كۆلەملىك مەنزىرە رايونى ياسالغان بولۇپ، كۆلىمى 85 مىڭ كۋادرات مېترغا يېتىدۇ. كېيىن يەنە ئەسەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يەنە « شاپتۇللۇق»،«توققۇز ئوردا-سەككىز رەم سېپى»، «چىبىنى كۆيدۈرۈش ئالاھىدە ماھارەت مەيدانى»، «رىقابەت مەيدانى»، «چىبى ئاسما يولى» قاتارلىق مەنزىرىلەر ياسالغان. سۇ بويى سېپىلى بىلەن ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلى قوشنا بولۇپ، كۆلىمى 580 مو كېلىدۇ، ئوبلاست-كەنت رايونى، شەھەر رايونى، لياڭشەن تېغى رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ، بۇ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «سۇ بويىدا» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ياسىغان يەنە بىر كىنو-تېلىۋىزىيە بازىسى بولۇپ، 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، 1996-يىلى 3-ئايدا «سۇ بويىدا»نى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى بۇ يەرگە كېلىپ سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىغان، 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن.

    ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلى مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ئۈچ پادىشاھلىق قەلئە قوۋۇق بىناسى، خەن سۇلالىسى داڭقىنى، شاپتۇللۇق، ئات چاپتۇرۇش مەيدانى، ساۋساۋ بارىگاھى، رىقابەت مەيدانى، چىبى ئاسما يولى، ۋۇ پادىشاھى بارىگاھى، توققۇز ئوردا-سەككىز رەم سېپى، ۋۇ پادىشاھى بارىگاھى پورتى، ۋۇ پادىشاھى ئوردىسى، ساداقەت قەسىرى، ۋۇ پادىشاھى ئوردىسى گۈللۈكى، گەنلۇ بۇتخانىسى، چىبىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش، ئۈچ پادىشاھلىق مەنزىرە رايونى ئويۇنلىرى قاتارلىقلار بار. سۇ بويى سېپىلىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدىن ئوبلاست-كەنت رايونىدىكى بىنەپشە تاش كوچىسى، شەھەر رايونىدىكى چىڭمىڭ شاڭخې كوچىسى، لياڭشەن تېغى رايونىدىكى ساداقەت قەسىرى، سۇ بويى مەنزىرە رايونى ئويۇنلىرى قاتارلىقلار بار.

    ئۈچ پادىشاھلىق، سۇ بويى مەنزىرە رايونى ئەڭ دەسلەپتە كىنو-تېلىۋىزىيەنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان، ھازىر بولسا ساياھەتچىلەر ساياھەت قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلىنى پۈتۈنلەي ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ يەردە ساۋۇت كىيىپ، جەڭ ئېتىغا مىنىشكە بولىدۇ، چىبى ئاسما كۆۋرۈكىدە ئاستا مېڭىپ سۇ ئاۋازىدىن ھوزۇرلىنىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە مول ئويۇنلار قويۇلىدۇ، «ئۈچ قەھرىماننىڭ لۈبۈغا ھۇجۇم قىلىشى»، «ليۇ بېينىڭ كۈيئوغۇل بولۇشى»، «چىبىنى ئوتتا كۆيدۈرۈش»، «قۇرۇق سېپىل خاتىرىسى» ، «چاڭبەن تۆپىلىگى ئۇرۇشى» قاتارلىقلار. سۇ بويى سېپىلىنىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرى بىر قەدەر ئاز، لېكىن ھەر كۈنى ئويۇن قويۇلىدىغان بولۇپ، تۈرى كۆپ خىل، جەمئىي 12 مەيدان قويۇلىدۇ، يېمەكلىك، مال سېتىۋېلىش جەھەتلەردىمۇ بارغانسېرى مۇكەممەللەشكەن.

    ساياھەت نۇقتىسى دەرىجىسى: AAAAA

    ئەڭ ياخشى ساياھەت قىلىش مەزگىلى: 3~5-ئايغىچە، 9-ئايدىن 11-ئايغىچە. ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلىدە ھەر كۈنى ئالاھىدە ماھارەت، ئويۇن قويۇلىدۇ، شۇڭا تۆت پەسىلنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا كېلىپ كۆرۈشكە بولىدۇ.

    كىرىش بېلىتى: 90 يۈەن قوشما بېلەت (ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلى، سۇ بويى سېپىلى): 150 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 7:30~18:00

    ئادرېسى: ۋۇشى شەھىرى بىڭخۇ رايونى دافۇ چىنتاڭ يولى 1-نومۇر ۋۇشى كىنو-تېلىۋىزىيە مەركىزى ئىچىدە.

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    پويىز ئىستانسىسى:

    ۋوگزال جەنۇبىي مەيدانىدىن 82-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلىغا بارىدۇ.

    ئايرودروم:

    ئايرودروم ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ، پويىز ئىستانىسىسىغا كېلىپ، 82-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلىغا بارىدۇ.

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەش:

    شاڭخەي يۆنىلىشىدىن:

    خۇنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى بويلاپ، سۇجۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ۋۇشى جەنۇبىي «تەيخۇ ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى» چىقىش ئېغىزىدىن (خۇجۇاڭ، نەنچۈەن يۆنىلىشى) چىقىدۇ، تەيخۇ ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ، نەنچۈەن چىقىش ئېغىزىدىن چىقىدۇ، لىخۇ يولىدىن ئۇدۇل مېڭىپ، گاۋلاڭ يولى ئېغىزىدىن سولغا بۇرۇلۇپ، غەربىي شەنشۈي يولىغا كىرىپ ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلىغا بارىدۇ.

    خاڭجۇ يۆنىلىشىدىن:

    خۇخاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى بويلاپ، جاجياسۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا چىقىدۇ، خۇنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن نەنجىڭ تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، سۇجۇدىن ئۆتكەندىن كېيىن ۋۇشى جەنۇبىي «تەيخۇ ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى» چىقىش ئېغىزىدىن (خۇجۇاڭ، نەنچۈەن يۆنىلىشى) چىقىدۇ، تەيخۇ ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ، نەنچۈەن چىقىش ئېغىزىدىن چىقىدۇ، لىخۇ يولىدىن ئۇدۇل مېڭىپ، گاۋلاڭ يولى ئېغىزىدىن سولغا بۇرۇلۇپ، غەربىي گاۋلاڭ يولىغا كىرىپ، 500 مېتر ئالدىغا ماڭغاندىن كېيىن (چاڭگۇاڭشى كۆۋرۈكى) ئوڭغا بۇرۇلۇپ، شەرقىي شەنشۈي يولىغا كىرىپ، بىرىنچى ئۈچ كوچىغا كەلگەندە غەربىي شەنشۈي يولىغا كىرىپ ئۈچ پادىشاھلىق سېپىلىغا بارىدۇ.