جياڭشى جىئەن جىڭگاڭشەن تېغى

جىڭگاڭشەن تېغى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، جياڭشى بىلەن خۇنەننىڭ چېگرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1779 مېتر، كۆلىمى 213.5 كۋادرات كېلومېترغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى خۇاڭياڭجيې، سىپىڭ، لۇڭتەن، دۇجۈەنشەن تېغى قاتارلىق ساياھەت رايونلىرى بار بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرە، ئىنسانلار مەدىنىيىتى مەنزىرىسى بىرلەشكەن داڭلىق ساياھەت رايونىدۇر

     

    جىڭگاڭشەن تېغى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، جياڭشى بىلەن خۇنەننىڭ چېگرا قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1779 مېتر، كۆلىمى 213.5 كۋادرات كېلومېترغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى خۇاڭياڭجيې، سىپىڭ، لۇڭتەن، دۇجۈەنشەن تېغى قاتارلىق ساياھەت رايونلىرى بار بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرە، ئىنسانلار مەدىنىيىتى مەنزىرىسى بىرلەشكەن داڭلىق ساياھەت رايونىدۇر.

    جىڭگاڭشەن تېغى بولسا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەڭ بۇرۇن قۇرغان ئىنقىلاپ بازىسىدۇر، جىڭگاڭشەن مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىرى يېزا ئارقىلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىش، ھاكىمىيەتنى قۇرال كۈچى ئارقىلىق تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت يولنى بېكىتكەن، پارتىيە ھەربىي ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى بىر يۈرۈش قائىدە تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم بولغان تارىخىي ئورۇنغا ئىگە.

    سىپىڭ مەنزىرە رايونىدىكى جىڭگاڭشەن ئىنقىلاب مۇزىيىدا، شۇ ۋاقىتتىكى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تارىخلىرىنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ، مۇزىيدا نەچچە ئونمىڭ يۈرۈش تارىخىي ماتېرىياللار ۋە رەسىملەر، داڭلىق رەسسام-يازغۇچىلارنىڭ يازمىلىرى ساقلانغان، يەنە ماۋ زېدوڭ، جۇ دې قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قول يازمىلىرى ۋە سىن ماتېرىياللىرى بار. سىپىڭ مەنزىرە رايونىدا يەنە ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، ماۋ زېدوڭنىڭ كونا تۇرالغۇسى قاتارلىق «قىزىل» مەنزىرە رايونى ۋە جەنۇبىي تاغ باغچىسى، يىسۈي كۆلى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر بار.

    خۇاڭياڭجيې بولسا جىڭگاڭشەندىكى بەش چوڭ قاراۋۇلخانىنىڭ بىرى، خۇاڭياڭجيېنىڭ يەر شەكلى ھاڭلىق، ھاۋارايى ئۆزگۈرۈشچان، كۆپىنچە بۇلۇت بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ، كۈن چىقىش ۋە بۇلۇت مەنزىرىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مەنزىرە رايونىدا خۇاڭياڭجيېنى قوغداش ئۇرۇشى ئورنى، داجىڭ ئىنقىلابى ئورۇنلىرى، قىزىل ئارمىيە پۇل بېسىش زاۋۇتى ئورنى، باميەنشەن قىزىل ئارمىيە قاراۋۇل ئاكوپ ئورنى قاتارلىقلار بار. تارىختىكى داڭلىق خۇاڭياڭجيېنى قوغداش ئۇرۇشى ئورنى بۇ يەردە يۈز بەرگەن، مەنزىرە رايونىدا يولداش جۇ دې يازغان ئابىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

    لۇڭتەن مەنزىرە رايونى جىڭگاڭشەننىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، جىڭگاڭشەندىكى ئەڭ چىرايلىق ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. لۇڭتەن كۆلى چىڭلۇڭ كۆلچىكى، سولۇڭ كۆلچىكى، چىلۇڭ كۆلچىكى، خېيلۇڭ كۆلچىكى ۋە پەرىزات كۆلچىكىدىن ئىبارەت بەش كۆلچەككە بۆلىنىدۇ، قەدىمدىن تارتىپلا «بەش كۆلچەك، ئون سەككىز شاقىراتما» دېگەن نامى بار، ھاۋارايى ياخشى ۋاقىتلاردا كۆلچەكتىكى ھەسەن-ھۈسەننى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن گۈزەل. لۇڭتەن مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچىدە يەنە ئالتۇن رەڭلىك شىر يۈز، شياۋجىڭ جۇڭگو قىزىل 4-ئارمىيە دوختۇرخانىسى ئورنى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار.

    جىڭگاڭشەندىكى ئاساسلىق چوققا يەنە ۋۇجى چوققىسى دەپ ئاتىلىدۇ، بەش تاغنىڭ چوققىسىنىڭ شەكلى تۈگۈلگەن ئوڭ قولغا ئوخشايدۇ، ۋۇجى چوققىسى تۆتىنچى يۈرۈش 100 يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ يۈزىدىكى رەسىمدۇر. بىجياشەن تېغىدىكى ئون يەتتە چوققا تەرتىپ بويىچە تىزىلغان بولۇپ، قەلەم جازىسىغا ئوخشايدۇ، تاغدا 26 خىل ئوخشاش بولمىغان سورتتىكى كاككۇكگۈلى ئۆسكەن بولۇپ، ئەتىياز، ياز پەسلى بۇ كاككۇكگۈللىرىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدۇر.

    كەچ بولغاندا، سىپىڭدا يەنە «جىڭگاڭشەن» چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، بۇ نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئىنقىلابىي ئۇرۇش باش تېما قىلىنغان، ئىنقىلاپنى تەسۋىرلەيدىغان چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنىدۇر. جىڭگاڭشەنگە كەلگەندە، يەنە ئىنقىلابىي ناخشا ئېيتىپ بېقىشنى، قىزىل مىفەن بىلەن كاۋا شورپىسى يەيدىغان ئىنقىلابىي تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ بېقىش كېرەك، ئۇنىڭدىن سىرت بۇ يەردە يەنە ئىسلانغان بامبۇك، سۈر گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەر بار.

    مەنزىرە نۇقتىسى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: بىر كۈن

    كىرىش بېلىتى:

    جىڭگاڭشەن تېغىنىڭ كىرىش بېلىتى : 190 يۈەن

    مەنزىرە رايونى ساياھەت ماشىنىسى: 70 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~17:00

    ئادرېسى: جىئەن شەھىرى جىڭگاڭشەن شەھىرى سىپىڭ بازىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش:

    نەنچاڭ ـ داگۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، تەيجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ سىپىڭ بازىرى جىڭگاڭشەن مەنزىرە رايونى

    چاڭشا ـ جىڭمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ تەيجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ سىپىڭ بازىرى جىڭگاڭشەن مەنزىرە رايونى

    ئاۋىئاتسىيە:

    جىڭگاڭشەن ئايرودرومى ـ ئايرودروم ئاپتۇبۇسى ـ سىپىڭ بازىرى جىڭگاڭشەن مەنزىرە رايونى

    پويىز:

    جىڭگاڭشەن پويىز ئىستانسىسى ـ ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ سىپىڭ بازىرى جىڭگاڭشەن مەنزىرە رايونىغا بارىدۇ.

    ئاپتۇبۇس:

    جىڭگاڭشەن ئاپتۇبۇس بېكىتى ـ ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ سىپىڭ بازىرى جىڭگاڭشەن مەنزىرە رايونىغا بارىدۇ.