جياڭشى ئۆلكىسى لۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى

لۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرىگە جايلاشقان، كەڭلىكى تەخمىنەن 10 كېلومېتر، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1474 مېتر، لۇشەن تېغىدىكى 90 دىن ئارتۇق تاغ چوققىلىرى ئېگىز-پەس جايلاشقان بولۇپ، 25 كېلومېترغا سوزۇلىدۇ، داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن خەنپوكوۋ، سەندېڭچۈەن، ۋۇلاۋ چوققىسى، لۇلىن كۆلى قاتارلىقلار بار. لۇشەن تېغى ئۆزىنىڭ مەدىنىيەت ئاساسى ۋە ئالاھىدە يەر شەكلى بىلەن داڭلىق.

     

    لۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرىگە جايلاشقان، كەڭلىكى تەخمىنەن 10 كېلومېتر، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1474 مېتر، لۇشەن تېغىدىكى 90 دىن ئارتۇق تاغ چوققىلىرى ئېگىز-پەس جايلاشقان بولۇپ، 25 كېلومېترغا سوزۇلىدۇ، داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن خەنپوكوۋ، سەندېڭچۈەن، ۋۇلاۋ چوققىسى، لۇلىن كۆلى قاتارلىقلار بار. لۇشەن تېغى ئۆزىنىڭ مەدىنىيەت ئاساسى ۋە ئالاھىدە يەر شەكلى بىلەن داڭلىق. تارىختا تاۋ يۈەنمىڭ، لى بەي، بەي جۈيى، سۇ شى، ۋاڭ ئەنشى قاتارلىق داڭلىق ئەدىبلەر بۇ يەرگە كېلىپ، زور مىقداردىكى مەدىنىيەت ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ، لۇشەننى قۇيۇق بولغان مەدىنىيەت ئاساسىغا ئىگە قىلغان. لۇشەن تېغىنىڭ يەر شەكلىمۇ ئىنتايىن ئالاھىدە، ئۈزۈلمە تاغ تۈزۈلۈشىدىكى يەر شەكلىمۇ بار، يەنە مۇزلۇقتا چىرىگەن ، ئېقىن گېئومورفولوگىيىلىك يەر شەكلىمۇ بار. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، لۇشەن تېغى دۇنيادىكى بىردىنبىر «دۇنيا مەدىنىيەت مەنزىرىسى» ۋە «دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى» دېگەن قوش نامغا ئىگە.

    لۇشەن تېغىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى كىشىنى ئۆزىگە ئىنتايىن جەلىپ قىلىدۇ، خەنپوكوۋنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300 مېترغا يېقىنلىشىدۇ، تاغ ئېتىكىدە بولسا جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى پوياڭ كۆلىدۇر، خەنپوكوۋدا تۇرۇپلا پوياڭ كۆلىنىڭ كەڭرى كەتكەن سۇ يۈزىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئورۇن يەنە لۇشەن تېغىدىكى كۈن چىقىشنى كۆرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. سەھەردىكى قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلگەندە، قۇياش نۇرى پوياڭ كۆلىگە چۈشۈپ، مەنزىرىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىۋېتىدۇ. سەندېڭچۈەن بولسا ئېگىزلىك پەرقى 155 مېترغا يېتىدىغان شاقىراتما، لى بەي لۇشەن تېغىغا كەلگەندە « سۇ ئېقىمى ئۈچ مىڭ چى ئېگىزلىكتىن چۈشەر، خۇددى ئاسماننىڭ قەھرىدىن چۈشكەن سۇغا ئوخشاش» دېگەن شېئىرنى يېزىپ قالدۇرغان، گەرچە لىبەينىڭ يازغىنىنىڭ سەندىڭچۈەن شاقىراتمىسىنى دېگەن-دېمىگەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن شۇ يەردە «سەندېڭچۈەنگە كەلمىسە، لۇشەن تېغىغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ» دېگەن قاراش بار. ۋۇلاۋ چوققىسى لۇشەن تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، تاغ چوققىسى قاتار تىزىلغان بەش تاغ چوققىسىغا ئايرىلغانلىقتىن، يىراقتىن قارىغاندا يەردە ئولتۇرغان بەش بوۋايغا ئوخشايدۇ. گەرچە ۋۇلاۋ چوققىسى لۇشەن تېغى تەۋەسىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بولمىسىمۇ، لېكىن ئەڭ ھەيۋەتلىك چوققا ھېسابلىنىدۇ، بۇلۇتلار پەيدا بولغاندا، ۋۇلاۋ چوققىسىدىن تۆۋەنگە قارىغاندا، خۇددى جەننەتتەك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە لۇلىن كۆلى، جىنشيۇ جىلغىسى، ئەۋلىيا ئۆڭكۈرى، ئۆسۈملۈك باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار بولۇپ، ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.

    لۇشەن تېغىدا يەنە داچا قۇرۇلۇشلىرى بار، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلى، 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى سېلىنغان، داچىلارنىڭ سېلىنىش ئۇسلۇبى ھەرخىل بولۇپ، 16 دۆلەتنىڭ 636 داچىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق شەخسلەرنىڭ داچىسىدىن 300 دىن ئارتۇقى بار. مېيلۇ داچىسى بولسا ئەسلىدە جياڭ جيېشىنىڭ يازلىق سارىيى بولۇپ، سۇڭ مېيلىڭنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان؛ ليۇ شاۋچى داچىسى بولسا ئەسلىدە روسىيە ئاسىيا بانكىسى بولۇپ، لۇشەن تېغىدىكى ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى ساقلىنىپ قالغان روسىيە پاسونىدىكى داچا ھېسابلىنىدۇ؛ لۇلىن 1-نومۇرلۇق قورۇ لۇلىن كۆلى سىرتىغا سېلىنغان بولۇپ، ماۋ زېدوڭنىڭ كونا تۇرالغۇسى، ماۋ زېدوڭ بىكار ۋاقىتلىرىدا كۆلدە سۇ ئۈزەتتى. بۇ يەردە يەن لۇشەن يىغىنى خارابىسى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر كېلىپ ساياھەت قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى تارىخلارنى چۈشىنىپ باقسا بولىدۇ.

    لۇشەن تېغىنى تىلغا ئالغاندا، «لۇشەندىكى مۇھەببەت» دېگەن كىنونى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، كىنودا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىلگىرىكى گومىنداڭ گېنىرالىنىڭ قىزى جوۋ جۈن بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنىڭ ئوغلى گېن خۇا لۇشەن تېغىدا ئۇچرىشىپ قېلىپ، مۇھەببەتلىشىشتەك تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، جۇڭگو كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ كىنو ئەۋلاتمۇ ئەۋلات جۇڭگو خەلقىگە تەسىر قىلغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە لۇشەندىكى مۇھەببەت كىنوخانىسىدا قويۇلۇپ تۇرىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 2 كۈن

    كىرىش بېلىتى:

    يۈرۈشلۈك بېلەت 180 يۈەن \ ئادەم، جانلىنىش پەسلى، سۇس پەسلى دەپ ئايرىلمايدۇ، يېرىم بېلەت سېتىلىدۇ

    ساياھەت ماشىنىسى: 80~100 يۈەن \ ئادەم

    ئېچىلىش ۋاقتى: پۈتۈن كۈن ئېچىلىدۇ

    ئادرېسى: جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى گۇلىن بازىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    جيۇجياڭ ئاپتۇبۇس باش بېكىتى ــ ئاپتۇبۇس ـ لۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى

    جيۇجياڭ پويىز ئىستانسىسى ـ جيۇجياڭ ئاپتۇبۇس باش بېكىتى ـ لۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى

    جيۇجياڭ پويىز ئىستانسىسى ـ لۇشەن تېغى مەنزىرە رايونى

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى

    جىڭدې بازىرىدىن يولغا چىققاندا: جيۇجىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ جيۇجياڭ ـ لۇشەن تېغى

    شاڭخەيدىن يولغا چىققاندا : لۇخاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ خاڭجۇ ـ خاڭجىنچۈ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ لىۋېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ چاڭجيۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (توڭيۈەن چىقىش ئېغىزى) ـ لۇشەن تېغى

    گۇاڭجۇدىن يولغا چىققاندا: گەنئاۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ چاڭجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ چاڭجيۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (توڭيۈەن چىقىش ئېغىزى) ـ لۇشەن تېغى

    نەنجىڭدىن يولغا چىققاندا: خېنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى – چىخۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ چاڭجيۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (توڭيۈەن چىقىش ئېغىزى) ـ لۇشەن تېغى