شەندۇڭ پېڭلەي راۋىقى مەنزىرە رايونى

پېڭلەي راۋىقى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى جيايوۋنىڭ 6-يىلى (مىلادىيە 1061-يىلى) ياسالغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كېڭەيتىلگەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قايتىدىن ياسالغان. لۈ دوڭبىڭ ئوردىسى، پېڭلەي راۋىقى، سەنچىڭ ئوردىسى، خانىش قەسىرى، سۇ ئىلاھى قەسىرى، مىتو بۇتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خۇاڭخې قەسىرى، يۆياڭ قەسىرى، پېڭۋاڭ قەسىرى بىلەن بىرگە جۇڭگودىكى تۆت داڭلىق قەسىر» دەپ ئاتىلىدۇ.

     

    پېڭلەي راۋىقى مەنزىرە رايونى شەندۇڭ ئۆلكىسى پېڭلەي شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دەنيا تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 18500 كۋادرات مېتر كېلىدۇ.

    پېڭلەي راۋىقى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى جيايوۋنىڭ 6-يىلى (مىلادىيە 1061-يىلى) ياسالغان بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كېڭەيتىلگەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قايتىدىن ياسالغان. لۈ دوڭبىڭ ئوردىسى، پېڭلەي راۋىقى، سەنچىڭ ئوردىسى، خانىش قەسىرى، سۇ ئىلاھى قەسىرى، مىتو بۇتخانىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خۇاڭخې قەسىرى، يۆياڭ قەسىرى، پېڭۋاڭ قەسىرى بىلەن بىرگە جۇڭگودىكى تۆت داڭلىق قەسىر» دەپ ئاتىلىدۇ.

    رىۋايەت قىلىنىشىچە، پېڭلەي، يىڭجوۋ، فاڭجاڭ بولسا دېڭىزدىكى ئۈچ ئەۋلىيا ئىكەن، پېڭلەينىڭ ئەرشتىكى جەننەت دېگەن نامىمۇ كەڭ تارقالغان، «سەككىز ئەۋلىيانىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈشى»مۇ رىۋايەت قىلىنىشىچە پېڭلەي راۋىقىدا يۈز بەرگەن. بۇ يەر يەنە نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يەرگە ئاتاپ ھۆسىنخەت ۋە شېئىر يازغانلارمۇ ئاز ئەمەس. خانىش قەسىرىنىڭ ئالدى ھويلىسىدىكى تىياتىرخانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۈچ دانە چوڭ گرانت تاشمۇ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق ئۆلىما رۈەن يۈەن تەرىپىدىن سەنتەي تېشى دەپ ئاتىلىپ، خانىش قەسىرىنىڭ ئالدى ھويلىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا ئويۇلغان. پېڭلەي راۋىقىدىكى ئاساسلىق راۋاقنىڭ ئالدى ئىشىكىگە ئېسىلغان تاختىدىكى «پېڭلەي راۋىقى» دېگەن خەتنى، چىڭ سۇلالىسىدىكى خەتتات تيې باۋ يېزىپ قالدۇرغان. ئاساسىي راۋاقنىڭ ئارقا تەرىپىپىدىكى پاناھلىنىش شىپىڭى ۋە ۋوبېي شىپىڭىدىمۇ قىممەتلىك تاش ئويمىلار بار.

    بۇنداق قىممەتلىك تاش ئويما خەتلىرىدىن سىرت، پېڭلەيدىكى ئېزىتقۇمۇ ئىنتايىن داڭلىق بولۇپ، جەننەت نامىغا ئىنتايىن ماس كەلگەن. توختىماي مېڭىپ تۇرغان بۇلۇتلار ئارىسىدا، گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيدىغان سۇپىدىكى راۋاقلار، دېڭىزدىكى ئۈچ ئەۋلىيا رىۋايىتى بولۇپ تەسۋىرلىنىپ، كىشىلەر تەلپۈنىدىغان ئەۋلىيا ماكانىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىگە جەلىبكرانە تۈس قوشقان.

    پېڭلەي راۋىقى مەنزىرە رايونىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن كۆرگەزمىخانا، تيەنخۇاڭ تېغى، چى جىگۇاڭ خاتىرە سارىيى، دېڭىز ئارمىيە قەسىرى، پېڭلەي سۇ شەھەرچىسى، پېڭلەي راۋىقى، دېڭجۇ قەدىمىي پورتى، موزىي قاتارلىقلار بار.

    جۇڭگو كېمىچىلىك تەرەققىيەت كۆرگەزمىخانىسى تەيپىڭ قەسىرىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، قەدىمىي ۋە زامىنىۋىي بولغان ئىككى كۆرگەزمىخانا تەسىس قىلىنغان، كۆرگەزمىخانىنىڭ كۆلىمى 240 كۋادرات مېتر كېلىدۇ، كۆرگەزمىخانىدا قەدىمىي كېمىلەر ۋە زامىنىۋى كېمىلەردىن ئىبارەت ئىككى كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە كېمە مودىللىرىدىن 50 تىن ئارتۇقى قويۇلغان، مەزكۇر كۆرگەزمىخانا 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىۋېتىلگەن.

    تيەنخېڭ تېغى يەنە لاۋبېي تېغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 202-يىلى، چى پادىشاھلىقى شاھى تيەن خېڭ خەن پادىشاھلىقىدىكى خەن شىننىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرۈشىدىن قېچىپ، بەش يۈز ئەسكەرنى باشلاپ بۇ تاغقا كېلىپ بارىگاھ قۇرغان. كېيىن تيەن خېڭ ليۇباڭغا بېقىندى بولۇشقا رازى بولماي، ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرىۋالغان. تيەنخېڭ تېغىنى بېسىپ ياتقان بەش يۈز ئەسكەر تيەن خېڭنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماتەم ناخشىسىنى ئېيتقىنىچە، ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋالغان، شۇ سەۋەپتىن كېيىنكىلەر بۇ تاغنى تيەنخېڭ تېغى دەپ ئاتىغان. تيەنخېڭ تېغىدىكى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە رىۋايەتلەردىن، ئىلاھى ئەجدىرھانىڭ دېڭىزنى بۆلۈشى، تاشپاقا خادا تېشى، تيەنخېڭ ئاسما يولى، يولۋاس ئۆڭكۈرى، خۇيشيەن ئۆڭكۈرى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بۇلىقى، سەككىز ئەۋلىيا خادا تېشى، شارىكسىمان قاينام، سۇمۇرغ خادا تېشى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ توغرىسىدىكى ئېسىل ھېكايىلەر بەك كۆپ، بىر كۆرۈپ كېلىشكە ئەرزىيدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    ئەڭ ياخشى پەسىل: 7-ئايدىن 9-ئايغىچە

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 2~3 سائەت

    ئادرېسى: شەندۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىدا

    ئېچىلىش ۋاقتى: جانلىنىش پەسلى (4-ئايدىن 10-ئايغىچە): 6:00~18:30 سۇس پەسىل (11-ئايدىن 3-ئايغىچە): 7:00~17:00

    كىرىش بېلىتى: بىر تۇتاش بېلەت 150 يۈەن (پېڭلەي راۋىقى، چى جىگۇاڭ ماكانى، دېڭىز ئارمىيە قەسىرى، قەدىمىي كېمە موزىيى، تيەنخېڭ تېغى، ئېتىشىش شەھەرچىسى، چۈەنجوۋ كېنوخانىسى ۋە دېڭجۇ موزىيىنىڭ بېلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش:

    1. بېيجىڭ ـ پېڭلەي: بېيجىڭ (جەنۇبىي ئۈچىنچى ئايلانما) فېنجوڭ بۇتخانىسى ـ جىڭلۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ خۇاڭشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (خۇاڭخۇا يۆنىلىشى) ـ روڭۋۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ ۋېيۋۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ غەربىي پېڭلەي.

    2. خاربىن ـ پېڭلەي: خاربىن ـ چاڭچۈن ـ شېنياڭ ـ داليەن ـ يەنتەي (كېچىك كېمىسىگە 6 سائەت ئولتۇرىدۇ) ـ پېڭلەي

    3. شاڭخەي ـ پېڭلەي : شاڭخەي ـ جياڭيىن، جياڭدۇدىن ئۆتىدۇ ـ جۈنئەن ـ شىمالىي يۈنبېي ـ رىجاۋ ـ توڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (شىمالىي چىشيادىن چىقىدۇ)ـ پېڭلەي

    4. پېڭلەي ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىدە يەنتەي، چىڭداۋ، جىنەن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسلار بار، پورتتا چاڭداۋ، لۈشۈن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان كېمىلەر بار.

    ئاممىۋى قاتناش:

    1. ئايرودرومدا يەنتەي ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىگە بارىدىغان تاكسى بار، يەنپېڭ ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، پېڭلەي ماشىنا بېكىتىگە بارىدۇ، ماشىنىدىن چۈشۈپ، غەربكە 5 مىنۇت پىيادە ماڭسىلا پېڭلەي راۋىقى جېنياڭ بېلەت سېتىش ئورنىغا بارالايدۇ.

    2. يەنتەي ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىدىن نيەنپېڭ ساياھەت ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرىدۇ، 15 مىنۇتتا بىر نۆۋەت قاتنايدۇ، بېلەت باھاسى 18 يۈەن، 1 سائەت 10 مىنۇتلۇق مۇساپە

    3. 1-،2-،3-،4-،5-،6-،7-يول ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، ماشىنا بېكىتى ياكى ساياھەت رايونى ئىشىكى ئالدىدا چۈشۈپ قالسا بولىدۇ.