جىنىڭ شەھىرى چۈفۇ قەدىمىي شەھىرى (ئۈچ كۇڭ) مەنزىرە رايونى

چۈفۇ شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدە لۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان، جۇڭگودىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مائارىپچى، ئەدىب ـ كۇڭزىنىڭ يۇرتى. كۇڭزى كۇڭزى تەلىماتىنى ياراتقان بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، جۇڭگو تارىخىدىكى پادىشاھلار، ئەدىبلەرنىڭ ھەممىسى كۇڭزىغا ئىنتايىن چوقۇنغاچقا، ئۇنى كۇڭ ئەۋلىيا، پەيغەمبەر دىگەن ھۆرمەت ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاتايدۇ

     

    چۈفۇ شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنىڭ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدە لۇ بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان، جۇڭگودىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر، مائارىپچى، ئەدىب ـ كۇڭزىنىڭ يۇرتى. كۇڭزى كۇڭزى تەلىماتىنى ياراتقان بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، جۇڭگو تارىخىدىكى پادىشاھلار، ئەدىبلەرنىڭ ھەممىسى كۇڭزىغا ئىنتايىن چوقۇنغاچقا، ئۇنى كۇڭ ئەۋلىيا، پەيغەمبەر دىگەن ھۆرمەت ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاتايدۇ. شۇ سەۋەبدىن چۈفۇمۇ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا داڭ چىقارغان، شۇنداقلا «ئۈچ كۇڭ» ــ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى قەسىرى، كۇڭزى ئورمانلىقىنى ئاساسلىق بايلىق قىلغان ساياھەت مەدىنىيەت ئورنىغا ئايلانغان.

    كۇڭزى ئىبادەتخانىسى چۈفۈ قەدىمىي شەھىرى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، كۇڭزىغا نەزىر قىلىدىغان ئورۇن، بۇ جاي بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ سارىيى، چېڭدى يازلىق ئارامگاھى بىلەن بىرگە جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ قەدىمىي قۇرۇلۇش دەپ ئاتىلىدۇ. كۇڭزى ئىبادەتخانىسى مىلادىيە 478-يىلى ياسالغان، كېيىن نۇرغۇنلىغان سۇلالىلەردىكى پادىشاھلارنىڭ رېمونت قىلىشى ۋە كېڭەيتىشى نەتىجىسىدە ھازىرقى كۆلەمگە يەتكەن. كۇڭزى ئىبادەتخانىسى پەقەت بىر ئىبادەتخانىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىر يۈرۈش چوڭ كۆلەمگە ئىگە قۇرۇلۇش توپىغا ۋاكىللىك قىلىدۇ. كۇڭزى ئىبادەتخانىسىنىڭ جەمئىي توققۇز قورۇسى بار، داچېڭ قەسىرىدە پادىشاھ چيەنلۇڭنىڭ «پەيغەمبەر ئۇستاز» قاتارلىق خەت يېزىلغان تاختىسى ئېسىلغان، شىڭتەن بولسا ئەينى يىلى كۇڭزى تەلىم بەرگەن ئورۇن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە لىڭشىڭمېن، كۇيۋېن راۋىقى، ئون ئۈچ ئابىدە شىپىڭى قاتارلىق داڭلىق قۇرۇلۇشلار بار بولۇپ، ئىككى خەن سۇلالىسىدىن بۇيانقى ئىككى مىڭدىن ئارتۇق تاش ئابىدىلەر ساقلانغان.

    كۇڭزى قەسىرى يەنە يەنشېڭگوڭ قەسىرى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كۇڭزى ئىبادەتخانىسىنىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان، كۇڭزىنىڭ ئەۋلاتلىرى تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، كۇڭزىنىڭ مىراسلىرىنى باشقۇرىدىغان، ئائىلە ئىشلىرى ۋە نەزىر-چىراق ئۆتكۈزىدىغان ئورۇن. كۇڭزى قەسىرى بىر قانچە قېتىم بۇزىۋېتىلگەن بولۇپ، ھازىر ساقلانغان قۇرۇلۇش ئاساسلىقى مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان، كۆلىمى 74 مىڭ كۋادرات مېتر كېلىدۇ، 460 يۈرۈشتىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك ئۆيى بار. كۇڭزى قەسىرىدە زور مىقداردا مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى « شاڭ جوۋ دەۋرىدىكى ئون ئەسۋاب»، يەنى «ئون تەمىنات» بولۇپ، ئەسلىدە ئوردىدا ساقلانغان برونزا ئەسۋابلارنى، چيەنلۇڭ دەۋرىدە كۇڭزى قەسىرىگە سوۋغات قىلغان. يەنە ھەرخىل پاسوندىكى ساپال، قاشتېشى، مارجان، تارىخىي رەسىملەر قاتارلىق قىممەتلىك بايلىقلار ساقلانغان.

    كۇڭزى ئورمانلىقى چۈفۇ شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، كۇڭزى ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ مەخسۇس قەبرىستانلىقى، شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدىكى داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئۇرۇقداشلىق قەبرىستانلىقى ھېسابلىنىدۇ، كۇڭزىنىڭ يەتمىشتىن ئارتۇق ئەۋلات ئۇرۇقلىرى بۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. كۇڭزى ئورمانلىقى تەبىئىي ئۆسۈملۈك باغچىسى بولۇپ، ئورمانلىقتا ھەر خىل تۈردىكى نەچچە ئونمىڭ دەل-دەرەخ، مەسىلەن، قارىغاي، ئارچا، ئېرەن، تېرەك، تۇخۇمەك، سۆگەت، نورۇزگۈل قاتارلىقلار بار، يەنە نەچچە مىڭ خىل گۈل-گىياھلار بار، بىر قىسىم دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاشمۇ قىيىنغا توختايدۇ، رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئۆسۈملۈكلەرنى كۇڭزى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ھەر قايسى يەرلەردىن ئېلىپ كەلگەن. ئورمانلىق ئىچىدە يەنە 4000 دىن ئارتۇق مەنتىقىچىلەرنىڭ تاش ئويما خەتلىرى بار.

    چۈفۈغا كەلگەندە كۇڭزى ئىدىيىسى ۋە قائىدە-يوسۇن مەدىنىيىتىنى چۈشەنگىلى بولۇپلا قالماستىن، بۇ يەردە دائىم ھەرخىل مەدىنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغاچقا، يەنە كۇڭزى مەدىنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. ھەر يىلى 9-ئايدىن 10-ئايغىچە خەلقئارا كۇڭزى مەدىنىيەت بايرىمى بولۇپ، كۇڭزىغا ئاتالغان نەزىر مۇراسىمى، نامايىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدۇ؛ 4-ئايدىن 10-ئايغىچە ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەدىمىي شەھەرنىڭ سىرتىدا شەھەر ئېچىش مۇراسىمى ۋە كۇڭزىغا ئاتالغان نەزىر ئۆتكۈزىلىدۇ. 4-ئايدىن 10-ئايغىچە ھەركۈنى كەچ سائەت سەككىزدە، چۈفۇدىكى شىڭتەن تىياتىرخانىسىدا «شىڭتەندىكى ئەۋلىيا چۈشى» چوڭ تىپتىكى مەيدان ناخشا-ئۇسۇل ئويۇنى قويۇلىدۇ، چۈفۇغا كەلگەندە بۇلارنى چوقۇم قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3 سائەت

    كىرىش بېلىتى: ھەقسىز

    جانلىنىش پەسىلى : «ئۈچ كوڭ» بىر تۇتاش بېلىتى: 150 يۈەن \ ئادەم؛ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى تاق بېلىتى 90يۈەن؛ كۇڭزى قەسىرى 60 يۈەن؛ كۇڭزى ئورمانلىقى 40 يۈەن

    سۇس پەسىل: «ئۈچ كوڭ» بىر تۇتاش بېلىتى: 130 يۈەن \ ئادەم؛ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى تاق بېلىتى 80يۈەن؛ كۇڭزى قەسىرى 50 يۈەن؛ كۇڭزى ئورمانلىقى 30 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: كۇڭزى ئىبادەتخانىسى: 7:30~16:30؛ كۇڭزى قەسىرى: 7:30~16:30؛ كۇڭزى ئورمانلىقى: 8:00~17:00

    ئادرېسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ چۈفۇ شەھىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    چۈفۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى: K1 ئاپتۇبۇسى ـ جەنۇبىي قوۋۇق بېكىتىدە چۈشۈپ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى قەسىرىگە بارىدۇ ـ ساياھەت ماشىنسىغا ئولتۇرۇپ، كۇڭزى ئورمانلىقىغا بارىدۇ

    چۈفۇ ماشىنا بېكىتى: 2-يول، 3-يول، 5-يول ئاپتۇبۇسى ـ جەنۇبىي قوۋۇق بېكىتىدە چۈشۈپ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى قەسىرىگە بارىدۇ ـ ساياھەت ماشىنسىغا ئولتۇرۇپ، كۇڭزى ئورمانلىقىغا بارىدۇ

    چۈفۇ پويىز ئىستانسىسى: 5-يول ئاپتۇبۇسى ـ جەنۇبىي قوۋۇق بېكىتىدە چۈشۈپ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى قەسىرىگە بارىدۇ ـ ساياھەت ماشىنسىغا ئولتۇرۇپ، كۇڭزى ئورمانلىقىغا بارىدۇ

    يەنجوۋ پويىز ئىستانسىسى: K23 ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ، ئاخىرقى بېكەتتە چۈشىدۇ ـ چۈفۇ 2-يول ئاپتۇبۇسى ـ جەنۇبىي قوۋۇق بېكىتىدە چۈشۈپ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، كۇڭزى قەسىرىگە بارىدۇ ـ ساياھەت ماشىنسىغا ئولتۇرۇپ، كۇڭزى ئورمانلىقىغا بارىدۇ