تەيئەن شەھىرى تەيشەن تېغى مەنزىرە رايونى

تەيشەن تېغى يەنە دەيشەن، دەيزوڭ، دەييۆ، دوڭيۆ، تەييۆ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، تەيئەن شەھىرىگە تەۋە، ئومۇمىي كۆلىمى 24200 گېكتار كېلىدۇ. ئاساسىي چوققىسى بولغان يۈخۇاڭ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1545 مېتر كېلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، «بەش چوڭ تاغنىڭ بىرىنچىسى»، «بەش چوڭ تاغنىڭ بېشى» «جاھاندىكى بىرىنچى تاغ» دېگەن نامى بار

     

    تەيشەن تېغى يەنە دەيشەن، دەيزوڭ، دەييۆ، دوڭيۆ، تەييۆ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، تەيئەن شەھىرىگە تەۋە، ئومۇمىي كۆلىمى 24200 گېكتار كېلىدۇ. ئاساسىي چوققىسى بولغان يۈخۇاڭ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1545 مېتر كېلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، «بەش چوڭ تاغنىڭ بىرىنچىسى»، «بەش چوڭ تاغنىڭ بېشى» «جاھاندىكى بىرىنچى تاغ» دېگەن نامى بار. چىن شىخۇاڭدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 13 ئەۋلات پادىشاھ ئۆزى تەيشەن تېغىغا چىقىپ تەختكە ئولتۇرغان ياكى نەزىر-چىراغ قىلغان، ئۇنىڭدىن سىرت 24 ئەۋلات پادىشاھ قول ئاستىدىكىلىرىنى ئەۋەتىپ نەزىر-چىراغ قىلغان.

    ھەيۋەتلىك تەيشەن تېغى، گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىمىۋولى ھېسابلىنىدۇ. «تارىخىي خاتىرىلەر توپلىمى»دا:« كۆككە تاقاشقان تەيشەن تېغىدا تەختكە ئولتۇرۇش ياكى نەزىر قىلىش بولسا، ئەۋلىيالارغا ئەڭ يېقىنلاشقانلىق بولىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. چۈنكى قەدىمكى كىشىلەر شەرقنى ھاياتلىق مەنبەسى دەپ قارايتتى، شەرقتىكى تەيشەن تېغى بەش چوڭ تاغنىڭ ئەڭ ئالدى بولغاچقا، جۇڭگولۇقلار قەدىمدىن تارتىپلار تەيشەن تېغىغا چوقۇنغان، «تەيشەن ئاسايىشلىق بولسا، ئەل تىنچ بولىدۇ» دېگەن قاراشمۇ شەكىللەنگەن. ئالتە سۇلالە دەۋرىدىكى رېن فڭ يازغان «ئاجايىبىتلار بايان تەزكىرىسى» دە، پەنگۇ يەر-زېمىننىڭ ئايرىپ، ئۆلگەندىن كېيىن باش قىسمى شەرق تەرەپكە چۈشۈپ، تەيشەن تېغىغا ئايلانغان دەپ خاتىرىلىگەن. پادىشاھلار تەيشەن تېغىغا سەجدە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن، يازغۇچى-شائىرلار شېئىر يېزىش، رەسىم سىزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەيشەن تېغىغا بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن كۇڭزىنىڭ «چيۇلىن ناخشىسى»، سىما شياڭرۇنىڭ « تەختكە ئولتۇرۇش تەزكىرىسى»، ساۋ جىنىڭ «ئەجدىرھا قىسسىسى»، لى بەينىڭ «تەيشەن تېغىنىڭ ئاھى»، دۇ فۇنىڭ «تاغقا نەزەر سېلىش» قاتارلىق شېئىر-ئەسەرلىرى قاتارلىقلار.

    تەيشەن تېغىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان رىۋايەتلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى بولسا پەنگۇنىڭ يەر-زېمىننى ئايرىش توغرىسىدىكى ھېكايىسىدۇر. يەنە تەيشەن تېغى ئىلاھى دەپ ئاتالغان شەرقىي تاغ پادىشاھى، تەيشەن تېغى خانىشى دەپ ئاتالغان بىشيا يۈەنجۈن. بىشيا يۈەنجۈن بولسا داۋجياۋ دىنىدىكى مۇھىم ئايال ئىلاھ بولۇپ، جۇڭگو تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان ئايال ئىلاھلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. «غەربكە ساياھەت» فىلىمىمۇ تەيشەن تېغى بىلەن زىچ باغلانغان.

    ئالتە چوڭ مەنزىرە رايونى: تەيشەن تېغى مەنزىرە رايونى يوۋچۈ رايونى، كۇاڭچۈ رايونى، ئاۋچۈ رايونى، مياۋچۈ رايونى، شيۇچۈ رايونى، لىچۈ رايونىدىن ئىبارەت ئالتە مەنزىرە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەيشەن تېغىدىكى تۆت چوڭ ئاجايىب مەنزىرە: تەيشەن تېغىدىكى كۈن چىقىش، بۇلۇت ئارىسىدىكى تاغ، كەچكى شەپەق، خۇاڭخې دەرياسى بەلبېغى.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    ئەڭ ياخشى ساياھەت قىلىش پەسىلى: 5-ئايدىن 11-ئايغىچە

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 6~8 سائەت

    كىرىش بېلىتى: جانلىنىش پەسلى (2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە): 127 يۈەن ؛ سۇس پەسىل (12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) : 110 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: پۈتۈن كۈن

    ئادرېسى: تەيئەن شەھىرى تەيشەن رايونى خوڭمېن يولى

    قاتناش كۆرسەتمىسى: تەيشەن تېغى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، تەيشەن تېغى بىلەن تەيئەن شەھىرى بىرلىشىپ كەتكەن. مەنزىرە رايونى بىلەن جىنەن ياۋچياڭ خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ئارىلىقى 90 كېلومېتر كېلىدىغان بولۇپ، تەيشەن تېغىغا بارىدىغان ئاپتۇبۇس قاتنايدۇ، يولغا تەخمىنەن 2 سائەت كېتىدۇ. تەيئەن شەھىرىدىكى تەيشەن تېغى بېكىتى بولسا ئادەتتىكى نۆۋەتچى پويىزنىڭ باش بېكىتى شۇنداقلا ئاخىرقى بېكىتى، دەييۆ رايونىدىكى تەيئەن بېكىتى بولسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋە ئېلېكتروۋوزنىڭ باش بېكىتى شۇنداقلا ئاخىرقى بېكىتى. تەيئەن شەھىرىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەرلەر بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرى بار. تەيئەن شەھىرىدىكى كۆپلىگەن ئاممىۋى قاتناش لىنىيەلىرى تەيشەن تېغى مەنزىرە رايونىغا بارىدۇ. تەيشەن تېغى مەنزىرە رايونىدا ساياھەت ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ ياكى ئاسما كابىلغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىشقا بولىدۇ.