شاڭخەي شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارى

شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارى يەنە شەرق ئەڭگۈشتىرى مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جۇڭگو شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى لۇجيازۈيگە جايلاشقان، 1991-يىلى 7-ئايدا ياسىلىشقا باشلىغان، 1995-يىلى 5-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن، ئېگىزلىكى 467.9 مېتر ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئېگىز مۇنار بولۇپ، شاڭخەينىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

     

    شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارى يەنە شەرق ئەڭگۈشتىرى مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جۇڭگو شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى لۇجيازۈيگە جايلاشقان، 1991-يىلى 7-ئايدا ياسىلىشقا باشلىغان، 1995-يىلى 5-ئايدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن، ئېگىزلىكى 467.9 مېتر ، ئاسىيا بويىچە بىرىنچى، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئېگىز مۇنار بولۇپ، شاڭخەينىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

    شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئىچىدە ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى، ئايلانما تاماقخانا، شاڭخەي شەھىرى تارىخىي تەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق مەنزىرە ۋە ئەسلىھەلەر تەسىس قىلىغان، زىيارەت قىلىش قەۋىتى بولسا ئاساسلىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئاستىنقى سىرتتىن زىيارەت قىلىش كارىدورى، ئاسما بوشلۇقتىن زىيارەت قىلىش كارىدورى، ئۈستۈنكى شارسىمان زىيارەت قىلىش كارىدورى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان. شەرق ئەڭگۈشتىرى مۇنارىنى ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۆچىرەت ساقلاش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، شۇڭا توردىن بېلەت سېتىۋېلىپ، نەق مەيداندا بېلەتكە ئالماشتۇرغاندا ۋاقىتنى تېجىگىلى بولىدۇ. ئاسما بوشلۇقتىن زىيارەت قىلىش قەۋىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 مېتر، كەڭلىكى 2.1 مېتر، ئەسلىدىكى ئىككىنچى شارسىمان زىيارەت قىلىش سۇپىسىنىڭ ئەتراپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان. بۇ زىيارەت قىلىش كارىدورى يىغىپ-ئاچقىلى بولىدىغان «گۈل بەرگى» شەكلىدىكى سۈزۈك پولات ئەينەكتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، كۆلىمى 17.29 كۋادرات مېتر كېلىدۇ. يەر يۈزىدىن 259 مېتر كېلىدىغان ئەينەك ئۈستىدە تۇرۇپ شاڭخەينىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشقا بولىدۇ، كەچتە كەلگەندىمۇ شاڭخەينىڭ كەچلىك مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشقا بولىدۇ.

    شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارىدىكى ئايلانما تاماقخانىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. نۆل مېتر ئېگىزلىكتىكى چوڭ زالغا جايلاشقان شاڭخەي شەھىرى تارىخىي تەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسى شاڭخەينىڭ تەرەققىيات ئۆزگۈرۈشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، پۈتۈن كۆرگەزمىخانا «خۇاتىڭنىڭ تارىخى»، «شەھەر قىياپىتى»، «شەھەر قۇرۇلۇش خاتىرىسى»، «دۇنياۋى شەھەر»، «دېڭىزدىكى ئىز قوغلاش»، «قۇرۇلۇش كۆرگەزمىسى»، «قايناملىققا تولغان يىللار»دىن ئىبارەت يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، نەچچە يۈزدىن ئارتۇق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، نەچچە يۈز يۈرۈش نىسبەت بويىچە كىچىكلەشتۈرۈلگەن گۈزەل قۇرۇلۇشلار، 117 دانە راست ئادەم بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتىكى موم ھەيكەل، مىڭغا يېقىن كىچىك موم ھەيكەل، لاي ئادەملەر بار بولۇپ، شاڭخەينىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

    شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارىدىكى يېڭى يىلدا ئېگىزلىككە يامىشىش پائالىيىتى، 1996-يىلى ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. 2009-يىلى يەنە «دۇنيا بويىچە بىر سائەت» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، دۇنيا تەبىئىي بايلىقلار فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغانمىلارنى ئازايتىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەرق ئەڭگۈشتىرى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇنارى قىزىل چىراغ ياندۇرۇش شەكلى ئارقىلىق جەمئىيەتنى تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا چاقىرىدۇ. شەرق ئەڭگۈشتىرى مۇنارى يەنە تۆت مېتر چوڭلۇقتىكى زالغا مەدەنىيەت كارىدورى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر خىل ھۆسىنخەت، رەسىم، سۈرەت كۆرگەزمىلىرىنى، مەسىلەن شەرقتىكى ئۇچار پەيلەر ـ ياۋايى قۇشلار سۈرىتى سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    ئەڭ ياخشى ساياھەت قىلىش پەسلى: تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا مۇۋاپىق

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 2~3 سائەت

    ئادرېسى: شاڭخەي خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا (لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە سودا بازىرى رايونى)

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~21:30 بېلەت سېتىشنى توختىتىش ۋاقتى: 21:00

    كىرىش بېلىتى

    1. زىيارەت قىلىش + ساياھەت پاراخوتى: ئۈستۈنكى شار + كۆرگەزمىخانا + خۇاڭپۇجياڭ ساياھىتى 180 يۈەن

    2. A بېلەت: ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى + ئۈستۈنكى شار + ئاستىنقى شار (بىر تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) + كۆرگەزمىخانا (ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسىدە يېتەكلەشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ) 220 يۈەن

    3. B بېلەت: ئۈستۈنكى شار + ئاستىنقى شار (بىر تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) + كۆرگەزمىخانا 160 يۈەن

    4. C بېلەت: ئۈستۈنكى شار + كۆرگەزمىخانا 120 يۈەن

    5. ئايلانما تاماقخانا B بېلەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈشلۈك تاماق 288 يۈەن، كەچلىك تاماق 318 يۈەن

    6. جۇڭخۇا ناملىق، ئەڭگۈشتەر ناملىق پاراخوتنىڭ ئالاھىدە بۆلمىسى 120 يۈەن، بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمىسى 100 يۈەن

    7. شەھەر تارىخىي تەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسى 35 يۈەن

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    مېترو: ئىككىنچى نومۇرلۇق لىنىيىگە ئولتۇرۇپ، لۇجيازۈي بېكىتىدە چۈشىدۇ

    ئاممىۋى قاتناش: 81-يول، 82-يول، 85-يول، 774-يول، 789-يول، 795-يول، 870-يول، 939-يول، 971-يول، 983-يول، 985-يول، 993-يول، لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى 1-يول ئاپتوبۇسى، لۇجيازۈي ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى، ساياھەت تونىلى، كېچىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.