شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى

شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونى ئەسىر يولى 2000-نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا مەيدانى، ئەسىر باغچىسىغا يېقىن. ئاساسىي ساراينىڭ كۆلىمى 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، قۇرۇلۇش يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۈستى ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغان، ئىچكى قىسمىغا ئاساسلىقى 11 باش تېمىلىق كۆرگەزمە سارىيى، 4 يۇقىرى تېخنىكىلىق كىنوخانا ، 3 سەنئەت كارىدورى تەسىس قىلىنغان.

     

    شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونى ئەسىر يولى 2000-نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا مەيدانى، ئەسىر باغچىسىغا يېقىن. ئاساسىي ساراينىڭ كۆلىمى 68 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، قۇرۇلۇش يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۈستى ئۈچ قەۋەت قىلىپ سېلىنغان، ئىچكى قىسمىغا ئاساسلىقى 11 باش تېمىلىق كۆرگەزمە سارىيى، 4 يۇقىرى تېخنىكىلىق كىنوخانا ، 3 سەنئەت كارىدورى تەسىس قىلىنغان.

    يەر ئۈستى بىرىنچى قەۋىتىدە كائىناتتىكى ھاياتلىقلار، يەر پوستى ھەققىدە ئىزدىنىش، ئەقىل نۇرى، ھايۋانات دۇنياسى قاتارلىق كۆرگەزمىخانىلار بار. كائىناتتىكى ھاياتلىقلار كۆرگەزمە رايونى يۈننەننىڭ مەنزىرىسىنى نۇسخا قىلىپ، شارقىراتما، ئېقىن سۇ، يامغۇرلۇق ئورمان قاتارلىق سۈنئىي مەنزىرىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنە شەپەرەڭ ئۆڭكۈرى، ھاشارات باغچىسى، قۇشلار دۆلىتى قاتارلىق تەقلىد مودىلى بار؛ يەر پوسىتى ھەققىدە ئىزدىنىش كۆرگەزمە رايونى كىشىلەرگە يەرشارىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، كۆرگەزمە زالى ئىچىدە يەنە قارىغا ئېتىش ئويۇنى، جاڭ خېڭنىڭ يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئەسۋابى، تەقلىدىي يانار تاغ، تەقلىدىي يەر تەۋرەش قاتارلىق تۈرلەرنى ئويناپ بېقىشقا بولىدۇ؛ ئەقىل نۇرى كۆرگەزمە رايونى تىپىك بولغان فىزىكىلىق، بىئولوگىيەلىك، خىمىيە پرىنسىپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئېنېرگىيە ئايلىنىش ماشىنىسىدا كىچىك شارچە توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ، ئوپتىكىلىق تونىل ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىپ، تۈز دەسسەپمۇ تۇرالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، ئېگىز بوشلۇقتا ۋېلىسىپىت مىنىشتا ۋېلىسىپىتنى پولات سىم ئۈستىدە ھەيدىگەندىكى خەتەرنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ھايۋانات دۇنياسىدا بەش چوڭ قىتئەدىكى ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ 180 دىن ئارتۇق ئەۋرىشكىسى بار. ھەسەن-ھۈسەن بالىلار باغچىسى بولسا كىچىك بالىلارغا قارىتىلغان كۆرگەزمە رايونىدۇر. لايىھىلىگۈچىلەر بۆشۈكى سوۋغات بۇيۇملىرىنى ياساش، MTV كىرىشتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    يەر ئۈستى ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئاساسلىق كۆرگەزمىخانىلاردىن ئۆمۈچۈك سارىيى، يەرشارى ئائىلىسى، ئۇچۇر دەۋرى، ماشىنا ئادەم دۇنياسى، ئاكادېمىك كارىدورى قاتارلىقلار بار. ئۆمۈچۈك سارىيىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۆشخور ئۆمۈچۈكنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە ئۆمۈچۈكنىڭ چىشى-ئەركىكىنى ئايرىشنى ئۆگەنگىلى، ئۆمۈچۈكنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ماشىنا ئادەم دۇنياسىدا ئەڭ مەشغۇلات قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم، شاھمات ئوينىيالايدىغان ماشىنا ئادەم، مۇزىكانت ماشىنا ئادەم، رەسسام ماشىنا ئادەم قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەمنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ، يەنە ماشىنا ئادەم بىلەن قارىغا ئېتىشنى بەسلەشكىلى، ماشىنا ئادەم ئورۇنلىغان جىڭجۈي تىياتىرى، ئۇسۇللاردىن ھوزۇرلانغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن قىزىقارلىق. يەرشارى ئائىلىسىدە ئېكولوگىيەلىك ئاپەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش تىياتىرخانىسى، سۇجۇ دەرياسى ئۆزگىرىشى تىياتىرخانىسى قاتارلىقلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ، ئۇچۇر دەۋرىدە پۇراق ئايلىش، تەقلىدىي ئىت مەشىقلەندۈرۈش، سخېما تونۇش قاتارلىق ئۆزئارا ئوينايدىغان ئويۇنلار تەسىس قىلىنغان.

    ئۈچىنچى قەۋەتتە دائىملىق كۆرگەزمىخانىدىن ئۈچى ۋە تەتقىقاتچىلار كارىدورى بار. ساياھەتچىلەر ئالەم بوشلۇقى رايونىغا كىرىپ ئېغىرلىق يوقىتىشنى مەشىق قىلىش ئەسۋابى، چوڭ ئايلانما تەخسە قاتارلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مەشىقىنى ھېس قىلالايدۇ. «تۆت ئوقلۇق تەڭپۇقلۇق ساقلىغۇچ»تا ئاسمان ئايلىنىپ يەر چۆرگىلەشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئادەتتىكى مەشىق جەريانىدىكى مۇشەققەتلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئادەم ۋە ساغلاملىق كۆرگەزمە رايونىدا چوڭ ئېكرانغا قاراپ پۇتبول تەپكىلى، ۋېلىسىپىت مىنگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە بەدەن ئىقتىدارىنى ئۆلچەش پونكىتى بار بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىنى، يۈرەك-ئۆپكىسىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ. «يېمەكلىكنىڭ ساياھىتى»دە ساياھەتچىلەر مېۋە شەكلىدىكى ساياھەت ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، كۆزەينەك تاقاپ، يېمەكلىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەيدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشتەك جەريانىنى ھېس قىلالايدۇ. « تەتقىقاتچىلار كارىدورى»دا قاپارتما نەقىش شەكلىدە 20دىن ئارتۇق ئالىملارنىڭ قالدۇرغان شانلىق نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

    شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيىدا يەنە چوڭ ئېكرانلىق كىنوخانا، شار شەكىللىك ئېكرانلىق كىنوخانا، تۆت ئۆلچەملىك كىنوخانا، ئالەم بوشلۇقى كىنوخانىسىدىن ئىبارەت تۆت يۈرۈش يۇقىرى تېخنىكىلىق كىنوخانا تەسىس قىلىنغان، چوڭ ئېكرانلىق كىنوخانا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى IMAX ستېرېئولۇق چوڭ ئېكرانلىق كىنوخانا ھېسابلىنىدۇ؛ شار شەكىللىك ئېكرانلىق كىنوخانىنىڭ دىئامېتىرى 12 مېتر، يانتۇلۇق دەرىجىسى 30 گرادۇس كېلىدۇ؛ تۆت ئۆلچەملىك كىنوخانىدا تاماشىبىنلار كىنو كۆرۈش بىلەن بىرگە يەنە يامغۇر، دېڭىز دولقۇنى، ياردىن چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق تەقلىدىي ئۈنۈملەرنى ھېس قىلالايدۇ؛ ئالەم بوشلۇقى كىنوخانىسىنىڭ ئورۇندۇقلىرىنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى 23 گرادۇسقا يېتىدىغان بولۇپ، تاماشىبىنلار ئاساسەن ياتقان ھالەتتە كىنو كۆرىدۇ، ھەر بىر ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىدا بىر كونترول قىلىش كۇنۇپكىسى بار بولۇپ، تاماشىبىنلار كىنو مەزمۇنىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزى كونترول قىلالايدۇ. تۆت كىنوخانىدا ھەر كۈنى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى كىنولار قويۇلىدۇ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3~4 سائەت

    كىرىش بېلىتى: قۇرامىغا يەتكەنلەر 60 يۈەن \ ئادەم؛ ئوقۇغۇچىلار بېلىتى 30 يۈەن \ ئادەم، يەنە يىللىق كارتىمۇ سېتىلىدۇ

    ئېچىلىش ۋاقتى: 9:00~17:15، دۈشەنبە كۈنى ئېچىلمايدۇ (ھېيت، بايرام مەزگىللىرى بۇنىڭ سىرتىدا)

    ئادرېسى: شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونى ئەسىر يولى 2000-نومۇر

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    مېترو 2-لىنىيەسى: شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى بېكىتى

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس لىنىيەسى: شەرقىي ئايلانما لىنىيەسى، تونىل 3-لىنىيەسى، شېنچۇڭ 2-لىنىيەسى، شېنچۇڭ 4-لىنىيەسى،، 640-يول، 794-يول، 815-يول، 984-يول، 638-يول، 983-يول، 184-يول، 975-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسلىرى.