شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسى

شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسى شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا جايلاشقان، كۆلىمى تەخمىنەن 153 گېكتار كېلىدىغان بولۇپ، شەرقىي جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ياۋايى ھايۋانات باغچىسى ھېسابلىنىدۇ، باغچىدا ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش، كۆرگەزمە قىلىش، كۆپەيتىش بىرلەشتۈرۈلگەن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىستراھەت كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان. شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىككى يۈز تۈردىن ئارتۇق ھايۋانلار يىغىلغان

     

    شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسى شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا جايلاشقان، كۆلىمى تەخمىنەن 153 گېكتار كېلىدىغان بولۇپ، شەرقىي جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ياۋايى ھايۋانات باغچىسى ھېسابلىنىدۇ، باغچىدا ياۋايى ھايۋانلارنى بېقىش، كۆرگەزمە قىلىش، كۆپەيتىش بىرلەشتۈرۈلگەن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىستراھەت كۆڭۈل ئېچىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان. شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىككى يۈز تۈردىن ئارتۇق ھايۋانلار يىغىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزدىكى قىممەتلىك بولغان مۈشۈكئېيىق، سېرىق ياللىق مايمۇن، قىزىل تۇمشۇقلۇق سەجدە قۇش، يەنە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك ھايۋانلار بار. باغچا شاڭخەيدىكى ئۈچ 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

    ھايۋانات باغچىسى ئاساسلىق پىيادىلىكلەر رايونى ۋە ماشىنا بىلەن كىرىش رايونى دەپ بۆلۈنگەن. پىيادىلىكلەر رايونىدا مۈشۈكئېيىق، ئاق كىنگۇرۇ، ياڭزىجاڭ تىمسىقى قاتارلىق دۇنيادىكى قىممەتلىك ھايۋانلار، يەنە بۆكەن، تاغىل ئات، پىل قاتارلىق ھايۋانلار بار. ساياھەتچىلەر بىر قىسىم كىچىك ھايۋانلار بىلەن يېقىنلىشالايدۇ، كىچىك ھايۋانلارنى قۇچاقلىيالايدۇ، ئۇلارغا يېمەكلىك بېرىپ، ھايۋانات باققۇچىلارنىڭ خىزمىتىنى ھېس قىلالايدۇ. ھايۋانات بالىسىنى بېقىش رايونىدا ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ بالىلىرى بار، تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرى تېخى كۆزىنىمۇ ئاچمىغان بولۇپ، ئېمىتىشنى ساقلاپ تۇرغان ھالىتى ئىنتايىن ئوماق كۆرۈنىدۇ. زېمبابۋېدىن كەلتۈرۈلگەن ئافرىقا شىرى «جىن جىن» ۋە «فېي فېي»نى زېمبابۋې زۇڭتۇڭى دۆلىتىمىزگە سوۋغا قىلغان بولۇپ، باغچا ئىچىدىكى بىردىنبىر ساپ ئافرىقا قانداشلىقىغا ئىگە ئافرىقا شىرىدۇر، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئۇلارنىڭ جەسۇرانە قىياپىتىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

    ماشىنا بىلەن ئايلىنىش رايونىدا ھايۋانلار دالىدا بېقىش شەكلىدە بېقىلىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئېكىسكۇرسىيە ماشىنىسدا ئولتۇرىدۇ، ھايۋانلار بولسا ماشىنا سىرتىدا ئەركىن ياشايدۇ. بۇ يەردە سىز قاپلان، ئافرىقا شىرى، شەرقىي شىمال يولۋىسى قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلارنى كۆرەلەيسىز، ئوتخور ھايۋانلار رايونىدا بولسا بۆكەن، زىراپە، تاغىل ئات قاتارلىق ھايۋانلارنى كۆرەلەيسىز. ماشىنا بىلەن كىرىش رايونىدىكى ھايۋانلار ھەرگىزمۇ «بوش» ھايۋانلار ئەمەس، نۇرغۇنلىغان كەپسىز ھايۋانلار ئېكىسكۇرسىيە ماشىنىسىغا يامىشىۋېلىپ، ساياھەتچىلەردىن يېمەكلىك تەلەپ قىلىدۇ، بۇنداق يېقىن ئارىلىق ئادەملەرنى قورقاتسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلار بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىدىغان پۇرسەتتۇر.

    ھايۋانات باغچىسىدا يەنە ئۆزئارا ئويناش رايونى بار بولۇپ، بۇ يەردە قارا ئېيىق، پىل بىلەن ئۆزئارا ئويناشقىلى، يەنە كارپ بېلىقىغا سۈت بەرگىلى بولىدۇ. ھايۋانات ھەرىكىتىنى كۆرسىتىش ئويۇنى ئارقىلىق ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدۇ. مىنىش-چېپىش مەيدانىدا، ئافرىقىدىن كەلتۈرۈلگەن قاپلان بىلەن ئاۋىسترالىيەدىن كەلتۈرۈلگەن گېرىي ئىتى يۈز مېتر يۈگۈرۈشتە بەسلىشىدۇ.

    ساياھەت رايونى دەرىجىسى: AAAAA

    ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى پەسىل: تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىلا مۇۋاپىق

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3~6 سائەت

    كىرىش بېلىتى: 130 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 3-ئايدىن 11-ئايغىچە: 8:00~17:00 بېلەت سېتىشنى توختىتىش ۋاقتى: 16:00 12-ئايدىن 2-ئايغىچە : 8:30~16:30 بېلەت سېتىشنى توختىتىش ۋاقتى: 15:30

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا

    بىرىنچى، شەھەر ئىچىدىن ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ بارغاندا:

    1. شەھەر رايونى ـ نەنپۇ كۆۋرۈكى ـ لۇڭياڭ يولى ـ لۇنەن تاشيولى ـ نەنليۇ تاشيولى؛

    2. شەھەر رايونى ـ نەنپۇ كۆۋرۈكى ـ لۇڭياڭ يولى ـ لوشەن يولى ـ تاشقى ئايلانما لىنىيەسى (A20 تاشيولى) ـ مېھمان كۈتۈش يولى (A1 تاشيولى) ـ نەنليۇ تاشيولى؛

    ئىككىنچى، سىرتتىن كەلگەنلەر ماشىنا ھەيدەپ بارغاندا

    1. G42 (لۇنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى) ياكى يەنجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ G15-S32 (شېنجياخۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى) ـ نەنليۇ چىقىش ئېغىزىدىن چىقىپ، نەنليۇ تاش يولىدىن جەنۇپ تەرەپكە 3.8 كېلومېتر ماڭغاندا شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ؛

    2. G42 (لۇنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى) ياكى يەنجياڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ ئوتتۇرا ئايلانما لىنىيەسى ـ شياڭيىن يولى تونىلى ـ بەش قىتئە يولى ـ S20 (تاشقى ئايلانما لىنىيەسى) ـ S1 (پۇدۇڭ ئايرودروم يۆنىلىشى)، نەنليۇ چىقىش ئېغىزىدىن چىقىپ، ئۇدۇلغا 10 كېلومېتر ماڭغاندا شاڭخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ؛

    3. G60(AB): سۇڭجياڭ چىقىش ئېغىزىدىن چىقىپ، جياسۇڭ تاشيولىدىن شىمالغا قاراپ، شېنجۈەن تاشيولىغا چىققاندىن كېيىن، شىمالغا يۈز مېتر ماڭىدۇ.

    پويىز:

    شاڭخەي رېلىس قاتنىشى 16-لىنىيەسى (ياۋايى ھايۋانات باغچىسى بېكىتىدە چۈشىدۇ)

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس

    خۇينەن 6-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (ياۋايى ھايۋانات باغچىسى بېكىتىدە چۈشىدۇ)

    نەنشىن لىنىيەسى ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (ياۋايى ھايۋانات باغچىسى بېكىتىدە چۈشىدۇ)

    جاڭنەن لىنىيەسى ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (ياۋايى ھايۋانات باغچىسى بېكىتىدە چۈشىدۇ)

    لۇنەن لىنىيەسى ئاممىۋى ئاپتوبۇسى (ياۋايى ھايۋانات باغچىسى بېكىتىدە چۈشىدۇ)