جېجياڭ خاڭجۇ شەھىرى شىخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى

شىخۇ كۆلى جېجياڭ خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، رېئاللىقتىكى جەننەت دىگەن گۈزەل نامى بار، مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 69 كۋادرات كىلومېتىر ، كۆل يۈزى تەخمىنەن 6.5 كۋادرات كىلومېتىر،كۆلنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى 15 كىلومېتر كىلىدۇ. شىخۇ كۆلى بولسا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق تارىخى مەدەنىيەت ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى، يەنە «دۇنيا مەدەنىي مىراس»لىرى ئارىسىدىكى ئاز بىر قىسىم، جۇڭگودىكى بىردىنبىر كۆل ھېسابلىنىدۇ

     

    شىخۇ كۆلى جېجياڭ خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، رېئاللىقتىكى جەننەت دىگەن گۈزەل نامى بار، مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 69 كۋادرات كىلومېتىر ، كۆل يۈزى تەخمىنەن 6.5 كۋادرات كىلومېتىر،كۆلنىڭ پۈتۈن ئايلانمىسى 15 كىلومېتر كىلىدۇ. شىخۇ كۆلى بولسا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق تارىخى مەدەنىيەت ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى، يەنە «دۇنيا مەدەنىي مىراس»لىرى ئارىسىدىكى ئاز بىر قىسىم، جۇڭگودىكى بىردىنبىر كۆل ھېسابلىنىدۇ.

    شىخۇ كۆلى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ كۆل ئوتتۇرىسى يالغۇز تاغ ۋە بەيدى توسمىسى، سۇدى توسمىسى، ياڭگۇڭ توسمىسى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بەيدى توسمىسى بولسا تاڭ دەۋرىدە بەي جۈيى خاڭجۇدا ئەمەلدار بولۇپ تۇرغاندا ياسىغان، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ،توغاننىڭ شەرقىي تەرىپى داڭلىق قار مەنزىرە رايونى بار، بۇ يەر ئاق يىلان رىۋايىتى ھېكايىسىدىن تارقالغان. توسمىدىن ئۆتۈپ ئالدىغا قاراپ داۋاملىق ماڭغاندا، يالغۇز ئارالغا يېتىپ بارىدۇ.

    يالغۇز تاغ شىخۇنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،شىخۇدىكى ئەڭ چوڭ ئارال، يالغۇز ئارال يەنە جۇڭشەن باغچىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك مۇزىيخانا، شىلىن باسمىخانىسى، سۇ شىياۋشىياۋ قەبرىسى، چىيۇ چىڭ قەبرىسى بار. يەنە خاڭجۇ شەھىرىنىڭ كونا مىھمانسارىيى «بىنا سىرتىدىكى بىنا» بار. بۇ يەردە شىخۇ كۆلىدە بېقىلغان ئاق ئامۇر بېلىقىدىن پىشۇرۇلغان «شىخۇ ئاچچىق بېلىقى»غا ئېغىز تەگكىلى بولىدۇ. يالغۇز ئارالنىڭ قارشى تەرىپىدە داڭلىق يۆۋاڭ بۇتخانىسى بار بولۇپ، مىللىي قەھرىمان يۆفېينى ئەسلەش ئۈچۈن سېلىنغان.

    يالغۇز تاغنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن سۇدى توسمىسىغا يېتىپ كەلگىلى بولىدۇ، سۇدى توسمىسىنى سۇڭ سۇلالىسىدىكى سۇدۇڭپو باش بولۇپ سالدۇرغان، سۇدى توسمىسى شىخۇ كۆلىنىڭ جەنۇب-شىمال ئىككى تەرىپىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. پۈتۈن كۆل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانماقچى بولغانلار سۇدى توسمىسىدىن ماڭسا بولىدۇ. سۇدى توسمىسىدىن ئەلنەغمىخانىغا ۋە گۈللۈككە بېرىشمۇ ئىنتايىن قولايلىق. سۇدى توسمىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا يەنە سۇدۇڭپو خاتىرە سارىيى سېلىنغان.

    سۇدى توسمىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن ئۆتۈپ جەنۇبىي تاغ يولىنى بويلاپ ماڭغاندا، چاقماق چوققا مۇنارى، نەنپىڭ چوڭ سائىتى، سۆگەتلىكتىكى تورغاي قاتارلىق ساياھەت رايونلىرىدىن ئۆتىدۇ. چاقماق چوققا مۇنارى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپ قېتىم بۇزۇلۇپ قايتا ياسالغان، ھازىرقى چاقماق چوققا مۇنارى 2002-يىلى ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا قايتا سېلىنغان. چاقماق چوققا مۇنارى كۆرگەزمىخانىسىدا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنىڭ قېلىپ قالغان قىسمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    شىخۇ كۆلىنىڭ يۈز قىسمى كەڭرى بولۇپ، كۆلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بىر كىچىك ئارال بار بولۇپ شياۋيىڭجوۋ دەپ ئاتىلىدۇ. شياۋيىڭجوۋ «田» خەت شەكلىدە بولۇپ جەنۇب تەرىپىدە قاپاق شەكىللىك تاش مۇناردىن ئۈچى بار، بۇ دەل داڭلىق ئۈچ ئەڭگۈشتەر ئاي مەنزىرە رايونى. بىر يۈەنلىك پۇلنىڭ كەينىگە بېسىلغىنى دەل موشۇ ئۈچ ئەڭگۈشتەر ئاي مەنزىرىسىنىڭ سۈرئىتى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردىكى كېمىگە ئولتۇرۇپ بۇ يەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلسا بولىدۇ. شىخۇ كۆلىدە يەنە «شىخۇ تەسىرى» نامىدىكى سەھنە ئەسىرى بار بولۇپ جاڭ يىمۇۋ رىژىسسور قوشۇنى تەرىپىدىن ئويلاپ چىقىلغان ۋە شىخۇ كۆلىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئەكىس ئەتكەن ئاساستا ھازىرقى زامان سەھنە چىراغلىرى ۋە مۇزىكا ئەسەرلىرى ئارقىلىق رەڭدار ئىپادىلەنگەن.

    يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەنزىرە رايونلاردىن باشقا، شىخۇ كۆلىدە يەنە لىن خۇييىڭ خاتىرە ئابىدىسى، مۇزىكا فونتان قاتارلىقلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىشقا بولىدۇ. تېخى كۆرۈپ قانمىغان ساياھەتچىلەر موشۇ يېقىن ئەتراپتىكى لىنيىن بۇتخانىسىغا كىرىپ ئايلانسىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى شىخۇ كۆلىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى تەيزىۋەن باغچىسىغا كىرىپ ئايلىنىشقا بولىدۇ. 3-4-ئايلاردا كۆركۈم گۈلدىن ھوزۇرلىنىشقا بولىدۇ. شىخۇ كۆلى يەنە سودا پىيادىلەر كوچىسىغىمۇ يېقىن. خاڭجۇنىڭ ئالاھىدە يىمەكلىكلىرىدىن تېتىپ بېقىشنى خالايدىغان ساياھەتچىلەر بېرىپ ئايلىنىپ كەلسە بولىدۇ. يەنە لۇڭجىن چايزارلىقى، سۇڭ سۇلالىسى شەھىرى ساياھەت رايونى، غەربىي سايلىق قاتارلىق جايلارمۇ بار. قانداقلا ئوينىسا ئادەمگە ئازادىلىك بېرەلەيدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى : AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3 سائەتتىن 6 سائەتكىچە

    بېلەت باھاسى: مەنزىرە رايونلار ھەقسىز، ئاز قىسىم مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ھەق ئېلىنىدۇ.

    چاقماق چوققا مۇنارى 40يۈەن، ئۇچار چوققا: 45يۈەن، لىڭيىن بۇتخانىسى :30 يۈەن، شىخۇ تەسىرى: 240 دىن 580 يۈەنگىچە.

    ئېچىۋېتىش ۋاقتى: پۈتۈن كۈن ئېچىلىدۇ.

    ئادرىسى: جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرى شىخۇ مەنزىرە كۆل رايونى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس:

    شياۋ شەن ئايرودۇرۇمى – ئايرودروم كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ خاڭجۇ بېكىتى ياكى ۋۇلىن مەيدانىغا كېلىدۇ –تاكسى توسۇپ شىخۇ كۆل مەنزىرە رايونىغا كەلسە بولىدۇ.

    شياۋ شەن ئايرودۇرۇمى– ئايرودۇرۇم كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ خاڭجۇ بېكىتىگە كېلىدۇk7,Y2- نومۇرلۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ شىخۇ كۆلىگە بارغىلى بولىدۇ.

    شياۋ شەن ئايرودۇرۇمى –ئايرودۇرۇم كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ خاڭجۇ بىكىتىگە كېلىدۇ–مېترو 1-لىنىيەسىگە چىقىپ شىياشا يۆنىلىشىدە مېڭىپ لۇڭشياڭ كۆۋرۈكىدە چۈشسە بولىدۇ.