ۋېنجۇ شەھىرى يەنداڭشەن تېغى مەنزىرە رايونى

يەنداڭشەن تېغى بولسا جېجياڭ ۋېنجۇ لېچىڭ شەھىرىگە جايلاشقان، تاغ چوققىسىدا بۈك –باراقسان ئوت –چۆپلەر بىلەن تولغان كۆل بولۇپ، جەنۇبتىن كەلگەن ياۋا غازلار توپلىشىپ تۇرغانلىقىتىن شۇ ئىسىم قويۇلغان. يەنداڭشەن تېغى جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە بايقالغان بولۇپ، كېيىن تاڭ، سۇڭ دەۋىرلىرىدە يەنداڭشەن تېغىنىڭ كۆلىمى تاغ چوققىلىرىغىچە ئېچىۋېتىلگەن. يەنداڭشەن تېغىنىڭ سۈيى سۈزۈك، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىگى نۇرغۇنلىغان ئەدىب-يازغۇچىلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن

     

    يەنداڭشەن تېغى بولسا جېجياڭ ۋېنجۇ لېچىڭ شەھىرىگە جايلاشقان، تاغ چوققىسىدا بۈك –باراقسان ئوت –چۆپلەر بىلەن تولغان كۆل بولۇپ، جەنۇبتىن كەلگەن ياۋا غازلار توپلىشىپ تۇرغانلىقىتىن شۇ ئىسىم قويۇلغان. يەنداڭشەن تېغى جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە بايقالغان بولۇپ، كېيىن تاڭ، سۇڭ دەۋىرلىرىدە يەنداڭشەن تېغىنىڭ كۆلىمى تاغ چوققىلىرىغىچە ئېچىۋېتىلگەن. يەنداڭشەن تېغىنىڭ سۈيى سۈزۈك، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىگى نۇرغۇنلىغان ئەدىب-يازغۇچىلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن، شې لىڭيۈن، شۈ شاكې، كاڭ يۇۋېي قاتارلىقلارمۇ ئىلگىرى بۇ يەرگە كىلىپ ساياھەت قىلىش جەريانىدا، خەت يېزىپ بىلەن شېئىر قوشاقلىرىنى قالدۇرغان. تىلۋىزىيە تىياتىرى «ئىلاھى پالۋان»، «لاڭ يا تىزىملىكى» قاتارلىق فىلىملەرنى سىنغا ئالغان. 2005-يىلى يەنداڭشەن تېغى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا باغچىسى دىگەن نامنى ئالغان.

    يەنداڭشەن تېغى تىپىك بولغان بور دەۋرىدىكى رىئولىتىك يانار تاغ بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدە يەر شەكلى يەنداڭشەن تېغىدا ھەرخىل ئاجايىپ تاشلار، غەلىتە غارلار، شارقىراتمىلارنى شەكىللەندۈرگەن. مەنزىرە رايون ئىچىدە 500 دىن ئارتۇق مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لىڭفېڭ چوققىسى، لىڭيەن قىياسى، دالوڭ كۆلى قاتارلىق ئۈچ ساياھەت رايونى «يەنداڭشەن تېغىدىكى ئۈچ مۆجىزە» دەپ ئاتالغان.

    خېجاڭ چوققىسى بولسا لىڭفېڭ مەنزىرە رايونىدىكى ۋەكىل خارەكتېرلىك ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بىرى. خېجاڭ چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 270 مېتىر. ئۇ لىڭفېڭ ۋە يىتيەن چوققىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ يىراقتىن قارىسا خۇددى ئاسمانغا قاراپ تىلاۋەت قىلىۋاتقانغا ئوخشايدۇ، چوڭ قولنىڭ ئالقىنى ئورنى بولسا، تار ھەم ئۇزۇن بولغان بۇتساتۋا غارى، بۇتساتۋا غارىنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكى 40 مېتىر، ئۇزۇنلىقى 100 مېتىر، ئىچىگە ئون قەۋەت ئىگىزلىكتىكى بۇتخانا سېلىنغان.

    لىڭفېڭ چوققىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى كۆرۈشنىمۇ قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ، كىچىدىكى لىڭفېڭ تېغى تاشلىرى باشقىچە تۈس ئالغان بولۇپ، كۈندۈزدىكى ئىككى جۈپ قولنىڭ جۈپلىشىپ تۇرغان ھالىتى كەچلىكى بىر جۈپ ئاشىق–مەشۇقلاردەك كۆرۈنىدۇ. يىراقتىكى يەنە بىر تاغ خۇددى ئۆمىلەۋاتقان توشقانغا ئوخشاش ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

    لىڭيەن مەنزىرە رايونىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان لىڭيەن ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىلىدۇ. تىڭجۇ چوققىسى ۋە جەنچى چوققىسىنىڭ ئارىلىقى 250 مېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 265 مېتىر بولۇپ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەڭلىكى ئىككى سانتېمېتر كىلىدىغان پولات سىم تارتىلغان، ئۇچۇش ماھارىتى دەل مۇشۇ يەردە كۆرسىتىلىدۇ. نومۇر كۆرسەتكۈچىلەر بەزىدە موللاق ئاتسا بەزىدە شەپەرەڭدەك پولات چىۋىققا تەتۈر ھالدا ئېسىلىپ تۇرىدۇ ،ئاستى قىسمى كۆز يەتكۈسىز تىك يار بولۇپ قاراشتىلا ئادەمنى سوغۇق تەر باسىدۇ. مۇشۇ «بوشلۇقتىكى ئۇچقۇچىلار»نىڭ نۇرغۇنلىرى ئەمەلىيەتتە تاغدىكى دورىگەرلەر، ئۇستاز تۇتۇپ تەربىيەلەنگەندىن كېيىن يېتىشىپ چىققان. ئۇلار ئۇدا نەچچە ئون يىل ئۇچىدىغان بولۇپ، ئادەمنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. لىڭيەن مەنزىرە رايونىدىكى ياتقان ئەجدىھا جىلغىسى مەنزىرە نۇقتىسىدا ئۇزۇنلىقى يۈز مېتر، كەڭلىكى بىر مېتر كىلىدىغان ئەينەك كۆۋرۈك بولۇپ ساياھەتچىلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە پۇت ئاستىدىكى يۈز مېتر چوڭقۇرلۇقتىكى قىيانى كۆرەلەيدۇ.

    يەنداڭشەن تېغىدا نۇرغۇنلىغان شارقىراتمىلار بولۇپ ئىسمى بىلەن ئاتالغىنىدىن 18بار ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى چوڭ ئەجدىھا شارقىراتمىسى. خۇكۇ شارقىراتمىسىدەك ھەيۋەت بولمىسىمۇ، چوڭ ئەجدىھا شارقىراتمىسى ئۇزۇنلۇقتا ئەڭ ئۇزۇن. شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىك پەرقى 197 مېتىر، بىر ئېگىز لېنتا كۆك ئاسماندىن ساڭگىلاپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، «دۇنيادىكى بىرىنجى چوڭ شارقىراتما» دىگەن خەت 20دىن ئارتۇق جايغا ئويۇلغان. چوڭ ئەجدىرھا شارقىراتمىسىدىن باشقا يەنداڭشەن تېغىدا يەنە كىچىك ئەجدىرھا شارقىراتمىسى، ئۈچ قاتلانغان شارقىراتما قاتارلىق داڭلىق شارقىراتمىلاردىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىشقا بولىدۇ. يەنداڭشەن تېغىدا يەنە تاشپاقا، قۇيماق، تاتلىقياڭيۇ تالقىنى قاتارلىق يىمەكلىكلەر بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىر تېتىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

    ساياھەت مەنزىرە دەرىجىسى : AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت ۋاقتى: 1~2 كۈنگىچە

    كىرىش بېلىتى:

    چوڭ ئەجدىرھا: 50يۈەن ، ئۆڭكۈر : 40 يۈەن، ( ئۈستۈنكى لىڭيەن )، كىچىك ئەجدىرھا: 50 يۈەن، ( تۆۋەنكى لىڭيەن )، لىڭفېڭ: 40 يۈەن، (كۈندۈزلۈك ساياھەت)، لىڭفېڭ: 40 يۈەن (كېچىلىك ساياھەت)، جىڭمىڭ جىلغىسى: 25 يۈەن، ئۈچ قاتلانغان شارقىراتما: 15 يۈەن، كابىل: 60 يۈەن، ياۋا غاز كۆلى: 15 يۈەن، ياڭجياۋ غارى: 15 يۈەن، غەلىبە قوۋىقى: 15 يۈەن، سۇدىكى پەرىشتە: 108 يۈەن.

    ئېچىۋېتىش ۋاقتى: 5:30 دىن 18:00 غىچە

    ئادرېسى: ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ لېچىڭ شەھىرى يەنداڭشەن تېغى بەيفۇ لېنىيەسى يېنىدا.

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    شەخسىي ماشىنا:

    1.خاڭجۇدىن يولغا چىققاندا: خاڭجۇ شەرقىي ئايلانما يولى–خاڭيۇڭ يوقىرى سۈرئەتلىك يول–شاڭسەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى–يۇڭتەيۋېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى–يەنداڭشەن تېغى چىقىش ئېغىزى.

    2. ۋېنجۇدىن يولغا چىققاندا : ۋېنجۇ شەھەر رايونى– يۇڭتەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى–104G- يەنداڭ يۆنىلىشىدە تەخمىنەن ئون كىلومېتىر ماڭغاندا يەنداڭشەن تېغى مەنزىرە رايونىغا يېتىپ بارىدۇ.

    ئاممىۋى قاتناش:

    1.ۋېنجۇدىن يولغا چىققاندا : ۋېنجۇ پويىز ئىستانسىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن يېڭى ماشىنا جەنۇبىي بىكىتى–يەنداڭشەن تېغى ساياھەت ئالاھىدە لىنىيىسى – يەنداڭشەن تېغى مەنزىرە رايونى

    2.خاڭجۇدىن يولغا چىققاندا: خاڭجۇ ئاپتوموبىل شەرق بېكىتى –يەنداڭشەن تېغى ساياھەت ئاپتوموبىل بېكىتى.

    3.ئايروپىلان:

    ۋېنجۇ ئايرودۇرۇمىدىن يەنداڭشەن تېغىغىچە 90 كىلومېتىر.

    تەيجۇ ئايرودۇرۇمىدىن يەنداڭشەن تېغىغىچە 50 كىلومېتىر.