جۇۋ شەن شەھىرى پۇتوشەن تېغى مەنزىرە رايونى

پۇتوشەن تېغى بولسا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇۋ شەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە «دېڭىزدىكى بۇددا دۆلىتى»، «جەنۇبىي دېڭىز ئەڭگۈشتىرى» قاتارلىق ناملىرى بار. شەنشى ۋۇتەي تېغى، سىچۇەن ئېمېي تېغى، ئەنخۈي جيۇخۇا تېغى قاتارلىق تاغلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق تاغ دەپ ئاتىلىدۇ. پۇتوشەن تېغىنىڭ تۆت ئەتراپى دېڭىز بولۇپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئۈچ بۇتخانا، ئۈچ تاش، ئۈچ ئۆڭكۈر، پۇتوشەن تېغى 12-مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار.

     

    پۇتوشەن تېغى بولسا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇۋ شەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە «دېڭىزدىكى بۇددا دۆلىتى»، «جەنۇبىي دېڭىز ئەڭگۈشتىرى» قاتارلىق ناملىرى بار. شەنشى ۋۇتەي تېغى، سىچۇەن ئېمېي تېغى، ئەنخۈي جيۇخۇا تېغى قاتارلىق تاغلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بۇددا دىنىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق تاغ دەپ ئاتىلىدۇ. پۇتوشەن تېغىنىڭ تۆت ئەتراپى دېڭىز بولۇپ، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن ئۈچ بۇتخانا، ئۈچ تاش، ئۈچ ئۆڭكۈر، پۇتوشەن تېغى 12-مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار. ھەر يىلى بۇ يەردە ھەرخىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەردىن داڭلىق ئەربابلار كېلىپ قاتنىشىدۇ. ئەۋزەل بولغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت،ھەر خىل بۇددىزىم پائالىيەتلىرى، پۇتوشەن تېغىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇددىزىمغا بولغان نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە ساياھەت ۋە ئارام ئېلىشتىكى ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.

    پۇتوشەن تېغى بولسا مەشھۇر بۇتساتۋا دىنىي مۇراسىم مەيدانى، تاڭ دەۋرىدە ياپونىيەلىك گاۋزېڭ خۈييۈ ۋۇتەي تېغىدىن بۇتساتۋانىڭ رەسىمىنى دۆلىتىگە ئېلىپ قايتماقچى بولۇپ، پۇتوشەن تېغىدىن ئۆتكەندە شامال دولقۇنلىرىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرايدۇ، گاۋزېڭ خۈييۈ بۇتساتۋانى ياپونىيىگە بارغۇسى يوق ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ ۋە قالدۇرۇپ قويىدۇ ھەمدە «بارماس ئەۋلىيا» دەپ ئاتايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئورتاق ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. بارماس ئەۋلىيا بولسا پۇتوشەن تېغىدىكى ئەڭ بۇرۇن ئەزىزلەنگەن ئەۋلىيا ھىسابلىنىدۇ. كېيىن زىجۇلىن تەرىپىدىن بۇتخانا قۇرۇلىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كېيىن پۇتوشەن تېغىنىڭ بۇددا دىن تارىخى باشلىنىدۇ.

    پۇتوشەن تېغى مەنزىرە رايونىغا كەلگەنلەر شەرقىي جەنۇپتىكى لوڭۋەنگاڭغا چىقىپ، پۇتوشەن تېغىدىكى بىردىنبىر ۋەكىل خارەكتىرلىك قۇرۇلۇش جەنۇبىي دىڭىز بۇتساتۋا ھەيكىلىنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك. بۇ مىس ھەيكەل 1996-يىلى ياسالغان بولۇپ، ئومۇمىي ئېگىزلىكى 33مېتىر، بۇتسادۋانىڭ ئېگىزلىكى 18مېتىر، ئومۇمىي ئېغىرلىغى 70 توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، مىس ھەيكەلنىڭ پۈتۈن قىسمى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن. بۇتساتۋانىڭ يۈز شەكلى يۇمىلاق، ھۆسنى گۈزەل بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا شۇنچە سىرلىق ھەم مېھرىبان تۇيغۇ بېرىدۇ. ھەيكەلنىڭ ئاستى قىسمى بولسا، كۆلىمى تەخمىنەن 1000 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان گوڭدې سارىيى بولۇپ، ئىچىدە 500 دىن ئارتۇق ھەر خىل شەكىلدىكى بۇتساتۋا ھەيكەللىرى، يەنە بۇتساتۋا ھەيكەللىرىنىڭ تارىخى ھېكايىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئويمىلار بار.

    پۇتوشەن تېغى پۈرمە بەلبېغىغا جايلاشقان، يەنە دېڭىز سۇلىرىنىڭ توختىماي يالىشى نەتىجىسىدە، ئالاھىدە بىر تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان غەيرىي شەكىللىك تاشلار بار، قۇرام تاشلارنىڭ ئۈستىدە تۇخۇمسىمان تاشلار بار بولۇپ، تېگىشىدىغان يۈزى ناھايىتى كىچىك، قاراشتىن ھازىرلا گۆمۈرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇ تاشلار تولىمۇ مۇستەھكەم بولۇپ ئوتتۇز ئادەم ئۈستىدە ئوينىسىمۇ ھېچنىمە بولمايدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. يەنە ئىككى تاشپاقا تېشى، دېڭىز بۇددا دۆلىتى تېشى، فەنيىن غارى، چاۋيىن غارى قاتارلىق جايلارغىمۇ بېرىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

    ھەر يىلى دېھقانلار كالىندارى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بولسا پۇتوشەن تېغىنىڭ ئۈچ چوڭ كۈجە كۆيدۈرۈش ۋاقتى، بۇ ئۈچ ۋاقىت ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇتساتۋانىڭ تۇغۇلغان، تەلىم ئالغان، دىنغا كىرگەن ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا مۇشۇ ۋاقىت كەلگەندە ھەر قايسى يەرلەردىن ساياھەتچىلەر كېلىپ كۈجە كۆيدۈرۈپ تىلاۋەت قىلىدۇ. بۇ مەنزىرە تولىمۇ ئاۋات كۆرۈنىدۇ. 3-ئايدا پۇتوشەن تېغىنىڭ ئەتىيازلىق ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزىلىدۇ، ناخشا–مۇزىكا، دىرامما، ئۇسسۇل، چاي بەزمىسى قاتارلىق نومۇرلار ئورۇنلىنىدۇ. 11-ئايدا يەنە جۇڭگو پۇتوشەن تېغىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بۇتساتۋا مەدەنىيەت بايرىمى بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇتخانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشتىن سىرت، يەنە بۇتخانىنىڭ تاماقلىرىغا ئېغىز تىگىپ بۇتخانىدىكى راھىپلارنىڭ تۇرمىشىنى ھېس قىلسا بولىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت ۋاقتى: بىر كۈن

    ئېچىلىش ۋاقىت: پۈتۈن كۈن

    بېلەت باھاسى:

    سۇس مەزگىلى:

    1،12-ئايدا 140يۈەن /ئادەم، يېرىم بېلەت سېتىلىدۇ.

    جانلىنىش پەسلى:

    2~11-ئايغىچە بېلەت باھاسى 160يۈەن /ئادەم. يېرىم بېلەت سېتىلىدۇ.

    قەمەرىيە كالىندارى بويىچە 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە،بېلەت باھاسى 200يۈەن /ئادەم.

    يىللىق كارتا سېتىلىدۇ، ھەر بىر ئادەم 300يۈەن /يىل.

    ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى:

    ئۈچ چوڭ بۇتخانا: پۇجىچەن بۇتخانىسى، خۈيجىچەن بۇتخانىسى، فايۈچەن بۇتخانىسى. ھەربىرى 5يۈەن /ئادەم.

    مەنزىرە نۇقتىلىرى: بامبۇك ئورمانلىقى + بارماس ئەۋلىيا 5يۈەن /ئادەم.

    جەنۇبىي دېڭىز بۇتساتۋا ھەيكىلى 6يۈەن،بۇتساتۋا تۈرى 2يۈەن،قۇم ساھىلى: يۈز قەدەم قۇملۇقى ياز پەسلىدە 20يۈەن /ئادەم (يۇيۇنۇش پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مىڭ قەدەم قۇملۇقى ھەقسىز.

    باشقىلار: لوجىيا تېغى مەنزىرە رايونى:70يۈەن (پۇتوشەن تېغىدىن لوجىيا تېغىغىچە بېرىپ كېلىش پاراخوت بېلىتى 52يۈەن +كىرىش بېلىتى 18 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)

    كابىل: بۇددا چوققىسغا چىقىپ چۈشۈش كابىلى 70يۈەن (چىققاندا ۋە چۈشكەندە ئايرىم –ئايرىم ھالدا 40يۈەن)

    ئادرېسى: جېجياڭ ئۆلكىسى جۇۋشەن شەھىرى پۇتو رايونى مېيچىن يولى 1-نومۇر.

    قاتناش كۆرسەتكۈچى:

    ئايروپىلان:

    جۇۋ شەن ئايرودۇرۇمى(پۇتوشەن تېغى ئايرودۇرۇمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ )-جۇ جيا پورتى، شېنجيا پورتى–توپۇ تېغى پويىز ئىستانسىسى

    پويىز:

    نىڭبو پويىز ئىستانسىسى–نىڭبو جەنۇبىي ئاپتوموبىل بېكىتى–شېڭجا قۇۋۇقى-پۇتوشەن تېغى.