گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى گۇاڭجۇ شەھىرى چاڭلۇڭ ئارام رايونى

چاڭلۇڭ ئارام رايونى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ پەنيۈ رايونىغا جايلاشقان، كۆلۈمى 10 مىڭ مو كېلىدۇ، بۇ يەردە چاڭلۇڭ شادلىق دۇنياسى، چاڭلۇڭ سۇ باغچىسى، چاڭلۇڭ خەلقئارا سېرك ئۆمىكى، چاڭلۇڭ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى، چاڭلۇڭ قۇش باغچىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ باغچا شۇنداقلا چاڭلۇڭ مېھمان سارىيى قاتارلىق ئۈچ مېھمانخانا بار بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، تەربىيە بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت ئورنى

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    چاڭلۇڭ ئارام رايونى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ پەنيۈ رايونىغا جايلاشقان، كۆلۈمى 10 مىڭ مو كېلىدۇ، بۇ يەردە چاڭلۇڭ شادلىق دۇنياسى، چاڭلۇڭ سۇ باغچىسى، چاڭلۇڭ خەلقئارا سېرك ئۆمىكى، چاڭلۇڭ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى، چاڭلۇڭ قۇش باغچىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ باغچا شۇنداقلا چاڭلۇڭ مېھمان سارىيى قاتارلىق ئۈچ مېھمانخانا بار بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، تەربىيە بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت ئورنى.

    چاڭلۇڭ شادلىق دۇنياسىدا تىك موللاقچى پويىز، 10 ھالقىلىق موللاقچى پويىز، ماياتنىك، U شەكىللىك سېيرىلغۇچ، 4D فىلىمى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، ئورمانلىقتىكى ئىبادەتخانا، پىلانىتلار ئۇرۇشى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بار. 10 ھالقىلىق موللاقچى پويىزنىڭ ئومۇمىي مۇساپىقىسى 850 مېتىر بولۇپ، موللاق ئېتىش سانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن جىنىس رېكورتى ياراتقان. تىك موللاقچى پويىزنىڭ ئومۇمىي مۇساپىقىسى 981 مېتىر، لىنىيەنىڭ ئەڭ ئېگىز قىسمى بىلەن ئەڭ تۆۋەن قىسمى 60 مېتىر پەرقلىنىدۇ، بۇ 20 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ، پويىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 112 كىلومېتىر، ساياھەتچىلەر 90 گىرادۇسلۇق ئېگىزلىكتىن پەسكە تىك چۈشكەندىكى قورقۇنچلۇق تۇيغۇنى تېتىپ كۆرسە بولىدۇ.

    ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ كۆلۈمى 2000 مودىن ئاشىدۇ، بۇ يەردە 50تىن ئارۇق ئارتۇق لوئالا، 13 مۈشۈك ئېيىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا دۇنيا قىممەتلىك 500 نەچچە خىل 20 مىڭدىن ئارتۇق ھايۋان بار. بۇ يەردىكى ھايۋانلار دالاغا قويىۋېتىلىپ بېقىلىدۇ، ساياھەتچىلەر ماشىنا ھەيدەپ كىرگەندە يىرتقۇچىلارنى يېقىن ئارىلىقتا كۆرەلەيدۇ، تىيىنلارنىڭ ئورمانلىقتا سەكرەپ يۈرگىنىنى، شىر ۋە يولۋاسلارنىڭ چېپىۋاتقانلىقىنى، قارىماققا ناھايىتى ساددا ھەم قىزىقارلىق كۆرۈنىدىغان قويتۆگىلەرنى كۆرەلەيدۇ، تاغىل ئاتلار تېخى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىۋالىدۇ. باغچىدا "بوۋاقلار ئۆي" بار بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان ھايۋانلارنى كۆزەتكىلى، ئۇلارغا يەم بەرگىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى ئۈچ كېزەك مۈشۈك ئېيىق 2014-يىلى مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان.

    سۇ باغچىسىنىڭ كۆلۈمى 450 مو كېلىدۇ، بۇ يەردە بوغما يىلا، ئالاھىدە كاناي، يىرتقۇچلار قاتارلىق ناھايىتى قورقۇنچلۇق سۇ تۈرلىرى، كۆز ئەينەلىك يىلا سېيرىلغۇچ، لەيلەپ ئېقىش ئېرىقى، سىرلىق ئوردا قاتارلىق كىچىك بالىلارغا ماس كېلىدىغان سۇ تۈرلىرىمۇ بار. دولقۇنلۇق جىلغىغا ئىسسىق سۇ سىستېمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ھاۋا سوغۇق كۈنلەردە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. سۇ تۈرلىرىدىن باشقا، كەچتىكى سەنئەت نومۇرلىرىمۇ كىشىنى ناھايىتى جەلپ قىلىدۇ. باغچىدا بالىلار سۇ بايرىمى، غولقۇن يېرىش بايرىمى، مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇن قىزىقارلىق بايراملار ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    خەلقئارا سېرك ئۆمىكىدە 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق قىتئەلەرنى ئاتلىغان 300 نەچچە سېرىكچى بار، بۇندىن باشقا 40 نەچچە خىل، 500دىن ئارتۇق چولپان ھايۋانلارمۇ بىرلىكتە ئويۇن قويىدۇ. قۇش باغچىسىنىڭ تۆت پەسىلدىكى تېمپىراتۇراسى بىر خىللا بولغاچقا، ھەممە يەردە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، قۇشلار سايرىشىپ تۇرىدۇ، باغچىدا ئاق تۇرنا، ئاق قۇتان، كۆك قۇتان قاتارلىق 10 نەچچە خىل نەم يەر قۇشى، نۇرغۇن ئۆمۈلىگۈچى ھايۋانلار، تىمساق قاتارلىق باش تېمىلىق كىچىك باغچىلارمۇ بار بولۇپ، بىر كۆرۈپ كېتىشكە ئەرزىيدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: بىر كۈن

    بېلەت باھاسى: چاڭلۇڭ شادلىق دۇنياسى 250 يۈەن، چاڭلۇڭ ھايۋاناتلار باغچىسى 250 يۈەن، چاڭلۇڭ سېرك ئۆمىكى 300 يۈەن، چاڭلۇڭ قۇش باغچىسى 100 يۈەن.

    ئادرېس: گۇاڭجۇ شەھىرى پەنيۈ رايونى پەنيۈ كوچىسى

    ئېچىلىش ۋاقتى: چاڭلۇڭ شادلىق دۇنياسىنىڭ ئىچلىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە 09:30دىن 18:00گىچە، شەنبە ۋە يەكشەنبە 09:30دىن 19:00گىچە.

    12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە 09:30دىن 18:00گىچە، جۈمەدىن يەكشەنبىگىچە 09:30دىن 21:00گىچە. 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە 09:30دىن 18:00گىچە.

    چاڭلۇڭ خەلقئارا سېرك ئۆمىكىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 17:00دىن 21:00گىچە. ئويۇش قويۇش ۋاقتى 19:30دىن 20:50گىچە.

    چاڭلۇڭ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى ئېچىلىش ۋاقتى دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە 09:30دىن 18:00گىچە. شەنبە ۋە يەكشەنبە 09:30دىن 18:30گىچە.

    چاڭلۇڭ قۇش باغچىسىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 09:دىن 18:00گىچە.

    قاتناش: 304-562-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ چاڭلۇڭ ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى بېكىتىدە چۈشىسىز.

    129-يول ئاپتوبۇسى، پەن 109-يول، پەن 163-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ چاڭلۇڭ بېكىتىدە چۈشىسىز.

    ئايرودۇرۇمدىن ئايرودۇرۇم لىنىيەسى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ چاڭلۇڭ ساياھەت ئارام رايونى بېكىتىدە چۈشىسىز.

    يەر ئاستى پويىزى 3-لىنىيەسى شىمالىي لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ، تەنتەربىيە غەربىي بېكىتىدە چۈشۈپ، 3-لىنىيەگە ئولتۇرۇپ خەنشى چاڭلۇڭ بېكىتىدە چۈشىسىز.

    گۇاڭجۇ ۋوگزالىدىن يەر ئاستى پويىزى 5-لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ جۇجياڭشىنچىڭ بېكىتىدە چۈشۈپ، 3-لىنىيەگە ئالمىشىپ، خەنشى چاڭلۇڭ بېكىتىدە چۈشىسىز.

    گۇاڭجۇ ۋوگزالى شەرقىي بېكىتىدىن يەر ئاستى پويىزى 3-لىنىيەسى شىمالىي لىنىيەسىگە ئولتۇرۇپ، تەنتەربىيە غەربىي بېكىتىدە چۈشۈپ، 3-لىنىيەگە ئولتۇرۇپ خەنشى چاڭلۇڭ بېكىتىدە چۈشىسىز.

    ليەنخۇا تېغى پورتىدىن چاڭلۇڭغا ئۇدۇل بارىدىغان پاراخوتقا ئولتۇرىسىز.

    نەنشاگاڭ پورتىدىن تاكسىئارقىلىق پەنيۈ كۆۋرۈكى، پەنيۈ مەيدانىغا بېرىپ، يەر ئاستى پويىزى 3-لىنىيە ئارقىلىق چاڭلۇڭغا بارىسىز.