شىنجىن خۇاچاۋ شەھەرچىسى ساياھەت ئارامگاھى

شىنجىن خۇاچاۋ شەھەرچىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجىن شەھىرىنىڭ نەنشەن رايونىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلۈمى 6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەرگە شادلىق جىلغىسى، دۇنيا كۆزنىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باغچىسى، جۇڭگو مىللىي ئۆرپە-ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ باغچا، مايرۇلىس كەنتى، گۈزەل-سەنئەت سارىيى، سەنئەت مەركىزى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى، مېھمانخانا، ياتاق قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تەسسىس قىلىنغان

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    شىنجىن خۇاچاۋ شەھەرچىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنجىن شەھىرىنىڭ نەنشەن رايونىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلۈمى 6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەرگە شادلىق جىلغىسى، دۇنيا كۆزنىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باغچىسى، جۇڭگو مىللىي ئۆرپە-ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ باغچا، مايرۇلىس كەنتى، گۈزەل-سەنئەت سارىيى، سەنئەت مەركىزى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى، مېھمانخانا، ياتاق قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، مەدەنىيەت، سەنئەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت ئارامگاھى.

    شادلىق جىلغىسىنىڭ كۆلۈمى 350 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئىسپانىيە مەيدانى مايا سۇ باغچىسى، شادلىق مىنۇتلار، تەۋەككۈل تېغى، سىرلىق ئوردا، شاڭگىرىلا قار-مۇز رايونى، قويۇن قولتۇقى، ئالتۇن كان قاتارتلىق توققۇز چوڭ رايونغا بۆلۈنگەن. شادلىق جىلغىسىدا موللاقچى پويىز، ئاسما موللاقچى پويىز، كان پويىزى، ئالەم كېمىسى، 4D كىنوخانىى قاتارلىق 100دىن ئارتۇق كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بار.

    دۇنيا كۆزنىكى باش تېمىلىق باغچا بولۇپ، دۇنيا مەيدانى، ئاسىيا رايونى، ئاتلانتىك ئوكيان رايونى، ياۋروپا رايونى، ئافرىقا رايونى، ئامېرىكا قىتئەسى رايونى، دۇنيا ھەيكەل باغچىسى، خەلقئارا كوچىسىدىن ئىبارەت سەككىز بۆلەككە بۆلۈنگەن. مىسىردىكى ئەل-ئېھرام، ھىندىستاندىكى تاجمەھەل قەبرىسى قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق ئىمارەتلەر مەلۇم نىسبەتتە كىچىكلىتىپ ياسالغان. باغچىدە ئامازون ئورمانلىقى، يۇرا دەۋرىدىكى دىنازاۋۇر دۇنياسى، ئامېرىكىغا ساياھەت قاتارلىق 10 نەچچە كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بار. دۇنيا ھەيكەل باغچىسىغا بەش چوڭ قىتئەدىكى يۈزدىن ئارتۇق داڭلىق ھەيكەللەرگە ئوخشىتىپ ياسالغان ھەيكەللەر تىزىلغان. پارىژ باھارى مال سېتىۋېلىش كوچىسىدىن ھەر خىل يېمەكلىك ۋە خاتىرە بويۇملىرىنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

    جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باغچىسىدا جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق تارىخى باش تېما قىلىنغان، ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن مەنزىرىلەر قايتا نامايەن قىلىنغان. بۇ يەردە ئوخشىتىپ ياسالغان سەددىچىن سېپىلى، پادىشاھ چىڭشىخۇاڭنىڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى، خان سارىتى، تەيشەن تېغى، خۇاڭشەن تېغى، چاڭجياڭ دەرياسى، شىخۇ كۆلى قاتارلىقلار ئېلىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى سىزگە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

    مىللىي ئۆرپە-ئادەت مەدەنىيەت كەنتى جۇڭخۇا مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ غەربىدا بولۇپ، 200 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمنى ئىگەللەيدۇ، ئىچىدە 22 مىللەتنىڭ 1:1 نىسبەتتە ياسالغان25 كەنتى سىزگە باشقىچە زوق بېغىشلايدۇ. بۇ يەردا سۇ چېچىش بايرىمى، ئوت بايرىمى، شىشۇاڭبەننا بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇن مىللىي بايراملار قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ، مىللىي پۇراققا ئىگە ئويۇنلار قويۇلىدۇ. بۇندىن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ قول-ھۈنەر سەنئىتىدىنمۇ ھوزۇر ئالالايسىز.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: بىر كۈن

    بېلەت باھاسى: شادلىق جىلغىسى 230 يۈەن، كەچلىك بېلەت 100 يۈەن. 09:00دىن 21:00گىچە ئېچىلىدۇ.

    جۇڭخۇا مەدەنىيەت باغچىسى بىلەن مىللىي ئۆرپە ئادەت مەدەنىيەت كەنتىنىڭ بېلەت باھاسى 180 يۈەن. ئادەتتىكى كۈنلەردە 10:00 ئېچىلدۇ، شەنبە ۋە يەكشەنبە 09:30دا ئېچىلىدۇ، بايرام كۈنلىرى 09:00دا ئېچىلىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيەت باغچىسى 18:00دا تاقىلىدۇ، مىللىي ئۆرپە-ئادەت مەدەنىيەت كەنتى 21:00دا تاقىلىدۇ.

    دۇنيا كۆزنىكىنىڭ بېلەت باھاسى 180 يۈەن، كېچىلىك بېلەت 60 يۈەن. 09:00دىن 22:30 ئېچىلىدۇ، كەچلىك ۋاقىت 19:30دىن 23:00كىچە بولىدۇ.

    ئادرېس: شىنجىن شەھىرى نەنشەن رايونى

    قاتناش: 101-109-113-121-123-204-209-222-232-245-26-311-312-324-32-267-373-383-390-54-79-B603-K123-M358-N5-يول ئابتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ جۇڭخۇا مەدەنىيەت باغچىسى بېكىتىدە چۈشىسىز.

    يەر ئاستى پويىز 1-لىنىيەگە ئولتۇرۇپ خۇاچاۋ شەھەرچىسى بېكىتىدە چۈشىسىز.

    يەر ئاستى پويىزى 1-2-لىنىيەلىرىگە ئولتۇرۇپ دۇنيا كۆزنىكى بېكىتىدە چۈشۈپ، ئۈچ مىنۇت پىيادە ماڭسىزڭىز دۇنيا كۆزنىگە بارغىلى بولىدۇ.