گۇاڭشى ئۆلكىسى گۈيلىن شەھىرىدىكى شادلىق ئارىلى

گۈيلىندىكى شادلىق ئارىلى گۈيلىن شەھىرىنىڭ شىڭئەن ناھىيەسىگە جايلاشقان، تەيۋەنلىك سودىگەر ما جىلىن ئەپەندى مەبلەغ سېلىپ سالغۇزغان، 2000-يىلى 12-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شادلىق ئارىلى باش تېمىلىق باغچا بولۇپ، كۆلۈمى 6000 مو، ياۋروپا رايونى، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى، شادلىق جۇڭگو شەھەرچىسى، غەربىي ئامېرىكا، خىيالى دۇنيا، دېڭىز قاراقچىسى كەنتى، داتۇرا باغچىسىدىن ئىبارەت يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    گۈيلىندىكى شادلىق ئارىلى گۈيلىن شەھىرىنىڭ شىڭئەن ناھىيەسىگە جايلاشقان، تەيۋەنلىك سودىگەر ما جىلىن ئەپەندى مەبلەغ سېلىپ سالغۇزغان، 2000-يىلى 12-ئايدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. شادلىق ئارىلى باش تېمىلىق باغچا بولۇپ، كۆلۈمى 6000 مو، ياۋروپا رايونى، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى، شادلىق جۇڭگو شەھەرچىسى، غەربىي ئامېرىكا، خىيالى دۇنيا، دېڭىز قاراقچىسى كەنتى، داتۇرا باغچىسىدىن ئىبارەت يەتتە بۆلەككە بۆلۈنگەن، باغچىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، چاي گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان، دېڭىز قاراقچىسى پاراخوتى، بانجى، موللاقچى پويىز قاتارلىق قورقۇنچلۇق تۈرلەر، شۇنداقلا مېھمانخانا، گولۇف كۇلۇبى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى بار بولۇپ، چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ساياھەت ئارامگاھى.

    ياۋروپا رايونىدىكى ئىمارەتلەر 12-13-ئەسىردىكى گوت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان، بۇ يەردە يۇمىلاق ئوردا، ياۋروپاچە فونتان، گوت ئۇسلۇبىدىكى ماركوپولو مەيدانى ۋە ياۋروپانىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كونا ئۇسلۇبتىكى دۇكانلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا باغچىدا نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى بار، ئاتلىق ئەسكەر ناملىق ئويۇندا، 17 مېتىر ئېگىزلىكتە پىرقىرايسىز، ئىستراتېگىيەلىك دالا ئۇرۇشى ئوينىدا تەقلىدىي مىلتىق بىلەن "دۈشمەنلەر"نى ئاتىسىز.

    جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى ئۆزگىچە ئاراللار بىلەن تولغان، بۇ يەردىكى دېڭىز ساھىلى، كوكۇس دەرىخى، ئوت-چۆپ ئۆيلەردىن ھوزۇر ئالسىز، مېھماندوست قىزلار بولىنېزىيەنىڭ ئوت يوپكىسىنى كىيىپ سىزنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. بانجى دولقۇن يېرىش، پاراخوت قاتارلىق پائالىيەتلەر مۇ بار، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە كۆپكۆك ئاسمان ۋە دېڭىزدىن ھۇزۇر ئالالايدۇ.

    شادلىق جۇڭگو شەھەرچىسى قويۇق جۇڭگوچە تۈسنى ئالغان، لىڭخۇ سارىيى، قەدىمىي سۈرەتخانىسى، خەنشياڭ مىللىي سەنئەت سارىيى قاتارلىقلار بار. بالا ئىلاھ نېجاغا ئوخشىتىلىپ ياسالغان پىرقىرىغۇچ، 4D كىنوخانىسى، سۇ موتوسېكلىتى، بانان كېمىسى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىمۇ بار.

    غەربىي ئامېرىكا رايونىدا، ئامېرىكىنىڭ كولورادو جىلىغىسى، ئات مىنىۋالغان پادىچىلار، كان قازغۇچىلار قاتارلىق ئۆزگىچە مەنزىرە كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. زېرەكچاق ئۆيىدە كىشىلەر "زېرەكچاقلار" بىلەن پاراڭلىشالايدۇ، كېمىگە ئولتۇرۇپ كولورادو جىلىغىسىدىن لەيلەپ چۈشەلەيدۇ.

    خىيالى دۇنيادا غەربنىڭ بالىلار چۆچەكلىرىدىكى دۇنيا، دېڭىز قاراقچىلىرى كەنتىدە كارىپ دېڭىزىنىڭ بويىدىكى مەنزىرىلەر باش تېما قىلىنغان. داتۇرا باغچىسىدا كۆل، يامغۇرلۇق كۆۋرۈك، چاي گۈلى بازىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە چاي گۈلى بازىسى 40 مو يەرنى ئىگەللىگەن بولۇپ، ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە، تەيۋەن ۋە دۆلەت ئىچىدىكى 380 خىلدىن ئارتۇق چاي گۈلى تېرىلغان، ھەر يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە چاي گۈلى باش تېمىسىدىكى ئالاقىدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: بىر كۈن

    بېلەت باھاسى: 150 يۈەن، پۈتۈن كۈن ئېچىلىدۇ.

    ئادرېس: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى گۈيلىن شەھىرى شىڭئەن ناھىيەسى جىلىن يولى

    قاتناش: گۈيلىن قاتناش باش بېكىتىدىن شىڭئەن داشلىق ئارىلى ساياھەت رايونى لىنىيەسىگە ئولتۇرىسىز.

    نەننىڭ قاتناش بېكىتىدىن شىڭئەن بېكىتىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىسىز.

    گۈيلىن جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شىڭئەن ۋوگزالىغا بارىسىز.

    گۈيلىن شىڭئەن ۋوگزالىدىن شادلىق ئارلىغا بارىسىز.

    ئايرودۇرۇمدىن شادلىق ئارىلى لىنىيەسىگە ئولتۇرىسىز.