گۈيلىن شەھىرىدىكى لىجياڭ دەرياسى مەنزىرە رايونى

لىجياڭ دەرياسى مەنزىرە رايونى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل كارست تاغ-دەريا مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى، لىجياڭ دەرياسى جۇجياڭ دەرياسى سۇ سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، گۈيلىندىن ياڭشوغىچە بولغان 83 كىلومېتىر ئارقىلىق لىجياڭ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كارست يەر شەكلىنىڭ تىپىك مىسالى.

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    لىجياڭ دەرياسى مەنزىرە رايونى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، دۇنيادىكى كۆلۈمى ئەڭ چوڭ، مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل كارست تاغ-دەريا مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى، لىجياڭ دەرياسى جۇجياڭ دەرياسى سۇ سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ، گۈيلىندىن ياڭشوغىچە بولغان 83 كىلومېتىر ئارقىلىق لىجياڭ دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كارست يەر شەكلىنىڭ تىپىك مىسالى.

    لى جياڭ دەرياسى مەنزىرە رايونىدا شياڭبى تېغى (خارتۇم تېغى)، چۈەنشەن تېغى، ۋاڭفۇ تېغى، لۇڭتۇ تېغى، لوشى تېغى (قۇلۇلە تېغى)، شىڭپىڭ كەنتى، خۇاڭبۇ شولىسى، يايلاق، جيۇماخۇا تېغى (توققۇز ئات تېغى) قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

    شياڭبى تېغىنىڭ ئەسلى نامى لىشەن تېغى بولۇپ، گۈيلىن شەھىرىدىكى تاۋخۇا دەرياسى بىلەن لىجياڭ دەرياسى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان، شەكلى ئېڭىشىپ سۇ ئىچىۋاتقان پىلغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن پىلغا سىمۋول قىلىنىپ، شياڭبى تېغى يەنى خارتوم تېغى دېگەن نام قويۇلغان. شياڭبى تېغىدا ئەڭمە ئۆڭكۈر، پىل كۆزى غارى، پۇشيەن راۋىقى، خۇڭفىڭ ئىبادەتخانىسى شۇنداقلا ئىبادەتخانا ئىچىدىكى تەيپىڭ تيەنگۇ ئىنقىلاب خارابىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. كۆلۈمى 11.88 كىۋادرات مېتىر، كارست يەر شەكلى تەبىئىي مەنزىرە رايونىغا تەۋەپ، 1000 يىللىق ساياھەت تارىخىغا ئىگە.

    خۇاڭبۇ شولىسى لىجياڭ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، 83 كىلومېتىرلىق لىجياڭ دەرياسىنىڭ ئەڭ گۈزەل يېرى شىڭپىڭ كەنتىگە جايلاشقان، دەرياغا تاغنىڭ شولىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، خۇددى سىزىپ قويغان گۈزەل سىزمىغا ئوخشايدۇ. بۇ يەر سۈرەتكە چۈشۈشكە ئەڭ باب كېلىدۇ، ئاسمان، تاغ بىلەن دەريادىكى "ئاسمان ۋە تاغ" بىرىكىپ كەتكەن، تىنچ دەريادا كېمىلەر قاتناپ تۇرىدۇ، پاھ... گۈزەل نېمىدىگەن گۈزەل مەنزىرە بۇ! بۇنداق مەنزىرىنى قەتئىي قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. يېڭى نۇسخىدىكى 20 يۈەننىڭ تەگلىكى دەل مۇشۇ خۇابۇ شولىسىدىن ئېلىنغان، بۇ جۇڭگونىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

    شىپىڭ كەنتىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، جۇڭگودىكى داڭلىق ساياھەت ناھىيەلىرى ئىچىدىكى ياڭشو ناھىيەسىنىڭ مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى. شىپىڭ كەنتى گۈيلىن شەھىرى ياڭشو ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، لىجياڭ دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىمىدا بولۇپ، ناھىيەگە 25 كىلومېتىر كېلىدۇ. شىڭپىڭ ناھىيەسىدە جيۇماخۇا تېغى، لوسى تېغى، ليەنخۇا غارى (نېلۇپەر غارى)، تيەنشۈي يېزىسى، لىڭباۋ سارىيى قاتارلىق سەككىز چوڭ مەنزىرە رايونى، 24 مەنزىرە نۇقتىسى بار. جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر شىڭپىڭ كەنتىنىڭ قۇمۇش ئويمىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، بۇندىن باشقا يەنە تاغ-دەريا مەدەنىيەت كۆينىكى، لىجياڭ دەرياسىدىكى غەلىتە تاشلار، يەلپۈگۈچ قاتارلىق قول-ھۈنەر سەنئەت بويۇملىرىمۇ تاللىشىڭىز بولالايدۇ.

    ساياھەت جەريانىدا ئېسىل تائام كام قالسا بولمايدۇ ئەلۋەتتە، راك قورۇمىسى ۋە دۈملەنگەن لىجياڭ دەرياسى ئوكون بېلىقىنىڭ خېلى نامى بار.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    ساياھەتكە ئەڭ باب كېلىدىغان پەسىل: 4-ئايدىن 10-ئايغىچە.

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    بېلەت باھاسى: 4-ئايدىن 11-ئايغىچە 210 يۈەن، 12-ئايدىن 3-ئايغىچە 190 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 4-ئايدىن 11-ئايغىچە 08:40دىن 22:40كىچە، 12-ئايدىن 3-ئايغىچە 08:40دىن 21:40كىچە.

    قاتناش: گۈيلىن ۋوگزالىدىن موپەنشەن پورتى لىنىيەسىگە ئولتۇرىسىز. سائەت 7:20دە، 8:20دە، 9:20دە، 6:00دە قوزغىلىدۇ، موپەنشەن پورتىدىن 8:20دە، 9:20دە، 10:20دە، 17:00دە قايتىدۇ.

    ئادرېس: گۈيلىن شەھىرى شىنئەن ناھىيەسى ماۋئېر تېغى