سەنيا شەھىرىدىكى چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن مەنزىرە رايونى

چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن مەنزىرە رايونى سەنيا شەھىرىنىڭ غەربىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان نەنشەن تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلمى 22.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ مەنزىرە رايونى 800 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، داڭلىق داۋجيا دىنى مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن مەنزىرە رايونى سەنيا شەھىرىنىڭ غەربىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان نەنشەن تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلمى 22.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ مەنزىرە رايونى 800 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، داڭلىق داۋجيا دىنى مەدەنىيەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

    كىچىك دۇڭتيەن بىر تاش ئۆيگە ئوخشايدۇ، تۆت تەرىپى ناھايىتى تەكشى، ئۆڭكۈرگىمۇ ئوخشاپ قىلىدۇ، ئەمما ئۆڭكۈر ھېسابلانمايدۇ، كەڭلىكى 20 نەچچە كىۋادرات مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 28 مېتىر كېلىدۇ، كىچىك دۇڭتيەننىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، كېلىماتى ئىللىق، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلۈمى ئانچە چوڭ بولمىغاچقا، پىيادە ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدۇ، كۆڭۈل ئېچىش ئەسىلىھەلىرىمۇ تولۇق بولغاچقا، دەم ئېلىشتىكى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.

    شياۋيۆۋەن (كىچىك ئاي قولتۇقى) مەنزىرە نۇقتىسىدىكى دېڭىز سۈيى ناھايىتى سۈزۈك، مۇھىتى بىر قەدەر تىنچ، ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى ياخشى قوغدالغان بولغاچقا، ھەر بىر كۇپ سانتامېتىردىكى مەنپىي ئىئوننىڭ قويۇقلۇقى 10 مىڭغا يېتىدۇ، بۇ جاي دالىدا قونۇپ ئارام ئالىدىغان ياخشى تاللاش، دېڭىز ساھىلى، ياغاچ ئۆي، داچا، چىدىر قاتارلىق ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن، بۇ جاي ساياھەت قىلىش، توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈش، توي سۈرىتى چۈشۈش ۋە دالىدا قونۇشقا تازا باب كېلىدۇ.

    چوڭ-كىچىك دۇڭتيەننىڭ "ئەۋلىيالار تۇرىدىغان جاي" دېگەن نامى بار، فىڭلەي، يىڭجۇ، فاڭجاڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋلىيالار ئارىلى بىلەن بەسلىشەلەيدۇ. گۈزەل مەنزىرىدىن باشقا، چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن ئۆمۈر تىلەش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگودا "نەنشەن تېغىدىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈڭ" دەيدىغان گەپ بار، كىشىلەر نەنشەن تېغىنى بەخت تېغى دەپ بىلىدۇ. چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى تاغقا جايلاشقان، داۋجياۋ دىنى مۇرتلىرى بۇ يەردە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ 3-ۋە 4-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خەينەن ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن، سەنيا شەھىرىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى خەينەن ئۆلكىسىدە بىرىنچى ئورۇندا ئىكەن. ھازىر نەنشەن تېغىدا ياشايدىغان 86 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر 100دىن ئاشىدۇ، شۇڭا بۇ جاي ئىسمى-جىسمىغا لايىق "ئۇرۇن ئۆمۈر كۆرۈش يۇرتى". بۇندىن باشقا چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن رايونىدا "نەنشەن تېغىدىكى قېرىماس قارىغاي" دەپ نام ئالغان ئەجدىھا دەرىخى ئۆسىدۇ، بۇ خىل دەرەخ بور دەۋرىدىمۇ بار بولغاچقا، ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى تىرىك قاتما دېيىلىدۇ، نەچچە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. ھازىر سانى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، دۇنيا پەن مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى قوغدىلىدىغان دەرەخلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، جۇڭگو يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان قىممەتلىك ئۆسۈملۈكلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، دۆلەتلىك 2-دەرىجلىىك قوغدىلىدىغان دەرەخلەرگە تەۋە. بىراق، نەنشەن تېغىدا 30 نەچچە مىڭ تۈپ بار، ئاساسلىقى چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن ساياھەت رايونىغا تارقالغان، يېشى 1000 يىلدىن ئاشقىنىدىن 2000 نەچچەسى بار، ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىنىنىڭ يېشى 6000 يىلدىن ئاشىدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    ساياھەت قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغان پەسىل: 11-ئايدىن كېلەركى يىلى 5-ئايغىچە.

    بېلەت باھاسى 130 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 07:00دىن 18:30گىچە.

    ئادرېس: سەنيا شەھىرى

    قاتناش: 25-29-يول ئاپتوبۇسلىرى ئولتۇرۇپ، چوڭ-كىچىك دۇڭتيەن بېكىتىدە چۈشىسىز.

    ساياھەت رايونىدا توكلۇق ماشىنا ئارقىلىق ساياھەت قىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يولدا خىزمەتچىلەر مەنزىرە رايونىنى چۈشەندۈرىدۇ، بېلەت باھاسى 15 يۈەن.