سەنيا شەھىرىدىكى نەنشەن تېغى مەدەنىيەت ساياھەت رايونى

نەنشەن تېغى خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشان، جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى تاغ، تروپىك بەلباغ دېڭىز - ئوكيان مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە، بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 97كە يەتكەن، بۇندىن باشقا جۇڭگونىڭ بۇددا دىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ باغچىسى

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    نەنشەن تېغى خەينەن ئۆلكىسى سەنيا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشان، جۇڭگونىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى تاغ، تروپىك بەلباغ دېڭىز - ئوكيان مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە، بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 97كە يەتكەن، بۇندىن باشقا جۇڭگونىڭ بۇددا دىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ باغچىسى.

    نەنشەن تېغىدا نەنشەن ئىبادەتخانىسى، دېڭىزدىكى ئاۋالوكىتىسۋارا، ئاۋالوكىتىسۋارا مەدەنىيەت سارىيى، بۇددا دىنى مەدەنىيەت باغچىسى، ئالتۇن ئاۋالوكىتىسۋارا، بۇددا دىنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، پەرقلەندۈرمەسلىك ئۇسۇلى دەرۋازىسى، مال سېتىۋېلىش كوچىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

    بۇددا دىنىدا شەيئىيلەرگە بولغان تونۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش "فا 法" دەپ ئاتىلىدۇ، كامالەتكە يەتكەن كىشىلەر بۇ جايدا ئۆزىنى ئىسپايلايدۇ، بۇ "مېن 门" دەپ ئاتلىدۇ. بۇددا دىنىدا 840 مىڭ خىل ئۇسۇل بار، پەرقلەندۈرمەسلىك ئۇسلى ئەڭ يۇقىرى پەللە. نەنشەندىكى پەرقلەندۈرمەسلىك ئۇسۇلى دەرۋازىسى مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى بولۇپ، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئۇسلۇبتا ياسالغان. ساياھەتچىلەر بۇ دەرۋازىدىن ئۆتسە، نەنشەندىكى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس يېرىگە كىرگەن بولىدۇ. دەرۋازە سىرتىدىكى "不二" ۋە دەرۋازا ئىچىدىكى "一实" خېتىنى ئالەمدىن ئۆتكەن داڭلىق خەتتات گۇ تىڭلۇڭ ئەپەندى 94 يېشىدا يازغان.

    ئالتۇن ئاۋالوكىتىسۋارا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن بۇت بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 192 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، ئېگىزلىكى 3.8 مېتىر، ئاۋالوكىتىسۋارا، بۇددا نۇرى، مىڭ ياپراقلىق نېلۇپەر، قىزىل سەندەل ياغىچىدىن ئويۇلغان تەگلىكتىن تەركىب تاپقان، بۇ بۇتنى ياساشقا 100 نەچچە كىلوگرام ئالتۇن، 120 نەچچە كىرات جەنۇبىي ئافرىقا ئالمىسى، نەچچە مىڭ قىزىل ۋە كۆپ ياقۇت، زۇمرەت، ئۈنچە-مارجان كەتكەن. ئېلىمىزدىكى گۈزەل-سەنئەت ئۇستىلىرى زىڭ يىبىڭ، جاڭ مىڭجۈەن، ۋاڭ جىشى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئىككى يىلدا پۈتتۈرگەن.

    دېڭىزدىكى ئاۋالوكىتىسۋارانىڭ ئېگىزلىكى 108 مېتىر كېلىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاق كىيىملىك ئاۋالوكىتىسۋارا ھەيكىلى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋالوكىتىسۋارا ھەيكىلى. بىر تەرەپتىكى ئاۋالوكىتىسۋارا ھەيكىلىنىڭ بىر قولىدا نېلۇپەر، يەنە بىر قولىدا نوم بار، يەنە بىر تەرەپتىكىسىدەنىڭ قولىدا بۇددا تەسۋى بار، ئاۋالوكىتىسۋارانىڭ تەبەسسۇمىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. نەنشەن تېغىدىكى ئاۋالوكىتىسۋارانىڭ ھەيكىلى شەرقتىكى مېھرىبانلىق، ئەقىل-پاراسەت، تىنچلىقنىڭ سىمۋولى.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    ساياھەتكە ئەڭ باب پەسىل: ياز

    بېلەت باھاسى: 150 يۈەن. كىچىك بالىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشانغانلىق كىشىنىكى بار ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىلىدۇ. بوي ئىگىزلىكى 120 سانتىغا يەتمەيدىغان بالىلار ۋە 70 ياشتىن ئاشقانلارغا بېلەت ئېلىنمايدۇ.

    ئالتۇن ئاۋالوكىتىسۋارا ھەيكىلىنىڭ بېلەت باھاسى 20 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 08:00دىن 18:00گىچە

    ئادرېس: سەنيا شەھىرى

    قاتناش: يالۇڭۋەندىن نەنشەن مەخسۇس لىنىيەسىگە ئولتۇرىسىز، ھەر 12 مىنۇتتا بىر ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ، 19:20دە توختايدۇ.

    تاكسىغا ئولتۇرسىڭىز تەخمىنەن 80 يۈەن كېتىدۇ.

    ۋوگزالدىن 16-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ.

    ئايرودۇرۇمدىن 43-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، غەربىي قاتناش بېكىتىدە چۈشۈپ، 16-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىپ بارسىڭىز بولىدۇ.