دىڭفىڭ شەھىرىدىكى سۇڭشەن تېغى شياۋلىن مەنزىرە رايونى

شياۋلىن ئىبادەتخانىسى خېنەن ئۆلكىسى دىڭفىڭ شەھىرى سۇڭشەڭ تېغىدىكى ۋۇرۇ چوققىسىنىڭ باغرىغا جايلاشقان، كۆلۈمى 57600 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، شىمالىي ۋىي سۇلالىسى تەيخېنىڭ 19-يىلى يەنى 495-يىلى سېلىنغان، پادىشاھ شياۋىندى ھىنايانا دىنىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلگەن ھىندىستانلىق راھىبلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پايتەخت لوياڭغا قاراپ تۇرىدىغان سۇڭشەن تېغىغا بۇ ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان.

     

    شياۋلىن ئىبادەتخانىسى خېنەن ئۆلكىسى دىڭفىڭ شەھىرى سۇڭشەڭ تېغىدىكى ۋۇرۇ چوققىسىنىڭ باغرىغا جايلاشقان، كۆلۈمى 57600 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، شىمالىي ۋىي سۇلالىسى تەيخېنىڭ 19-يىلى يەنى 495-يىلى سېلىنغان، پادىشاھ شياۋىندى ھىنايانا دىنىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلگەن ھىندىستانلىق راھىبلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پايتەخت لوياڭغا قاراپ تۇرىدىغان سۇڭشەن تېغىغا بۇ ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان.

    شياۋلىن ئىبادەتخانىسى دۇنيادىكى داڭلىق بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى، جۇڭگونىڭ بۇددا دىنى تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، "ئالەمدىكى بىرىنچى ئىبادەتخانا" دېگەن نامى بار.

    شياۋلىن ئىبادەتخانىسى دائىمىيلىق سارايلىق، تالىن ۋە چۇزۇئەن كەپىسى قاتارلىق بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن. دائىمىيلىق سارايلار جەنۇبتىن شىمالغا سانىغاندا تاغ دەرۋازىسى، تيەنۋاڭ سارىيى، داشۇڭ سارىيى، نوم سارىيى، راھىب كالان مەھكىمىسى، قار شىپاڭ، مىڭ بۇت قەسىرى قاتارلىقلار بار. ئىبادەتخانىنىڭ غەربىگە تالىن، شىمالىدا چۇزۇئەن كەپىسى، دەرمە ئۆڭكۈرى، گەنلۇ سۇپىسى، غەربىي جەنۇبىغا ئېرزۇئەن كەپىسى، شەرقىي شىمالىغا گۇاڭخۈي كەپىسى جايلاشقان. ئىبادەتخانىدا تۇڭگۇاڭ بۇددا مۇرەببى، فارۇ بۇددا مۇرەببى ۋە فاخۇا بۇددا بۇرەببى مۇنارى قاتارلىق 10 نەچچە قەدىمىي مۇنار بار.

    تاغ دەرۋازىسى شياۋلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسى بولۇپ، دەرۋازا ئۈستىگە پادىشاھ كاڭشى ئۆز قولى بىلەن يازغان "少林寺" دېگەن خەت يېزىلغان تاختا ئېسىلغان. تاغ دەرۋازىسىدىن كىرسە يۇڭدا يولى كۆرۈنىدۇ، يۇڭداۋ يولىنىڭ ئىكى چېتىدە 20 نەچچە قەدىمىي تاش ئابىدە بار بولغاچقا، بۇ يەر تاش ئابىدىلىك دەپ ئاتىلىدۇ. ئابىدىلىكتىن ئۆتكەندىن كېيىن تيەنۋاڭ سارىيى كۆرۈنىدۇ، بۇ يەردە "شمال، تىنچلىق، يامغۇر، ئىناقلىق"قا سىمۋول قىلىنغان تۆت ئىلاھ ئىبادەت قىلىنىدۇ، شۇڭا تيەنۋاڭ سارىيى يەنى ئىلاھلار سارىيى دېگەن نام قويۇلغان. تيەنۋاڭ سارىيىدىن كېيىن داشۇڭ سارىيى كۆرۈنىدۇ، داشۇڭ سارىيىدا بۇددا دىنى پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. نوم سارىيىدا داشۇڭ سارىيىنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان، راھىبلار ئىستىكامدا ئولتۇرىدىغان جاي، غەربتىكى ئۆيدە مېھمانلار كۈتىۋېلىنىدۇ. داشۇڭ سارىيىنىڭ شەرقىگە ليۇزۇ سارىيى ۋە گۇلۇ (دۇمباق) راۋىقى، غەربىگە جۇڭلۇ (قوڭغۇراق) راۋىقى جايلاشقان. نوم ساريىنىڭ ئارقىسىدا راھىب كالان ئۆيى بولۇپ، ئىبادەتخانىدىكى راھىب كالانلار يېتىپ-قوپۇپ، ئىش بىجىرىدىغان جاي. قار شىپاڭ دەرمە شىپاڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىڭ بۇت سارىيىدا قار شىپاڭنىڭ ئارقىسىغا جايلاشقان، سارايىدىكى تام سۈرەتلەرنىڭ ناھايىتى داڭلىق، شياۋلىلن ئىبادەتخانىسىنىڭ گۆھىرى ھېسابلىنىدۇ.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شياۋلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈچەيدى، جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك نۇرغۇن داڭدار شەخسلەر بۇ يەرگە زىيارەتكە كەلگەن، بۇ شياۋلىن مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شياۋلىن ئىبادەتخانىسىنىڭ 40 نەچچە دۆلەتتە مەدەنىيەت ئورگىنى بار، شياۋلىن راھىبلىرى شياۋلىن مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە نوم سۆزلەيدۇ، گۇمپا مەشىق قىلىدۇ، شياۋلىن ئىبادەتخانىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا شياۋلىن مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا تۆھپە قوشقان.

    مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    بېلەت باھاسى 100 يۈەن، يۈرۈشلۈك بېلەت 180 يۈەن ۋە 260 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 3-ئايدىن 11-ئايغىچە 07:30دىن 18:00گىچە، 12-ئايدىن 2-ئايغىچە 08:00دىن 17:30گىچە.

    قاتناش: جىنجۇ ۋوگزالىنىڭ ئۇدۇلىدىكى قاتناش بېكىتىدىن دىڭفىڭ چوققىسىغا بارىدىغان ساياھەت لىنىيەسىگە ئولتۇرىسىز.

    جىنجۇدىكى ھەر قايسى قاتناش بېكەتلىرىدىن دىڭفىڭ چوققىسىغا ئاپتوبۇس قاتنايدۇ.

    جىنجۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن جىنجۇ شەھىرىگە كېلىدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، ئاندىن شەھەر ئىچىدىن دىڭفىڭ چوققىسىغا بارىدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىسىز.