خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرىدىكى يۈنتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرە رايونى

يۈنتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرە رايونى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شيۇۋۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان، كۆلۈمى 190 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چۈنباۋ جىلغىسى، تەنباۋ جىلغىسى، خۇڭشى جىلغىسى، زىفاڭ كۆلى، ۋەنشەن ئىبادەتخانىسى، بەيجا تېشى، شيەنيۈەن باغچىسى، چىڭلۇڭ جىلغىسى، فىڭلىڭ جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فىڭلىڭ جىلغىسىنىڭ تاغلىرى ئېگىز، سۇلىرى سۈزۈك، مەنزىرىسى كىشىگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ، بۇ يەردە يەنە ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما يۈنتەي شارقىراتمىسى بار.

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    يۈنتەيشەن تېغى داڭلىق مەنزىرە رايونى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شيۇۋۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان، كۆلۈمى 190 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چۈنباۋ جىلغىسى، تەنباۋ جىلغىسى، خۇڭشى جىلغىسى، زىفاڭ كۆلى، ۋەنشەن ئىبادەتخانىسى، بەيجا تېشى، شيەنيۈەن باغچىسى، چىڭلۇڭ جىلغىسى، فىڭلىڭ جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فىڭلىڭ جىلغىسىنىڭ تاغلىرى ئېگىز، سۇلىرى سۈزۈك، مەنزىرىسى كىشىگە ئۆزگىچە زوق ئاتا قىلىدۇ، بۇ يەردە يەنە ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما يۈنتەي شارقىراتمىسى بار.

    چۈەنباۋ جىلىغىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر چىقىدۇ، رىۋايەت قىلىنىشچە، بۇ جاي تيەنخې ئەجدىھا پادىشاھى خەلقنى قۇرغاقچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، يورۇن سۇلتالنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا يامغۇر ياغدۇرغانلىقتىن، پانىي ئالەمگە پالانغان جاي ئىكەن. بۇ جىلغىدا غەيرى تاشلار، تاغلار بۇلۇقلار كۆپ، جىلغىنىڭ ئايىغى دەل ئېگىزلىكى 314 مېتىر كېلىدىغان ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما – يۈنتەي شارقىراتمىسى.

    خۇڭشى جىلغىسى زىفاڭ كۆلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، 8-ۋە 9-ئايلار ساياھەتكە ئەڭ باب كېلىدىغان ۋاقىت، خۇڭشى جىلغىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1500 مېتىر كېلىدۇ. جىلغىنىڭ جەنۇبىدا "يىشيەنتەين" ناملىق تار جىلغى، ئېگىزلىكى 60 نەچچە مېتىر كېلىدىغان بەيلۇڭ شارقىراتمىسى بار. جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغلار بىر "دەرۋازا" ھاسىل قىلغان، شۇڭا بۇ يەر يۈنتەيشەن تېغىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ. جىلغىدا يەنە شولۇڭتەن، خىيلۇڭتەن، چىڭلۇڭتەن، خۇاڭلۇڭتەن، ۋولۇڭتەن، ميەنلۇڭتەن، شىڭلۇڭتەن، زىلۇڭتەن، يۇلۇڭتەندىن ئىبارەت توققۇز كۆلچەك جيۇلۇڭ (توققۇز ئەجدىھا) كۆلىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە چۈەنشى غارى، شياڭۋىن تېشى، قوش شىر، تور، شاھمات تاختىسى تېشى قاتارلىق مەزىرە نۇقتىلىرى بار.

    جۇيۈ چوققىسىدا قەدىمىي دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار باراقسان ئۆسكەن، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %93كە يېتىدىغان بولغاچقا، تەبىئىي ئوكسىگىن بازىسى دېيىلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 1308 مېتىر ئېگىز، چوققىغا پادىشاھ جىنۋۇ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان. باغرىدا دورا شاھ غارى بار، چوڭقۇرلۇقى 30 مېتىر، دىئامېتىرى 10 مېتىر كېلىدۇ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ غار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دورا شاھى سۈن سىماۋ كومىلاچ دورا ياسىغان جاي ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوچاق غارى، يەنۋاڭ غارى، خۇاڭنى غارى قاتارلىق 10 نەچچە غار بار.

    يۈنتەيشەن تېغىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، "يۈنتەيشەن ھەققىدىكى رىۋايەت"، "چىڭلۇڭ جىلغىسى ھەققىدىكى رىۋايەت"، "يۈنتەيشەن تېغى" ناملىق كىتابلار نەشىر قىلىنغان، "چىنشىخۇاڭ"، "لۈ بۇ بىلەن دياۋ چەن" قاتارلىق ئون نەچچە تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنىڭ قىسمەن كۆرۈنۈشلىرى مۇشۇ يەردە ئېلىنغان.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: بىر-ئىككى كۈن

    بېلەت باھاسى 150 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: يازادا 06:00دىن 18:00گىچە، قىشتا 07:00دىن 17:00گىچە.

    ئادرېس: خېنەن ئۆلكىسى جياۋزو شەھىرى شيۇۋۇ ناھىيەسى

    جياۋزو ۋوگزالىدىن ھەر ئون مىنۇتتا بىر مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان ئاپتوبۇس قوزغىلىدۇ.

    جياۋزو ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتى ياكى ساياھەت بېكىتىدىن مەنزىرە رايونىغا ئاپتوبوسلار بار، بېلەت باھاسى 10 يۈەن.