خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرىدىكى لۇڭمىن تاغ غارى

لۇڭمىن تاش غارى لوياڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شىمالىي ۋىي سۇلالىسى دەۋرىدىكى پادىشاھ شياۋ ۋىندى مەزگىلىدە قېزىلغان، نەچچە سۇلالە ھالقىپ، 400 نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن. مەنزىرە رايونىدا 2300دىن كۆپرەك بۇت تەكچىسى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەيكەل قاتارلىقلار ساقلىنىپ قالغان، غەربىي تاغ تاش غارى، شەرقىي تاغ تاش غارى، بەي جۈيى قەبرىسى، شياڭشەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    لۇڭمىن تاش غارى لوياڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شىمالىي ۋىي سۇلالىسى دەۋرىدىكى پادىشاھ شياۋ ۋىندى مەزگىلىدە قېزىلغان، نەچچە سۇلالە ھالقىپ، 400 نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن. مەنزىرە رايونىدا 2300دىن كۆپرەك بۇت تەكچىسى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەيكەل قاتارلىقلار ساقلىنىپ قالغان، غەربىي تاغ تاش غارى، شەرقىي تاغ تاش غارى، بەي جۈيى قەبرىسى، شياڭشەن ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. لۇڭمېن تاش غارى، دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ تاغ غارى، يۈنگاڭ تاش غارى ۋە مەيجىشەن تېغى تاش غارى جۇڭگودىكى تۆت چوڭ تاش غار ھېسابلىنىدۇ، لۇڭمىن تاغ غارى 2000-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

    تاش غار مەنزىرە رايونى غەرب ۋە شەرقتىن ئىبارەت ئىككى بۆلۈككە بۆلۈنگە، بۇ ئىككى بۆلەك يىخې كۆلىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قىياغا جايلاشقان. غەربىي تاغدا شىمالىي سۇلالىلەر ۋە سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 50 نەچچە غار بار. فېڭشيەن ئىبادەتخانىسى لۇڭمىن تاش غارى مەنزىرە رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەنئەت قىممىتىئەڭ يۇقىرى جاي. فېڭشيەن بۇتخانىسى تاڭ گاۋزۇڭ − لى جى دەۋرىدە سېلىنغان، بۇ يەر ئىبادەتخانا دەپ ئاتالسىمۇ ئەمما ئىبادەتخانا بولماستىن بەلكى بۇتلار توپى، چۈنكى بۇ جاي تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خان جەمەتى ئىبادەتخانىلىرىغا تەۋە فېڭشيەن ئىبادەتخانىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تولغان كىشىلەر گۈزەل ھېسابلىناتتى، شۇڭا بۇتلارمۇ بۇ خىل گۈزەللىك قاراش ئارقىلىق ئويۇلغان. لوشەنە بۇددانىڭ ئېگىزلىكى 17.14 مېتىر، بۇ بۇتنىڭ يۈز شەكلى تولغان، قۇلاق يۇمشىقى ھەم ئۇزۇن ھەم قېلىن، بەدىنىمۇ بەستلىك ئويۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ بۇت ۋۇ زېتيەننىڭ ئوبرازى بويىچە ئويۇلغان ئىكەن، بۇت ناھايىتى مېھرىبان، سالماق، پاراسەتلىك كۆرىنىدۇ، ۋۇ زېتيەنمۇ شۇنداقمىدۇ؟

    غەربىي تاغدىكى فىڭشيەن ئىبادەتخانىسىدىن باشقا تاش غارلارمۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ، 10 مىڭ بۇت غارى ئىككى تەرىپىگە ئويۇلغان 4 سانتىمېتىر چوڭلۇقتىكى 15000 كىچىك بۇت بىلەن داڭلىق؛ نېلۇپەر غارىغا ئەڭ پەقەت ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇتلار ئويۇلغان . رېتسېپ تاش غارىنىڭ ئىشىكىگە نۇرغۇن رېتسېپ ئويۇلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ساياھەتچىلەرنى ئەستايىدىل ساياھەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

    شەرقىي تاغدا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇت تەكچىلىرى كۆپ، ئەمما تاش غار بىر قەدەر ئاز، يىمىرىلىش بىر قەدەر ئېغىر. شەرقىي تاغ تاش غارلىرى لوياڭدىكى شياڭشەن تېغىغا جايلاشقان، بۇ يەر تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر بەي جۈيى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇراقلاشقان جاي، بەي جۈيى شياڭشەن تېغىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، كېيىنكىلەرگە ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنى شياڭشەن تېغىغا دەپنە قىلىشنى تاپىلىغان. ئۇنىڭ ئاق قەبرىسى بەي جۈيى باغچىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئىچىگە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق خەتتاتلار يازغان 38 پارچە شېئىر ئويۇلغان تاشلار تىكلەنگەن.

    لۇڭمىن تاش غارىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىمۇ ئىنتايىن گۈزەل، كېچىدە چىراغلار يانغاندا، يىخې دەرياسىمۇ يورۇپ كېتىدۇ، ھەيكەل ۋە بۇتلارغا رەڭدار چىراغلار چۈشۈرۈلۈپ، مەنزىرە رايونى باشقىچە تۈسكە كىرىدۇ. ھەر يىلى 4-ئايدا لوياڭدا مودەنگۈل بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ چاغدا مەنزىرە رايونىمۇ ھەر خىل پائالىيەلەرنى ئۆتكۈزىدۇ، ساياھەتچىلەر شۇ ۋاقىتتا بارسا تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزور ئالالايدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    بېلەت باھاسى 100 يۈەن

    ئادرېس: لوياڭ شەھىرى لولۇڭ رايونى

    قاتناش: لوياڭدىن 53-60-81-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ.

    لوياڭ ئايرودۇرۇمىدىن 83-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، شىگۇاڭچاڭ بېكىتىدىن 81-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىسىز.

    لوياڭ لۇڭمىن بېكىتىدىن 67-71-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرىسىز.