ۋۇخەننىڭ ۋۇچاڭ رايونىدىكى خۇاڭخېلۇ راۋىقى

خۇاڭخېلۇ راۋىقى (سېرىق تۇرنا راۋىقى) ۋۇخەننىڭ ۋۇچاڭ رايونىغا جايلاشقان، ۋۇخەندىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سېلىنغان، خۇنەندىكى يۆياڭ راۋىقى، جياڭشىدىكى تېڭۋاڭ راۋىقى بىلەن «جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ راۋاق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ راۋاق بىر قانچە قېتىم بۇزۇلۇپ رېمونت قىلىنغان

    خۇاڭخېلۇ راۋىقى (سېرىق تۇرنا راۋىقى) ۋۇخەننىڭ ۋۇچاڭ رايونىغا جايلاشقان، ۋۇخەندىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سېلىنغان، خۇنەندىكى يۆياڭ راۋىقى، جياڭشىدىكى تېڭۋاڭ راۋىقى بىلەن «جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئۈچ چوڭ راۋاق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ راۋاق بىر قانچە قېتىم بۇزۇلۇپ رېمونت قىلىنغان، ھەر قايسى سۇلالىلەرنىڭ ئىمارەت ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھەممىسى ئېگىز ھەم ھەيۋەت سېلىنىدۇ، ھازىرقى خۇاڭخېلۇ راۋىقى 1981-يىلى چىڭ سۇلالىسىدىكى تۇڭجىلۇ راۋىقىغا ئوخشىتىلىپ قايتا سېلىنغان.

    خۇاڭخېلۇ راۋىقىنىڭ ئېگىزلىكى 51.4 مېتىر بولۇپ، جەمئىي بەش قەۋەت، ھەر بىر قەۋەت لەمپىسىنىڭ شەكلى خۇددى قانات قېقىپ تۇرغان تۇرنىغا ئوخشايدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئىچىنىڭ بېزىلىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىرىنچى قەۋەتنىڭ باش تېمىسى "رىۋايەت" بولۇپ، ئېگىزلىكى 9 مېتىر، كەڭلىكى 6 مېتىر كېلىدىغان "ئاق بۇلۇت ۋە سېرىق تۇرنا" رەڭلىك تام رەسىمى بار، تام رەسىمىنىڭ ئىككى يېنىغا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە ياشىغان جاڭ جىدۇڭ يازغان مەسنەۋى ئېسىلغان. 2-قەۋەرنىڭ باش تېمىسى تارىخ بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىدىن بۇيانقى ھەر قايسى دەۋىردىكى خۇاڭخېلۇ راۋىقىنىڭ مودېلى قويۇلغان. 3-قەۋەتكە سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق 13 زاتنىڭ يۈرۈشلۈك رەسىمى ئېسىلغان. 4-قەۋەتكە قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان نەقىشلىك دەرپەردە ۋە قىزىل پەردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئۆز يازمىلىرىنى قالدۇرسا بولىدۇ، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى يۈرۈشلۈك رەسىملەردە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ۋە خۇاڭخېلۇ راۋىقىنىڭ بىناكارلىق تارىخى نامايەن قىلىنغان، بۇ قەۋەتتە چاڭجياڭ دەرياسى ۋە ۋۇخەن-چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ.

    ۋۇچاڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ پارتلىغان جاي، خۇاڭخېلۇ راۋىقىغا يېقىن جايدا «قىزىل راۋاق» دەپ ئاتىلىدىغان شىنخەي ئىنقىلابى خاتىرە سارىيى بار، ئىچىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخىي سۈرەتلەر، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ساقلانغان. خۇاڭخېلۇ راۋىقى ۋە شىنخەي ئىنقىلابى خاتىرە سارىيىغا يىراق بولمىغان جايدا يۈز يىللىق كوچا - خۇبۇ كوچىسى بار، بۇ يەردىن ۋۇخەننىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    بېلەت باھاسى: 80 يۈەن، ئېتىبار باھالىق بېلەت بار.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 1-ئاپرېلدىن 31-ئۆكتەبىرگىچە 08:00دىن 18:00گىچە، 1-نويابىردىن 31-مارتقىچە 08:00دىن 17:00گىچە.

    ئادرېس: ۋۇخەن شەھىرى ۋۇچاڭ رايونى

    قاتناش: 1-4-10-61-64-108-401-402-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، خۇاڭخېلۇ راۋىقى بېكىتىدە چۈشىسىز.

    411-413-507-519-537-542-561-571-584-607-609-706-710-905-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، يۆماچاڭ بېكىتىدە چۈشىسىز.

    ۋۇخەن تيەنخې ئايرودۇرۇمىدىن 10-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، خەنكۇ ۋوگزالىدىن 295-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىسىز، ئاندىن چۈەنلۇڭ داداۋ بېكىتىدىن 265-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ خېڭتيەن گوڭلۇ بېكىتىدە چۈشىسىز.