يىچىڭ شەھىرىدىكى سەنشيا توسمىسى – چۈ يۈەننىڭ يۇرتى ساياھەت رايونى

چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا بوغۇزى غەربتە چۇڭچىڭ شەھىرى فېڭجې ناھىيەسىنىڭ بەيدىچېڭ شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرىدىكى نەنجىنگۇەنگىدە ئاياغلىشىدۇ، چۈتاڭ، ۋۇشيا، شىلىڭ بوغۇزلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر كېلىدۇ. سەنشيا بوغۇزى ئىككى قىرغاقىدا ئېگىز تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەڭ تار يېرى 100 مېتىر ئەتراپىدا

     

    چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا بوغۇزى غەربتە چۇڭچىڭ شەھىرى فېڭجې ناھىيەسىنىڭ بەيدىچېڭ شەھىرىدىن باشلىنىپ، شەرقتە خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرىدىكى نەنجىنگۇەنگىدە ئاياغلىشىدۇ، چۈتاڭ، ۋۇشيا، شىلىڭ بوغۇزلىرىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر كېلىدۇ. سەنشيا بوغۇزى ئىككى قىرغاقىدا ئېگىز تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەڭ تار يېرى 100 مېتىر ئەتراپىدا. سەنشيا چۇ بەگلىكىدىكى شائىر چۈي يۈەننىڭ يۇرتى، تارىختا بۇ يەردە جەڭ بولغان، بەيدىچېڭ قاتارلىق داڭلىق مەزىرە رايونلىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. لى بەي، سۇ شى قاتارلىق ئەدىبلەر بۇ يەردە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شېئىرلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

    سەنشيا توسمىسى چاڭجياڭ دەرياسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان ھازىرقى زاماندىكى مۆجىزە، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى. توغاننىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3035 مېتىر، ئېگىزلىكى 185 مېتىر، يۇقىرى سۇ ئورنى بىلەن تۆۋەن سۇ ئورنىنىڭ پەرقى 100 مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ يەردە يەنە سەنشيا كۆرگەزمىخانىسى، تەنزىلىڭ باغچىسى ، 185 باغچىسى، يېقىن توغان رايونى، سۇ ئېقىنىنى توسۇش خاتىرە باغچىسىدىن ئىبارەت بەش باغچا بار، بۇنىڭ ئىچىدە تەنزىلىڭ باغچىسى، 185 سۇپىسى ۋە سۇ ئېقىنىنى توسۇش خاتىرە باغچىسى ئۇزاق مۇددەت ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.

    تەنزىلىڭنىڭ شەكلى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغان كوزىغا ئوخشايدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 262.48 مېتىر ئېگىز بولۇپ، سەنشيا توسمىسىدىكى ئەڭ ئېگىز ئورۇن، بۇ يەردىن سەنشيا توسمىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسى ۋە قارشى قىرغاقتىدىكى فېڭخۇاڭشەن تېغى چۈي يۈەننىڭ يۇرتى ساياھەت رايونىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    سۇ ئېقىنىنى توسۇش خاتىرە باغچىسىدا ئېقىن توسۇش ئىشلىرىنى خاتىرىلەش تېمى، چوڭ تىپتىكى ماشىنا كۆرگەزمە مەيدانى قاتارلىق ئون نەچچە مەنزىرە نۇقتىسى تەسسىس قىلىنغان. باغچىدا ئۆزگەرتىلگەن تاشلاندۇق قاچىلاش ماشىنىلىرى، توشۇش ماشىنىلىرىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

    زىگۈي ناھىيەسى يېغىلىق دەۋرىدىكى چۇ بەگلىكىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر شائىرى چۈ يۈەننىڭ يۇرتى، زىگۈي ناھىيەسىدىكى فېڭخۇاڭشەن تېغىغا چۈي يۈەننىڭ يۇرتى مەدەنىيەت ساياھەت رايونى تەسسىس قىلىنغان، سەنشيا توسمىسى بىلەن بىر كۆۋرۈك ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، 600 مېتىر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 500 مو بولۇپ، ئىچىدە چۈ يۈەن يىگۇەن قەبرىستانلىقى، چۈ يۈەن مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزى مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

    چۈيۈەن ئىبادەتخانىسى فېڭخۇاڭشەن تېغىغا جايلاشقان، 2010-يىلى ئەسلىدىكى ئىمارەت ئۇسلۇبىدا چۈي يۈەننىڭ يۇرتى مەدەنىيەت ساياھەت رايونىغا قايتا سېلىنغان، دەرۋازا، چۈ يۈەننىڭ مىس ھەيكىلى، چۈيۈەن يىگۇەن قەبرىستانلىقى، چۈ يۈەننى خاتىرىلەش سارىيى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.

    بوغۇز-دەريا كونا ئاھالىلەر ھويلىسى قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئىمارەتلەر قېلىنلىقى بىر سانتىمېتىر كېلىدىغان «سىزىق خىش» بىلەن قوپۇرۇلغان، رەڭگى كۆك قارا. بوغۇز-دەريا كونا ئاھالىلەر ھويلىسىنىڭ ئەسلى ئورنى شىنتەندە ئىدى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئەسلىي قىياپىتىدە چۈي يۈەننىڭ يۇرتى مەدەنىيەت ساياھەت رايونىغا قايتا سېلىنغان،. ھەر قېتىملىق تاڭزۇڭزا بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا چۈي يۈەننىڭ يۇرتى ساياھەت رايونىدا ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى، تاڭزۇڭزا ئېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    بېلەت باھاسى: سەنشيا توسمىسى ھەقسىز، چۈ يۈەننىڭ يۇرتى ساياھەت رايونىنىڭ 90 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 08:30دىن 17:00گىچە.

    ئادرېس: خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرى

    قاتناش: سەنشيا توسمىسىغا بېرىش ئۈچۈن 4-10-21-100-101-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، يېمىڭجۇ بېكىتىدىن 8-يول ئاپتوبۇسىغا ئالمىشىپ، ليۇجاشۇ بېكىتىدە چۈشىسىز.

    چۈ يۈەننىڭ يۇرتىدا 101-102-9-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، خەيتۇڭ بېكىتىدە چۈشۈپ، تاكسى ئارقىلىق بارىسىز.