خېڭياڭ شەھىرىدىكى جەنۇبىي تاغ خېڭشەن تېغى مەنزىرە رايونى

خېڭشەن تېغى يەنە جەنۇبىي تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، «بەختلىك بولۇپ، تاغدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش» دېگەن سۆزدىكى تاغ دەل خېڭشەن تېغىنى كۆرسىتىدۇ، خېڭشەن تېغى خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرىدىكى جەنۇبىي تاغ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى بەش چوڭ تاغنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خېڭشەن تېغى بولسا، دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق داۋجياۋ دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس ئورنى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ۋە داۋجياۋ ساڭرامى بار

     

    خېڭشەن تېغى يەنە جەنۇبىي تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، «بەختلىك بولۇپ، تاغدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش» دېگەن سۆزدىكى تاغ دەل خېڭشەن تېغىنى كۆرسىتىدۇ، خېڭشەن تېغى خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرىدىكى جەنۇبىي تاغ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى بەش چوڭ تاغنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خېڭشەن تېغى بولسا، دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق داۋجياۋ دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس ئورنى بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ۋە داۋجياۋ ساڭرامى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 640 كۋادرات كېلومېتر، ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن خۇييەن چوققىسى، جۇروڭ چوققىسى، جەنۇبىي تاغ چوڭ بۇتخانىسى، قەھرىمانلار ئىبادەتخانىسى ، ماگۇ جەننىتى قاتارلىقلار بار.
    خېڭشەن تېغى گرانت تاش يەر شەكلىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق تاغ چوققىلىرىدىن 72 سى بار، 20 سىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تاغ چوققىسى چوقچىيىپ چىققان ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

    جۇروڭ چوققىسى خېڭشەن تېغىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300.2 مېتر كېلىدۇ، جۇروڭ بۇتخانىسى، جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسى، خۇيشيەن كۆۋرۈكى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇروڭ بۇتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئادەتتىكى بۇتخانىلارنىڭ ياغاچ، خىش، توپىلىق قۇرۇلمىسىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي گرانىت تاشتا ياسالغان، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆگزىسىگە قەلەي ئارىلاشتۇرۇلغان پولات كاھىش ياتقۇزۇلغان. بۇ بۇتخانىدا ئوت ئىلاھى جۇروڭغا ئىبادەت قىلىنىدۇ. جۇروڭ بولسا خېڭشەن تېغىنىڭ تاغ ئىلاھى بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، جۇروڭ ئىلگىرى خېڭشەن تېغىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، يەرلىك پۇقرالارغا ئوت ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن، ئۆلگەندىن كېيىن خېڭشەن تېغىغا دەپنە قىلىنىپ، بۇ تۇپراقنى داۋاملىق قوغداپ كەلگەن، ئۇ ئۇلۇغ نەتىجىلىرى بىلەن پۇقرالارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، شۇڭا «جەنۇبىي تاغ مۇقەددەس پادىشاھى» دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا شۇ يەرلىكنىڭ ئاساسلىق ئىبادەت قىلىدىغان ئوبيېكىتقا ئايلانغان.

    جۇروڭ بۇتخانىسىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى شاڭفېڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ تاماق يېسىمۇ، ياكى خۇيشيەن كۆۋرۈكىگە بېرىپ دېڭىز تاشپاقىسىغا ئوخشايدىغان گىگانت تاش ۋە نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرنىڭ تاش ئويمىسىنى كۆرسىمۇ بولىدۇ. جۇروڭ چوققىسىدىكى جەنۇبىي ئەرش دەرۋازىسى ۋە قۇياش تاماشا قىلىش سۇپىسى خېڭشەن تېغىدىكى بۇلۇتلارنى ۋە كۈن چىقىشنى كۆرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئورۇن ھىسابلىنىدۇ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر بۇ يەردە تۇرۇپ پۈتۈن خېڭشەن تېغىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلانسا بولىدۇ.

    تاغ ئېتىكىدىكى جەنۇبىي تاغ بۇتخانىسىمۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان مەنزىرە رايونى. جەنۇبىي تاغ بۇتخانىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان بولۇپ، بىر قانچە قېتىم رېمونت قىلىنغان، ھازىرقى ساقلانغان قۇرۇلۇش چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈ دەۋرىدە قايتىدىن رېمونت قىلىنغان. دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە « لىڭشىڭ ئىشىكى» دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، كىرگەندىن كېيىن ئۇدۇل ماڭغاندا «مۇقەددەس پادىشاھ ئوردىسى»غا بارغىلى بولىدۇ، بۇ بۇتخانىدىمۇ ئوت ئىلاھى جۇروڭغا ئىبادەت قىلىنىدۇ. جەنۇبىي تاغ بۇتخانىسىنىڭ ئالاھىدە يېرى شۇكى، بۇتخانىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى تەرىپىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەككىز يۈرۈش داۋجياۋ دىنى ساڭرامى ۋە سەككىز يۈرۈش بۇددا دىنى بۇتخانىسى سېلىنغان، بۇتخانا ئىچىدە داۋجياۋ دىنى بىلەن بۇددا دىنى ئورتاق مەۋجۇت بولۇش ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

    قەھرىمانلار ئىبادەتخانىسى شياڭلۇ چوققىسى ئاستىغا جايلاشقان، ئەتراپى قارىغاي ۋە ئارچىلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، دۆلىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىردىنبىر ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ۋاپات بولغانلارنى خاتىرىلەيدىغان چوڭ تىپتىكى قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى ھېسابلىنىدۇ، قەھرىمانلار ئىبادەتخانىسى نەنجىڭدىكى جۇڭشەن قەبرىستانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى بويىچە ياسالغان بولۇپ، كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ، ئىچىدە ياپون باسقۇنچىلىرىغان قارشى ئۇرۇشتىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە زۇڭلىنىڭ ۋەسىيىتى، گومىنداڭ پارتىيىسىدىكى مۇھىم ئەربابلارنىڭ بېغىشلىما سۆزلىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەنزىرە رايونلىرىدىن سىرت، فۇيەن بۇتخانىسى، شاقىراتما غارى، ماگۇ جەننىتى قاتارلىقلارنىمۇ كۆرۈپ كېلىشكە بولىدۇ. خېڭياڭ كونا شەھەر رايونىدا قولدا ياسالغان كۈنجۈت شېكىرى، دۇفۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر چېيى، ئۇزۇن ئۆمۈر توقىچى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە يېمەكلىكلەر سېتىلىدۇ. خېڭشەندىكى ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەر يىلى دېھقانلار كالىندارى بويىچە 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدە تيەنفۇ (ئاسمان ئىلاھىنىڭ ئەلچىسى) ئىلاھىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغان بۇتخانا سەيلىسى ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چامباشچىلىق، سېرىك ئويۇنى، ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىق ئويۇنلار قويۇلىدۇ؛ 7-ئايدىن 9-ئايغىچە كۈجە كۆيدۈرۈش مەزگىلى، بولۇپمۇ دېھقانلار كالىندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 1-كۈنى جەنۇبىي تاغ مۇقەددەس پادىشاھىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە ھەر قايسى جايلاردىكى كۈجە كۆيدۈرگۈچىلەرنىڭ بۇ يەرگە جەم بولۇشى بىلەن ئىنتايىن قىزىپ كېتىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1-2 كۈن

    بېلەت باھاسى:

    جەنۇبىي تاغ خېڭشەن مەركىزى ساياھەت رايونى: جانلىنىش پەسلى (5.1-10.31): 120 يۈەن ؛ سۇس پەسىل (11.1-4.30) : 80 يۈەن

    جەنۇبىي تاغ بۇتخانىسى : جانلىنىش پەسلى 60 يۈەن؛ سۇس پەسىل 40 يۈەن

    ئېچىۋېتىلىدىغان ۋاقىت: پۈتۈن كۈن ئېچىلىدۇ

    ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت: 8-10-ئايغىچە

    ئادرېسى: خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرى جەنۇبىي تاغ رايونى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    پويىز:

    چاڭشا پويىز ئىستانسىسى ــــ چاڭشا جەنۇبىي ئاپتوبۇس بېكىتى ـــــ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي تاغ خېڭشەن تېغى مەنزىرە رايونىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ

    ئايروپىلان:

    چاڭشا خۇاڭخۇا خەلقئارا ئايرودۇرومى ـــــ ئايرودۇروم ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ چاڭشا جەنۇبىي بېكىتىگە بارىدۇ ـــــ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي تاغ خېڭشەن تېغى مەنزىرە رايونىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس:

    خېڭياڭ پويىز ئىستانسىسى ـــــ 18-يول، 24-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، خېڭياڭ مەركىزىي ئاپتوبۇس بېكىتىگە بارىدۇ ــــ شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي تاغ خېڭشەن تېغى مەنزىرە رايونىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.