جاڭجياجې ۋۇلىنيۈەن ـ تيەنمېنشەن تېغى ساياھەت رايونى

ھوللىۋودنىڭ فانتازىيىلىك فىلىمى «ئاۋاتار» كۆرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، كىنودىكى پاندورا پىلانىتىدىكى نۇرغۇنلىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ جۇڭگونىڭ جاڭجياجېدا كۆرۈنۈشكە ئېلىنغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەڭ روشەن بولغىنى كىنودىكى ھەيۋەتلىك لەيلىمە تاغ ـ ھاللىيھۇييا تېغىنىڭ ئەسلى شەكلى جاڭجياجې ۋۇلىنيۈەن يۈەنجياجېدىكى «جەنۇبىي ئاسمان تۈۋرۈكى»دۇر.

     

    ھوللىۋودنىڭ فانتازىيىلىك فىلىمى «ئاۋاتار» كۆرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى، كىنودىكى پاندورا پىلانىتىدىكى نۇرغۇنلىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ جۇڭگونىڭ جاڭجياجېدا كۆرۈنۈشكە ئېلىنغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەڭ روشەن بولغىنى كىنودىكى ھەيۋەتلىك لەيلىمە تاغ ـ ھاللىيھۇييا تېغىنىڭ ئەسلى شەكلى جاڭجياجې ۋۇلىنيۈەن يۈەنجياجېدىكى «جەنۇبىي ئاسمان تۈۋرۈكى»دۇر.

    جاڭجياجې دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. جاڭجياجې ئالاھىدە قۇم تاش قۇرۇلمىلىق يەر شەكلىگە تەۋە بولۇپ، كۋارتىس قۇم تاشلار ئاقما سۇ، ئېغىرلىق كۈچى، شامال قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ئۈزلۈكسىز يىمىرىلىپ، ئەڭ ئاخىرى تاش تۈۋرۈكلۈك تۈزۈلۈشلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، جاڭجياجېدىكى ئاجايىپ چوققا ۋە تاغ بىلەن ئۆڭكۈر ئورتاق مەۋجۇت بولغان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

    جاڭجياجېدىكى ساياھەت بايلىقى ئاساسلىق ۋۇلىنيۈەن رايونى بىلەن يوڭدىڭ رايونىغا جايلاشقان. ۋۇلىنيۈەننىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا «ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئاجايىپ چوققا، سەككىز يۈزدىن ئارتۇق ئېقىنغا ئىگە» دېگەن نامى بار، «ئاۋاتار»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «ئالۋاستى تۇتۇش خاتىرىسى» قاتارلىق كىنولارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردىن كۆرۈنۈش ئالغان. ۋۇلىنيۈەن جاڭجياجې دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى ۋە دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، سوشى جىلغىسى، تيەنزىشەن تېغى، ياڭجياجېدىن ئىبارەت تۆت بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. ۋۇلىنيۈەندە ئاجايىپ نەپىس بولغان تاش تۈۋرۈكلىرىنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە كارستلىق يەر شەكلىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ، ساياھەتچىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ ستالاكتىت، ستالاگمىت، تاش گۈلى قاتارلىقلارنى كۆرەلەيدۇ. سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغان شياڭشى خەلقئارا مەدەنىيەت مەيدانىدا شياڭشىنىڭ قالتىس ئويۇنلىرىنى كۆرەلەيدۇ، شىبۇ سودا كوچىسىدا تۇجيا مىللىتىنىڭ ھەرخىل ئالاھىدە يېمەكلىكلىرى ۋە قول سەنئەت بۇيۇملىرى سېتىلىدۇ.

    جاڭجياجېغا كەلگەندە، بارمىسا بولمايدىغان جايدىن يەنە يوڭدىڭ رايونىغا جايلاشقان تيەنمېنشەن تېغى ساياھەت رايونى بار. بۇ يەردە ئاسىيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان تيەنمېنشەن ئاسما ۋاگونى بار، ئاسما ۋاگوننىڭ ئۇزۇنلۇقى 7500 مېتر ئەتراپىدا بولۇپ، ئېگىزلىك پەرقى 1200 مېتىرغا يېتىدۇ، يول بويى ئەگرى توقاي خەتەرلىك بولغان توڭتيەن يولىنى كۆرگىلى بولىدۇ. توڭتيەن يولى تاغ ئېتىكىدىن تيەنمېن ئۆڭكۈرىگىچە سوزۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11 كېلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېتىر كېلىدىغان ئورۇندىن 1100 مېتىر كېلىدىغان ئورۇنغىچە 99 ئەگمە بولۇپ، ئىنتايىن خەتەرلىك يول ھىسابلىنىدۇ. تاغ چوققىسىغا كەلگەندىن كېيىن مەشھۇر تيەنمېن ئۆڭكۈرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، تيەنمېن ئۆڭكۈرى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىز بولغان تىك يار ئارىسىغا جايلاشقان، پۈتۈن ئۆڭكۈرنىڭ ئېگىزلىكى 130 مېتردىن ئارتۇق، كەڭلىكى 57 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 60 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاغدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئۆڭكۈر ھېسابلىنىدۇ. تيەنمېن ئۆڭكۈرىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزەتمەكچى بولغانلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ يەرگە 999 پەلەمپەيگە ياماشقاندىن كېيىن ئاندىن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. تيەنمېنشەن تېغى مەنزىرە رايونىدا يەنە گۇيگۇ ئاسما يولى ۋە ئەينەكلىك ئاسما يولىدا مېڭىپ سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، ئاسما يولنىڭ ئەتراپى ھەيۋەتلىك تاش تۈۋرۈكلەرگە تولغان، ئاستى تەرىپى چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ، ساياھەتچىلەرگە قورقۇنچلۇق ۋە ھاياجانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ غەيرىتىنى سىنايدۇ.

    ساياھەت رايونى دەرىجىسى: AAAAA

    ئەڭ ياخشى پەسلى : 4-10-ئايغىچە

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1ـ2 كۈن

    بېلەت باھاسى:

    جاڭجياجې دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى (65 يۈەنلىك مۇھىت ئاسراش ماشىنا بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئادەتتىكى باھا 245 يۈەن؛ ئېتىبار باھا 160 يۈەن

    تيەنمېنشەن تېغى ئادەتتىكى باھا 258 يۈەن؛ ئېتىبار باھا 135 يۈەن

    سېھرىي كۈچكە ئىگە شياڭشىنىڭ باھاسى: 308يۈەن \ A رايون؛ 268 يۈەن \ B رايون؛ 228 يۈەن \ C رايون

    « تيەنمېندىكى تۈلكە پەرىشتە، ليۇخەينىڭ ئوتۇن كېسىشى» ئادەتتىكى باھا 238 يۈەن؛ ئېتىبار باھا 140 يۈەن

    خۇاڭلوڭ ئۆڭكۈرى ئادەتتىكى باھا 100 يۈەن؛ ئېتىبار باھا 60 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: ۋۇلىنيۈەن 6:30 ـ 18:30؛ تيەنمېنشەن تېغى 8:00-18:00

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار:

    1. چاڭشا ــ چاڭچاڭ، چاڭجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ــ جاڭجياجې

    2. بېيجىڭ ــ (جىڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئارقىلىق) چاڭشا ــ چاڭچاڭ، چاڭجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ــ جاڭجياجې

    3. شاڭخەي ـ نەنجىڭ ـ خېفېي ـ تىشەن ـ خۇاڭگاڭ ـ ۋۇخەن ـ چاڭشا ـ جاڭجياجې؛ ياكى شاڭخەي ـ خاڭجۇ ـ جىنخۇا ـ چۈجۇ ـ نەنچاڭ ـ جۇجوۋ ـ چاڭشا ـ جاڭجياجې

    ئاممىۋىي قاتناش:

    ۋۇلىنيۈەن، ئورمان باغچىسى: جاڭجياجې مەركىزى ئاپتوبۇس بېكىتى، جاڭجياجې پويىز ئىستانسىسى، جاڭجياجې نېلۇپەر ئايروپورتىنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت رايونىغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئاپتوبۇسلار بار

    تيەنمېنشەن تېغى ساياھەت رايونى : 10-،5-،6-،4-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، تيەنمېنشەن تېغى ئاسما ۋاگونى بېكىتىدە چۈشسە بولىدۇ.