گەنسۇ ئۆلكىسى جيايۈگۈەن شەھىرى جيايۈگۈەن مەدنىيەت يادىكارلىقى مەنزىرە رايونى

جيايۈگۈەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ خېشى كارىدروىنىڭ ئوتتۇرىسى. شەرقتە خېشىدىكى مۇھىم جاي جيۇچۈەن شەھىرى، غەربتە نېفىت شەھىرى يۈمىن بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىدا ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ ئۇل سۇپىسى، شىمالىدا خىيەشن تېغىغا تۇتاش سەددىچىن سېلىپى بار. بۇ جاي يەنە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېلىپىنىڭ غەربىي ئۆتكىلى بولۇپ، "ئالەمدىكى بىرىنچى قىيىن ئۆتكەل" دېگەن نامى بار.

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    جيايۈگۈەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ خېشى كارىدروىنىڭ ئوتتۇرىسى. شەرقتە خېشىدىكى مۇھىم جاي جيۇچۈەن شەھىرى، غەربتە نېفىت شەھىرى يۈمىن بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىدا ئالەمدىكى ئەڭ چوڭ ئۇل سۇپىسى، شىمالىدا خىيەشن تېغىغا تۇتاش سەددىچىن سېلىپى بار. بۇ جاي يەنە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېلىپىنىڭ غەربىي ئۆتكىلى بولۇپ، "ئالەمدىكى بىرىنچى قىيىن ئۆتكەل" دېگەن نامى بار. بۇ يەرنىڭ يەر تۈزۈلىشى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەمما مەنزىرىسى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم، جەنۇبتا چىليەن تېغىغا، شىمالدا مازۇڭ تېغىغا يېقىن، قەدىمىي پېپەك يولىنىڭ ئاساسلىق قاتناش تۈگىنى.

    جيايۈگۈەندە جياڭيۈگۈەن ئۆتكىلى، قىيالىق سەددىچىن سېپىلى، ئالەمدىكى ئەڭ ئۇل سۇپىسى، ۋىي ۋە جىن بەگلىكلىرىنىڭ قەبرىلىرى، مۇلەن شەھىرى، 1-ئىيۇل مۇزلۇقى، پىلانېر بازىسى قاتارلىق تەبئىي ۋە سۈنئىي مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

    قىيالىق سەددىچىدىن سېپىلى جيايۈگۈەننىڭ شىمالىغا سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان شىگۈەن جىلغىسى ئېغىزىنىڭ شىمالىدىكى خىيشەن تېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرى گەنجۇدىكى غەربىي سەددىچىن سېپىلىنىڭ شىمالىي قىسمى، جيايۈگۈەن ھەربىي ئىشلار مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ بىر قىسىمى. بۇ سېپىل مىڭ سۇلالىسى جياجياڭ 18-يىلى (1539-يىلى) سېلىنغان، ھازىرغىچە 750 مېتىر قىسمى ساقلاغان، 1987-يىلى رېمونت قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى سېرىق توپىدا خاڭداپ ياسالغان 231 مېتىر سېپىل ئېگىزلىكى 150 مېتىر، يانتۇلىقى 45 گىرادۇس كېلىدىغان تاغ قىرىغىقىدا بولغاچقا، "قىيالىق سەددىچىن" دېگەن نام قويۇلغان.

    جيايۈگۈەن سەددىچىن مۇزېيى ئېلىمىزدىكى سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تونۇشتۇرىدىغان تۇنجى مۇزېي. ئىلگىرىكى مۇزېي 1989-يىلى 10-ئايدا جيايۈگۈەن شەھىرىدە قۇرۇلغان، يېڭى مۇزېي جيايۈگۈەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەنزىرە رايونىغا 2003-يىلى 1-ماي سېلىندى، ئومۇمىي كۆلۈمى 4523.36 كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلۈمى 3499 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئاساسلىق ئىمارەتلەرنىڭ شەكلى تۇرا شەكلىدە بولۇپ، بىر-بىرىگە قاراپ، سەددىچىن سېپىلى بىلەن تۇتىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. مۇزېينىڭ ئىچىدە يەتتە كۆرگەزمە زالى بار، جۇڭگو تارىخشۇنالىق ساھەسى، مەدنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخولوگىيە ساھەسىنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى سەددىچىدىن سېپىلى تەتقىقات نەتىجىلىرى، يېغىلىق دەۋرىدىن مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان 3000 يىلدىكى سەددىچىن سېپىلىنى سېلىشقا ئائىت ماتېرىياللار ساقلانغان بولغاچقا، سەددىچىن سېپىلىغا ئائىت بىلىملەر سىستېمىلىق نامايەن قىلىنىدۇ.

    سەددىچىن ئۇل سۇپىسى تاۋلەي دەرياسى ئۇل سۇپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جيايۈگۈن غەربىي سەددىچىن سېپىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇل سۇپىسى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئۇل سۇپىسى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ بويىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان قەدىمدىكى ھەربىي ئۆتكەل.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    ئەڭ مۇۋاپىق ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 5-ئايدىن 10-ئايغىچە

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    ئېچىلىش ۋاقتى 08:30دىن 20:00گىچە، ساياھەتچىلەر ئاز مەزگىلدە 08:دىن 18:00گىچە.

    بېلەت باھاسى 120 يۈەن، ساياھەتچىلەر ئاز مەزگىلدە 100 يۈەن.

    ئادرېس: گەنسۇ ئۆلكىسى جيايۈگۈەن شەھىرى.

    قاتناش:

    1. شەھەر ئىچىدىن 4-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ چىڭلۇ (قوۋۇق) بېكىتىدە چۈشىسىز.

    بىر كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىگە ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بېرىپ-كېلىش 50 يۈەن.

    باشقا جايدىن بارسىڭىز، دۇنخۇاڭ، لەنجۇ، ئۈرۈمچى، شىئەن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بەزىلىرى جيايۈگۈەن ئايرودۇرۇمىدا توختايدۇ.

    2.جيايۈگۈەن ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى، لەنجۇ، بېيجىڭ، شاڭخەي، جىنجۇ، چىڭدۇ، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان پويىز بار، جيايۈگۈەندىن لەنجۇغا بېرىپ-كېلىدىغان پويىز پۈتۈن كۈن قاتنايدۇ.

    3. تاشيول بىلەن بارماقچى بولسىڭىز، 312-دۆلەت يولى ئارقىلىق بارىسڭىز بولىدۇ، جيايۈگۈەن قاتناش بېكىتى غەلبە ئوتتۇرا يولى ۋە يېڭى غەربىي يولىنىڭ كېسىشكە يېرىغا جايلاشقان، ھەر كۈنى لەنجۇ، ۋىيۋۇ، جىڭچاڭ، جاڭيې، يۈمىنجىن، ئۈرۈمچى، شىئەن، لىڭشيا قاتارلىق جايلارغا ئاپتوبۇس قاتنايدۇ. جيايۈگۈەن بىلەن جيۇچۈەن شەھىرى يېقىن بولغاچقا، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتنايدۇ، بېلەت باھاسى ئۈچ يۈەن، بۇ مۇساپىگە يېرىم سائەتلا كېتىدۇ.