پىڭلياڭ شەھىرى كۇڭتۇڭ تېغى داڭلىق مەنزىرە رايونى

كۇڭتۇڭ تېغى مەنزىرە رايونى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پىڭلياڭ شەھىرىنىڭ غەربىگە 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلۈمى 84 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسلىق چوققا دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز، بۇ جاي قەدىمىي يېپەك يولىدىكى مۇھىم قورغان. كۇڭتۇڭ تېغىنىڭ "غەرىبتىكى بىرىنچى تاغ"، "غەربتىكى ئاجايىپ مەنزىرە"، "كۇڭتۇڭ تېغىنىڭ مەنزىرىسى جاھاندا بىر" قاتارلىق گۈزەل ناملىرى بار.

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    كۇڭتۇڭ تېغى مەنزىرە رايونى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پىڭلياڭ شەھىرىنىڭ غەربىگە 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلۈمى 84 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاساسلىق چوققا دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز، بۇ جاي قەدىمىي يېپەك يولىدىكى مۇھىم قورغان. كۇڭتۇڭ تېغىنىڭ "غەرىبتىكى بىرىنچى تاغ"، "غەربتىكى ئاجايىپ مەنزىرە"، "كۇڭتۇڭ تېغىنىڭ مەنزىرىسى جاھاندا بىر" قاتارلىق گۈزەل ناملىرى بار. كۇڭتۇڭ تغىدا نۇرغۇن غارلار بار، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، جەمئىي 32 چوڭ-كىچىك غار بار ئىكەن، كۇڭتۇڭ تېغىنىڭ نامى مۇشۇ غارلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

    كۇڭتۇڭ تېغىدا چاۋياڭ غارى، لېيشىڭ چوققىسى، ليەنخۇا ئىبادەتخانىسى، زاڭجىڭ راۋىقى، جىنۋۇ سارىيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

    لېيشىڭ چوققىسى ئاساسلىق چوققا مازۇڭ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارماق تاغ تىزمىسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 مېتىر، قىزىل رەڭدە. لېيشىڭ چوققىسى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ پەسلەيدىغان بولغاچقا، چوققىغا سېلىنغان ئىمارەتلەر ئېگىز-پەس بولۇپ، ناھايىتى گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغان. لېيشىڭ چوققىسى بەك تىك بولغاچقا، يامغۇر يېغىپ چاقماق چاققاندا، چاقماق ئاۋازى جىلغىدا قايتا-قايتا يېنىپ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندەك ئاۋاز ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا بۇ يەرگە لېيشىڭ (چاقماق ئاۋازى) چوققىسى دېگەن نام قويۇلغان.

    ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ليەنخۇا (نېلۇپەر) ئىبادەتخانىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ جىڭگۈەن يىللىرى سېلىنغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخرىدىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، مىنگونىڭ 4-يىلى يەنى 1915-يىلى جۇ جىنسەي قاتارلىقلار ئىنائە توپلاپ، 18 يىل سەرىپ قىلىپ، ئۈچ شىمالىي ساراي، بىر يەر ئىبادەتخانىسى، بىر ئىبادەتخانا دەرۋازىسى، 16 يان ئۆينى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مىنگونىڭ 25-يىلى، جىن شۈن باش بولۇپ شەرققە قارايدىغان ئىككى قەۋەتلىك، خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق غەربتىكى سەنشىڭ راۋىقىدىن بەشنى سالغان. كېين راھىب پۇشەن ۋە پۇخۇالار باش بولۇپ ئىبادەخانا دەرۋازىسىنى يېڭىلىغان، ئۈچ قوتان سالغان، 1958-يىلى بۇ يەر تاشلىۋېتىلگەن. 1983-يىلى راھىب شى چاڭخۈي ئىنائە توپلاپ، غەربكە قارايغان ئالتە يان ئۆي سالغان، 1985-يىلى جەنۇبغا قارايدىغان ئۈچ ساراينى رېمونت قىلغان، سەنئەتچى دەي گوخۇا ئالتۇن تەنلىك ساكيەمونى، مانجۇسرى، سامانتابخادرا بۇدساتۋا شۇنداقلا 18 ئارخاتنى قايتا ياساتقۇزغان. 1990-يىلى بۇددا دىنى جەمئىيىتى باش بولۇپ شەرقتىكى سەنشىڭ راۋىقىنى رېمونت قىلغان.

    چاۋياڭ غارى شىر داۋىنىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، بۇ غار ئانچە چوڭ ئەمەس، غار ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى سەككىز مېتىر، ئېگىزلىكى بەش مېتىر، چوڭقۇرلۇقى بەش مېتىر، بۇ يەردە باشقا يول بولمىغاچقا ساياھەتچىلەر ناھايىتى ئاز، شۇڭا كەلگەن كىشى تىمتاسلىققا چۆمىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تاڭ نۇرى ئالدى بىلەن بۇ غارغا چۈشدىكەن، شۇڭا بۇ غارغا چاۋياڭ (تاڭ نۇرى) دېگەن نام قويۇلغان ئىكەن.

    يەرلىكتە پاچاق ۋە پىڭلياڭ چۈرۈك پىرەنىكى قاتارلىق ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر بار. پىڭلياڭ چۈرۈك پىرەنىكى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا ناھايىتى داڭلىق يېمەكلىك. پىڭلياڭ چۈرۈك پىرەنىكى خەنزۇلارنىڭ ئەنسۇ چۈرۈك پىرەنىكى ۋە خۇيزۇلارنىڭ مىڭسۇ، چېسۇ چۈرۈك پىرەنىكى دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بولىدۇ. كېيىنكى ئىككىسىنى مۇسۇلمانلار يېسە بولىدۇ، تاتلىق ۋە تۇزلۇتىن ئىبارەت ئىككى خىل تەمى بار.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى:AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش پەسلى: 6-ئايدىن 11-ئايغىچە

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    بېلەت باھاسى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە 12- يۈەن، 11-ئايدىن 3-ئايغىچە 60 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقت: 07:00دىن 19:00غىچە

    ئادرېس: گەنسۇ ئۆلكىسى پىڭلياڭ شەھىرى كۇڭتۇڭ رايونى

    قاتناش: پىڭلياڭ ۋوگزالىدىن لەنجۇ، شياڭخەي، يىنچۈەن، چىڭدۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان پويىز بار، پىڭلياڭ ۋوگزالىدىن 1-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئىچىگە كىرگىلى بولىدۇ.

    پىڭلياڭدا ئاممىۋى قاتناش ناھايىتى قولايلىق، پىڭلياڭ قاتناش بېكىتىدىن لەنجۇ، تيەنشۈي، ئۈرۈمچى، جىنچاڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بار.