شىزۈيشەن شەھىرى قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونى

قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونى نىڭشيانىڭ شىزۈيشەن شەھىرى بىلەن لوپىڭ كەنتىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىزۈيشەن شەھەر رايونىدىن 26 كېلومېتر كېلىدۇ، يىنچۈەن شەھىرىگە 56 كېلومېتر كېلىدۇ. قوملۇق كۆلىدە جەنۇبىي رايونلاردىكى سۇ ماكانىنىڭ قىياپىتى بار، شۇنداقلا غەربىي شىمالنىڭ قۇملۇق مەنزىرىسىمۇ بار، مەنزىرە رايونىدا كۆل ۋە قۇملۇق ئورگانىك بىرىككەن. قۇمۇش بىلەن نېلۇپەر ئارىلىشىپ ئۆسكەن

     

    قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونى نىڭشيانىڭ شىزۈيشەن شەھىرى بىلەن لوپىڭ كەنتىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىزۈيشەن شەھەر رايونىدىن 26 كېلومېتر كېلىدۇ، يىنچۈەن شەھىرىگە 56 كېلومېتر كېلىدۇ. قوملۇق كۆلىدە جەنۇبىي رايونلاردىكى سۇ ماكانىنىڭ قىياپىتى بار، شۇنداقلا غەربىي شىمالنىڭ قۇملۇق مەنزىرىسىمۇ بار، مەنزىرە رايونىدا كۆل ۋە قۇملۇق ئورگانىك بىرىككەن. قۇمۇش بىلەن نېلۇپەر ئارىلىشىپ ئۆسكەن، قۇشلار ماكان تۇتقان، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن بولۇپ، ساياھەت قىلىشتىكى ياخشى ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونى جۇڭگودىكى ئون گۈزەل نەم تۇپراق، جۇڭگودىكى ئون گۈزەل ساياھەت كۆلى قاتارلىق ئالاھىدە ناملارغا ئېرىشكەن.

    قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 80 كۋادرات كېلومېتر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇ يۈزى 45 كۋادرات كېلومېتر، قۇملۇق كۆلىمى 23 كۋادرات كېلومېتر. ئاساسلىق ساياھەت رايونلىرىدىن: ھەرخىل قۇشلار شادلىق باغچە مەنزىرە رايونى، يۈز مو نېلۇپەر باغچە مەنزىرە رايونى، نېل دەرياسى مەنزىرە رايونى، قۇملۇق يېپەك يولى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار بار.

    مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە ئەڭ ئاۋۋال كەڭ كەتكەن كۆل كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالىدۇ، قۇملۇق كۆلىدىكى كۆل سۈيى سۈزۈك بولۇپ، ئەتراپىدىكى قۇملۇق بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. كۆل يۈزىدە بىر ئادەم ئېگىزلىكىدىكى نېلۇپەرلەر لەيلەپ تۇرىدۇ، ئارىسىدا سۇ جانلىقلىرى گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي ئۈزۈپ يۈرىدۇ، يىراقتىكى سۇلۇق يەرلەردە قۇشلار ئارام ئالىدۇ، يەنە بەزى قۇشلار كۆل يۈزىدە قانات كېرىپ ئۇچىدۇ، خۇددى تاغ ئارىسىدىكى يېشىللىقنىڭ رەسىمىگە ئوخشايدۇ، پەقەت ئورنى غەربىي شىمال رايونىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ.

    سۇلۇق يەر شارائىتى ۋە قۇيۇق ئۆسكەن نېلۇپەرلەر قۇملۇق كۆلىنى قۇشلار ياشاپ، كۆپىيىدىغان ياخى جايغا ئايلاندۇرغان. قۇملۇق كۆلىدە 200 خىلغا يېقىن، بىر مىليوندىن ئارتۇق قۇش بار بولۇپ، نىڭشيادىكى قۇش ئومۇمىي سانىنىڭ %30 دىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدۇ، ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق قۇشلار جەننىتى ھېسابلىنىدۇ. ساياھەت رايونىدا ھەرخىل قۇشلار شادلىق باغچە مەنزىرە رايونى، قۇشلار ئارىلى، قۇشلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىنغان، ئاساسلىق قۇش تۈرلىرىدىن ئاق تۇرنا، قارا تۇرنا، ئاققۇ، كۈلرەڭ تۇرنا، ئۆردەك، قىزىل قاشقا تۇرنا، جۇڭخۇا ئىلمەك قۇيرۇق ئۆردىكى قاتارلىقلار بار. ھەر يىلى 4~5-ئاي، 9~10-ئاي مەزگىللىرىدە، بىر مىليوندىن ئارتۇق قۇش كۆچۈپ، ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇملۇق كۆلىدە يەنە ھەرخىل بېلىقلارمۇ مول، كۆلنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى سۇ جانلىقلىرى سارىيىدا ۋۇچاڭ بېلىقى، سەمەندەر، دېڭىز تاشپاقىسى قاتارلىق نەچچە ئون خىل قىممەتلىك بېلىق تۈرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    قۇملۇق بىلەن كۆلنى تاماشا قىلغاندىن سىرت، قۇملۇق كۆلى مەنزىرە رايونىدا يەنە باشقا ئوينايدىغان يەرلەرمۇ بار. نېل دەرياسى مەنزىرە رايونىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى سەنئەتكارلانىڭ قۇم ھەيكەل ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. نېلۇپەر باغچىسى قۇملۇق كۆلىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ياز پەسلىگە كەلگەندە يۈز مو كۆلەمدىكى نىلۇپەر گۈلى تەڭ ئېچىلىدۇ. قۇملۇق يېپەك يولى مەنزىرە رايونىدا قەدىمكى قۇرۇقلۇق يېپەك يولى بويىدىكى مەنزىرىلەر كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

    قۇملۇق كۆلىنىڭ تەبىئىي شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونى يەنە ھەر خىل سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى يولغا قويغان. كۆلدىكى سۇ ئۈستى ئايروپىلانى، سۇ ئۈسىدە پاراشوتتىن سەكرەش، سۇ موتوسىكلىتىنى ھەيدەش، دولقۇندا تېيلىش قاتارلىق ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار، قۇملۇقتا بولسا كارتىڭ ماشىنىسى، دالا ماشىنىسى، قۇم تېيلىش، قۇملۇق ۋالىبولى، پۇتبولى قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناشقا بولىدۇ، يەنە تۆگىگە مىنىپ قۇملۇقنى ساياھەت قىلىشقا، ياكى ساياھەت ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ بوشلۇقتىن مەنزىرە رايونىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

    ساياھەت رايونى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغا ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 6~8 سائەت

    ئەڭ ياخشى ساياھەت قىلىش پەسلى: 5~10-ئاي

    كىرىش بېلىتى:

    4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە: 60يۈەن \ ئادەم؛ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە: 40يۈەن \ ئادەم

    ئادرېسى: نىڭشيا شىزۈيشەن شەھىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    يىنچۈەندىن قۇملۇق كۆلىگە:

    يىنچۈەن شىمالىي قوۋۇق ساياھەت ماشىنا بېكىتى ـ قۇملۇق كۆلى ساياھەت لىنىيىسى ـ قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونى

    (داۋۇبىڭ، خۇينوڭ، خوڭگوزى، رۇجىگوۋ، لوڭخۇ، پىڭلو، ياۋفۇ، قۇملۇق كۆلى قاتارلىق يولدىن ئۆتىدىغان ياكى قۇملۇق كۆلىگە بىۋاسىتە بارىدىغان نۆۋەتچى ماشىنىلارغا ئولتۇرسا بولىدۇ.

    شىزۈيشەندىن قۇملۇق كۆلىگە:

    دابىڭكوۋ رايونى ماشىنا بېكىتىدىن يىنچۈەن، ياۋفۇ قاتارلىق ئورۇنلارغا بارىدىغان، قۇملۇق كۆلىدىن ئۆتىدىغان ماشىنىلارغا ئولتۇرسا بولىدۇ

    پىڭلودىن قۇملۇق كۆلىگە:

    پىڭلو غەربىي قوۋۇق ماشىنا بېكىتى ـ قۇملۇق كۆلى ساياھەت لىنىيىسى ـ قۇملۇق كۆلى ساياھەت رايونى